نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > نـادىـر ئـويـۇنـلار > يازما مەزمۇنى

تاشلاندۇق زېمىن2(Borderlands) – يۇمۇرىستىك ۋە رىۋايەت تۈسىدىكى كلاسسىك FPS ۋە RGP يۇغۇرۇلغان قالتىس ئويۇن

ئۈچ يىل ئىلگىرى، ھېچكىم بىلمەيدىغان ئۆزگىچە يېڭى بىر ئويۇن – «تاشلاندۇق زېمىن» (Borderlands) ئېلان قىلىندى، بۇ ئويۇن ئۆزىگە خاس بولغان كۆرۈنمە يۈز تۈسى، ھەمدە FPS(قوراللىق ئېتىشىش تىپى) بىلەن RGB(مەخلۇقلارنى ئۆلتۈرۈپ دەرىجە ئۆرلەش تىپى) ئۇسلۇبى بىرلەشتۈرۈلگەن يېڭىچە ئويناش ئۇسۇلى، يېڭىچە بولغان ئويۇن كەسىپلىرى، مول بولغان ماھارەت ئېلىمېنتلىرى ھەمدە ئىنتايىن ئەركىن بولغان ئويۇن شارائىتى ئارقىلىق مىليونلىغان ئويۇن مەستانىلىرىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتتى. ئويۇن ھەقىقەتەن قالتىس ئىشلەنگەن بولغاچقىمۇ، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئويۇنغا FPS تۈرىدىكى Diablo دەپ نام بېرىپ ئۈلگۈردى.

BorderLands2

تورخۇمارلار كۇلۇبىدىمۇ بۇ ئويۇن خېلى بۇرۇنلار «ئىگە چاقىسىز زېمىن» دېگەن نامدا ئېلان قىلىنغان ۋە نۇرغۇن تورداشلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتقان ئىدى. مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بۇ ئويۇننىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد نەشىرى «تاشلاندۇق زېمىن2»(BorderLands2) ئاخىرى ئېلان قىلىندى! ئىككىنچى ئەۋلادتا بىرىنچى ئەۋلادقا قارىغاندا يېڭىلىقلار خېلىلا كۆپ. پۈتۈنلەي يېڭىچە بولغان ماھارەت، شارائىت، دۈشمەن، قورال-جابدۇقلار ۋە پېرسوناژلار، ئەلۋەتە يەنە نۇرغۇن يۇمۇرىستىك ۋە فانتازىيەگە تويۇنغان ھېكايىلەر…

[ ئويۇندىن كەسمىلەر ]

ئەلۋەتتە، ئويۇننىڭ كۆرۈنمە يۈزىدىمۇ خېلى زور ئىلگىرىلەشلەر بار، تەشۋىق فىلىمىدىن قارىغاندىلا ئويۇننىڭ قانچىلىك دەرىجىدە قىززىقتۇرۇش كۈچىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ، ئوينىغاندا تېخىمۇ پۇخادىن چىقىشىمىز مۇمكىن. ئويۇن چىقىشى بىلەن ھەرقايسى تاراتقۇلار ۋە ئويۇن مەستانىلىرىمۇ بەس-بەستە ياخشى باھالىرىنى بېرىپ ئۈلگۈردى، بۇنداق ياخشى ئويۇننى ئەلۋەتتە تورخۇمارلارغا تەۋسىيە قىلماي بولماس؟

ئويۇننىڭ تەشۋىق فىلىملىرى:

قاچىلاش ئۇسۇلى:

1. چۈشۈرۈپ پۈتۈنلەي لاتىنچە ھەرپتىن تۈزۈلگەن مەنزىلگە يېشىپ بېرىمىز؛
2. setup.bat ھۆججىتىنى قوش چېكىپ قاچىلاش ئېلىپ بارىمىز؛
3. يېشىش يامىقىنى ئۇرىمىز؛
4. خەنچىلەشتۈرۈش يامىقى ۋە خەرىتە يامىقىنى ئۇرىمىز؛
5. ئويناشنى باشلىساق بولدى.

چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دە چۈشۈرۈڭ):

تاشلاندۇق زېمىن2 نى چۈشۈرۈش     |   مەنبە: تورخۇمار    |    يېشىش يامىقى    |   خەنچە تىل يامىقى    |    خەرىتە يامىقى



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ۋىروس 2012.10.02 , 18:39 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاھ … ما ئويۇننىڭ كۆرۈنمە يۈزى بەك پېچەت. مەن مۇشۇ ئۇسلۇبدىكى ئويۇنلارغا بەك ئامراق !

  2. شىرخان 2012.10.03 , 16:41 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئويناپ باقايمۇ ئەمسە

  3. بالاجان 2013.09.18 , 11:06 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    rgbئەمەس rpg

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量