WOW چىلار قېنى سىلەر؟ 5 سائەتتە 300 مىڭ قېتىم كۆرۈلۈش رېكورتى ياراتقان «مۈشۈكئېيىقنىڭ سىرى» ناملىق CG فىلىم
يەرشارىدىكى ئەڭ قالتىس ئويۇن دەپ تەسۋىرلىنىدىغان، نەچچە يۈز مىڭ ئويۇن مەستانىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئۇتۇقلۇق ئويۇن 魔兽世界 نى ھەقىچان تورخۇماردىمۇ ھېلىھەم ئويناۋاتقانلار بارغۇ دەيمەن؟ بۇدا بۇ ئويۇننىڭ يېڭى قىسسىسى «魔兽世界:熊猫人之谜» ئېلان قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان بولۇپ، بۇ بەلكىم WOW مەستانىلىرىگە نىسبەتەن يەنە بىر خۇشاللىق بولۇشى مۇمكىن. تۆۋەندە شۇ ھەققىدە ئىشلەنگەن مەخسۇس CG فىلىمنى كۆرۈپ باقايلى، قارىماققا تېخى يېقىندا ئېلان قىلغان 暗黑破坏神3 نىڭ CG فىلىملىرىدىن قېلىشمىغۇدەك چىققاندەك تۇرىدۇ….
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر,نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: CG، ئويۇن، سىن
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 12,566 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 08-ئاينىڭ 30-كۈنى
- يازما مەنزىلى: world-of-warcraft-panda-mists-of-pandaria-hand.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ماشىنا ھەيدەۋاتقاندا قىسقا ئۇچۇر يازسا قانداق بولىدۇ؟ جاۋابىنى تاپىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ، ساقچى تۇتمىسىمۇ ئۆلىسىز…
- كېيىنكى يازما > BMW M5 ھەققىدە ئىشلەنگەن يەنە بىر ئېلان – Bullet | ھەقىقى Need for Speed دېگەن مۇشۇدە؟!
- كىنو دەرىجىسىدە ئىشلەنگەن ئويۇن CG فىلىملىرى
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- جەڭگاھ 1 ئېلان قىلىنماقچى! بۇ يىلغا تەۋە ئەڭ ياخشى قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- روسىيەدە يۈز بېرىۋاتقان ھەقىقىي تۇرمۇش نۇسىخىدىكى GTA 5 | بەزى كۆرۈنۈشلەرگە قاراپ توۋا دەپ قالىسىز
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
دىۋان پەتھى قىلىندى!
ئالى مەكتەپتە خېلى ئوينىغان…..
مۇشۇ ئويۇننىڭ چۈشۈرۈش ئادىرىسى بولسا يوللاپ قويغان بولساڭلار
ئەگەر راستىنلا يېڭىدىن قېتىلسا، مەن يەنە ئويناپ كېتىدىغان بولدۇمدە، ئاران تارتىۋالغان ئۆزۈمنى بۇ ئويۇندىن.
ئەگەر ئويناپ باقمىغانلار بۇ ئويۇننى باشتىن ئوينىسا مېنىڭچە بىردەمدىلا زېرىكىدۇ. چۈنكى ئويۇننىڭ ئىچىدە ئۈگىنىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن نەرسىلەر بار. يېتەكلەپ ماڭىدىغان ئادەمدىن بىرسى بولسا مانا ئۇ باشقىچە بولىدۇ. ئاز-ئازدىن بىر-بىرلەپ ئۈگۈنۈپ مېڭىپ بۇ ئويۇنغا قانداقلارچە خۇمار بولۇپ قالغىنىنى تۇيماي قالىدۇ.
مەن بىرىنجى قېتىم ئوينىغىنىمدا يەنىلا ئۆزۈمنىڭ ئېتىشىدىغان ياكى تورسىز ئويۇنلىرىمغا يەتمەيدىكەن دەپ ھېس قىلغان. كېيىن ئىچكىرىلەپ كىرگەنسېرى بۇ ئويۇننىڭ ھەقىقىلىككە، چىنلىققا باشقا ئويۇنلارغا قارىغاندا
ئەڭ يېقىنلاشقانلىقىنى ھېس قىلدىم.
مەخلۇقلار دۇنياسى(WOW) نىمە ئويۇنكى دېسەڭلار ئازىراق چۈشەندۈرۈپ قوياي.
بولسا بىر شۇنداق قىلىڭە ، مىنىڭمۇ بەك ئوينىغۇم بار بۇ ئويۇننى ، ھەقلىقمۇ ياكى ھەقسىز ؟ ئويناش ئۇسۇللىرى قاتارلىقلاردىن ئازراق چۈشەنچە بەرسىز ، مىنىڭ مۇڭداشقۇ نۇمۇرۇم : 632985072 ئالاقىشىپ تۇرساق .
مەن ھەممىدىن بۇرچنىڭ چاقىرىقى(使命召唤)نىڭ ئويۇنىغا ئامراق،مانا بۇيرۇقنىڭ چاقىرىقى9:قارا رەڭلىك ھەرىكەت 2(使命召唤9:黑色行动2)مۇ چىقىپ بولدى ھازىر ئويناۋاتىمەن،ئويۇننىڭ قاتىلى يەنىلا شۇ،ھەي…بۇيرۇقنىڭ چاقىرىقى 8:ھازىرقى زامان ئۇرۇشى3(使命召唤8:现代战争3)دە Yuriبىلەن Soapقۇربان بولغاندا كۆڭلۈم بەك يېرىم بولغانتى نېمىلا بولمىسۇن Soapبىلەن 2يىل بىللە ئۇرۇش قىلغانتىم ئەمەسمۇ.
