نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > نـادىـر ئـويـۇنـلار > يازما مەزمۇنى

[تەۋسىيە] كۈچلۈك خاسلىققا ئىگە قۇتقۇزۇش تىپىدىكى تەۋەككۈلچىلىك ئويۇنى – ئۆسۈملۈك زېرەكلەر(Botanicula)

2009-يىلى، بىر دانە مۇستەققىل ئويۇن تۇيۇقسىز ھالدا بىزنىڭ دىققىتىمىزنى قوزغاپ نەزەر دائىرىمىزگە بۆسۈپ كىردى، ئۇ دەل «ماشىنىلاشقان ئېزىتقۇ شەھىرى(机械迷城)» ناملىق ئويۇندۇر، ئەينى چاغدا بۇ ئويۇن دۆلەت ئىچىدىمۇ خېلىلا داڭق قوزغىغان، تەدبىركار باشلىق تورداشلارمۇ بىر گۈزەل سەنئەت ئەسىرىدىن ھوزۇرلانغاچ بۇ ئويۇننى تۈگەتكەن ئىدى. ھازىر بۇ ئويۇننى تۈزگەن گۇرۇپپا يەنە بىر قېتىم كلاسسىك يېڭى ئەسەردىن بىرنى – ئۆسۈملۈك زېرەكلەر(Botanicula) نى ئالغاچ كەپتۇ.

Botanicula

«ماشىنىلاشقان ئېزىتقۇ شەھىرى»گە ئىشلىتىلگەن ئېلىمېنتلارغا قارىغاندا، «ئۆسۈملۈك زېرەكلەر» گە رەڭلىك ۋە پۇزۇر بولغان ھۈجەيرىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئۇسلۇب ئىشلىتىلگەن، يەنە مۇھىت ئاسراش تىپىدىكى ئويۇن دەيدىغان نامىمۇ بار، ئويۇندا زىيانداش جانلىقلارنىڭ ئورمانلىقنىڭ ئېكئولوگىيىسىگە تەھدىد ئېلىپ كەلگەنلىكى ۋە بەش نەپەر زېرەك جەڭچىنىڭ ئورمانلىقنى قوغداپ، ئۆسۈملۈك ۋە ئۇرۇقلارنىڭ زىيانداشلارنىڭ تەسىرىدە يامان سۈپەتلىك كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولغانلىقى تەسۋىرلەنگەن، سەنئەت پۇرىقى ئىنتايىن كۈچلۈك ۋە نەپس ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

yoohoo_botanicula

ئويۇندىن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر:

ئويۇننى قاچىلاش ئۇسۇلى:

1. پرىستېن يېشىمىز
2. setup.bat ئارقىلىق قاچىلاش ئېلىپ بارىمىز
3. ئېكراندىكى تېزلەتمە ئايكون ئارقىلىق باشلاپ كەتسەك بولدى

چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دە چۈشۈرۈڭ):

ئۆسۈملۈك زېرەكلەرنى چۈشۈرۈش      |     مەنبە: تورخۇمار     |    ماشىنىلاشقان ئېزىتقۇ شەھىرى     |    تېخىمۇ كۆپ ئويۇنلار



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. بەختىم 2012.10.13 , 17:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يانا بىر دىۋان.. ئاھ خۇدا..:grin:

  2. ئويانچى 2012.10.13 , 18:47 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ئويۇن ھىلىقى ‹كۇب› دىگەن ئويۇننىڭ ئۇسلۇبىغا ئازراق ئوخشاپ قالىدىكەن

  3. سودىگەر 2012.10.13 , 19:35 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇلىنىش ئادىرىسى توغرا بولمىدىمۇ نىمە ؟ يامەن قاملاشتۇرالماي ۋاتامدىم؟ چۈشمىدى :cry:

  4. goodluck 2012.10.13 , 22:15 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قاچىلاش ئېلىپ بارىمىز دېمەي قاچىلايمىز دېسەڭلار بومماسمىدى:shock:

  5. شۇنداق 2012.10.13 , 22:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان،سافا دەپ نېمۇنچىلا قىلىپ كېتىدىغاندۇ دەيمەن.ياخشى نەرسىلەرنىڭ ياخشىلىقىنى بىلسەك بولدى،ئېغىزغا چىققۇدەك گەپ چىقمىسىمۇ،نەدە
    خەن خەقتىن دوراپ كەلگەن دىۋان ،سافا ،تۆر دەپ
    شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟نېمانچە
    ئەرزەن گەپلەر ئەمدى.

  6. كۈرەش 2012.10.14 , 10:21 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خاسلىقىڭ – قىممىتىڭ …!

  7. تاماشىبىن 2012.10.14 , 21:57 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاي مىتىلدىتىپ پەقەت ئوينىيالمىدىم. پاشىدەك غىڭشىپلا يۈرۈيدىكەن بۇلار….، ئاۋازنى ئادەملەر ئۆز ئاغزى بىلەن تەبىئىي بېرىپتۇ.

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量