نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > نـادىـر ئـويـۇنـلار > يازما مەزمۇنى

ھەقىقىي پۇتبول PES 2013 ئېلان قىلىندى!

pes2013

ھەقىقى پۇتبول 2013 ئاخىرى ئېلان قىلىندى! ئىشىنىمەنكى، بۇ pes ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن چوقۇم ھاياجانلىنارلىق بىر خەۋەر بولسا كېرەك؟ يېڭى نەشىردىكى ھەقىقى پۇتبول ئويۇنىدا كۆرۈنمە يۈز ۋە مەشغۇلات جەھەتتىن نۇرغۇن ئۆزگەرتىش ۋە ئەلالاشتۇرۇش بولۇپلا قالماستىن، يەنە بىر قىسىم يېڭىلىقلار، مەسىلەن، پۈتۈنلەي كونترول قىلىش، توپچىلارنى دەلىللەش دېگەندەك ئىقتىدارلارمۇ قوشۇلغان…

[ PES 2013 تىن كەسمىلەر ]


«ھەقىقى پۇتبول 2013» بولسا PES ئائىلىسىدىكى ئەڭ يېڭى بىر ئەزا ھېسابلىنىدۇ. PES 2013 نىڭ ئوبراز ئەلچىلىكىنى داڭلىق پۇتبولچى كىرىستىيان رونالدو ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئويۇن ئەسلىدىكى لايىھە ئىدىيەسى بويىچە، تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇلغان كلاسسىك ئېلىمېنتلار قوشۇلۇپ ھەقىقىيلىقى يەنە بىر بالداق كۆتۈرۈلگەن.

ئويۇننىڭ تەشۋىق فىلىمى:

ئويۇنغا يېڭىدىن قوشۇلغان پۈتۈنلەي كونترول قىلىش ئىقتىدارى ئارقىلىق چىقىرىلغان ھەر خىل ھەرىكەتلەر:

ئويۇننى قاچىلاش ئۇسۇلى:

1. پۈتۈنلەي ئېنگلىزچە ھەرپتىن تۈزۈلگەن مەنزىلگە يېشىپ بېرىمىز؛
2. setup.bat ھۆججىتىنى قوش چېكىپ قاچىلاشنى باشلايمىز، تەخمىنەن 15 مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ؛
3. قاچىلاش جەريانىدا تەرتىپ نومۇرى سورىسا تۆۋەندىكى نومۇرلارنى كىرگۈزۈپ بەرسەك بولىدۇ؛

V7TV-W3JX-6CC3-3DDU-Y3W7
SHVY-3LE9-TMNH-7K5L-JN73
E5DW-NHA5-RR9T-DLMH-A6NP
JX3P-2V79-SYH5-Y46F-TC7L

4. Crack ھۆججەت قىسقۇچى ئىچىدىكى يېشىش يامىقىنى ئويۇن قاچىلانغان غول مۇندەرىجىگە كۆچۈرۈپ قويۇپ ئويۇننى قوزغاتساق بولدى.

چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دا چۈشۈرۈڭ):

PES 2013 نى چۈشۈرۈش     |     مەنبە: تورخۇمار



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ئۇيغۇربەگ 2012.09.21 , 12:29 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇيغۇربەگمۇ ئويناۋاتىدۇ!

  2. ئۇيغۇربەگ 2012.09.21 , 12:29 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇيغۇربەگمۇ ئويناۋاتىدۇ!

  3. ۋىروس 2012.09.21 , 12:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇ تاختىدا زادى ئوينىيالمايمەن جۇمۇ مۇشۇ ئويۇننى

  4. ۋەتەن 2012.09.21 , 12:32 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇھ ، مەن يەنىلا ئەڭ قەدىمكىسىنى ئويناۋاتىمەن، بۇنىمۇ ئويناپ باقاي بىر ھەپتە .
    pes8 دە بارسىلونانىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئۆزگەرتىپ شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسىنى چىققان ، ھازىر جاھاننى سوراۋاتىمەن .
    كومپيۇتېر ئويۇنلىرى ئېچىدە ئويناپ قويۇشقا تېگىشلىكى مۇشۇ «ھەقىقى پۇتبول» ئويۇنى دەپ قارايمەن . ئەگەر تۇتۇشۇپ كۆرمەكچى بولغانلارغا مەن تەييار :razz:

  5. تىكەن 2012.09.21 , 17:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇنى دەپ ئويون رولى ئالدىم دىسە!!
    60 سۇڭلۇق تېلېۋىزوردا ئوينىسا پەيزى بولىدىكەن، ئەپسۇس ئۆزۈم يالغۇزدە~~~

  6. ئىليار 2012.09.22 , 17:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇنى ئىزدەپ يۇرگەن …
    ئەمدى رولدىن بىر نى ئالماي بولمىدى …

  7. ياۋا كەپتەر 2012.09.24 , 22:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن چۈشۈرگەن ئىدىم. لېكىن setup ھۆججىتىنى تاپالمىدىم.

  8. تېكىن 2012.09.25 , 14:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن چۈشۈرگەن بىراق، ئاخىرىنى چىقرالماي قالدىم. بولسا بىر ياردەم قىلساڭلار چ چ 645250116

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量