گۇمپىچى مۇشۇكئېيىقنىڭ كىنو ئېلانىنى كۆرگەندەكلا بوپقالدىميا
پاھ ، جۇڭگو بازىرىنى يەنىمۇ ئىچكىرلەپ ئاچاي دەتۇدە …
2005- يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى ھازىرغىچە ئىنىق ئىسىمدە. شۇ كۈنى كېچە سائەت 0 بىلەن
9C شىركىتى شاڭخەيدىكى بىرلا مۇلازىمېتىرى بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى 公测 قىلىشنى باشلىغان. مەن دوستلىرىم بىلەن ئاشۇ سائەت 0 دىن باشلاپ بۇ يىل Diablo3 ئىلان قىلىنغىچە ئويناپتىمەن. Blizzard شىركىتى World of Warcraft نى ئىلان قىلىپ، تور ئويۇنى ساھەسىنى يېڭىلىۋەتتى. ھازىر قارىساق، بۇ 7 ياشقا كىرىپ قالغان ئويۇننىڭ بۇرۇنقىدەك قىزىقتۇرغىچىلىكى قالمىدى، نۇرغۇنلىغان WOW چىلار ئاللىبۇرۇن بۇ ئويۇندىن ئايرىلدى. يېڭى كىرىپ ئويناۋاتقانلار WOW نىڭ زادى قانداق ئويۇن ئىكەنلىكىنى بىلمەيلا ئوينايدۇ. ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا، بىر 精英 ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈنمۇ خېلى ۋاقىت سەرپ قىلاتتۇق. كىچىك FB لاردىمۇ 灭 بولۇپ كېتەتتۇق، ئەمما ھېكچىم ۋايسىمايتى، داۋاملىق جەستىمىزنى ئىزدەيتۇق. ئويۇنغا كىرىش ئۈچۈنمۇ 1-2 سائەت ئۈچرەتتە تۇراتتۇق. ھازىر بىر كىچىككىنە خاتالىق تۈپەيلى، تىللىشىش، ئاغرىنىش…يەنە كەمسىتىشكە ئۇچراپ ئەترەتكە كىرەلمەسلىك… دېگەندەك ئىشلار تولا. ئىشقىلىپ ھازىرقى WOW نى ئويناۋاتقانلار بۇرۇنقىلارغا پەقەت ئوخشىمايدۇ.
ماڭا يەنىلا ئەڭ بۇرۇنقى نەشىرنىڭ CG سى ياخشى بىلىنىدۇ.
تور ئويونى؟؟
ئۆمىرۈمدە خوشۇم يوك نەرسە بۇ!!!
ھى ھى ھى!
تور ئويۇنلىرىنى ئوينىمىغان ياخشى !
مەن بىر چاغلاردا ‹传奇›ئوينايتتىم،ئەمدى ھېس قىلدىمكى ؛ئۆتمەس قېلىچنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىپتىمەن،،،،،،
سەت كۈلىۋەتتىم ما گەپكە، ئوقۇۋاتقان چاغلاردا تورخانىغا كىرسەك، مۇشۇ ئويۇننى ئويناۋاتقانلارنىڭ جىقلىقىنى كۆرەتتۇق، قىلىچنى كۆتۈرىۋېلىپ بىر نىمىلەر قايتا قايتا چاناپ ئۇچۇپ يۈرەتتى، پەقەت چۈشەنمەيتتىم، كاللامدىن ئۆتمەيتتى
بۇ بەك قالتىسكەن مەن ئەڭ سۈزۈكىنى چۈشۈرىۋالدىم
ياخشى!!!
قورامىغا يەتمىگەنلەر پەقەت ئوينىماڭلار . بۇ ئويۇننىڭ مىھرى بەك ئسسىق.سىلەرنى ھەقىقەتەنمۇ بىر مەۋھۇم دۇنياغا باشلاپ كىرىدۇ.ئەڭ ياخشىسى مەندەك ئوقۇپ بولغانلار ئوينىسۇن. 2007 -يىلىدىن باشلىغان ھا زىرمۇ ئويناۋاتىمەن.تېخمۇ ياخشى ئويناش ئۇچۇن سائەت سائەتلەپ بۇ ئويۇنغا مۇناسىۋەتلىلك خەنچە مۇنبەرلەرگە كىرىپ ماتىريال كۆرىمەن .ئشقىلىپ بەك مۇرەككەپ ئويۇن…
قايسىڭلار مۇشۇ ئويۇنغا مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇرچە بىلوگ ياكى تور بەتلىرىنى بىلسىلەر،ماڭا دەپ بەرگەن بولساڭلار…..
مەن تېخى 熊猫3نىڭ 预告片سىى ئوخشايدۇ،دەپتىمەن
سەت كۈلىۋەتتىم ما گەپكە،
مەن ئويناۋاتقىلى 3 يىلدىن ئاشتى، بىر جەمەت ئوينايمىز بۇ ئويۇننى.
ھەي … ئەمدى ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەرگە كىرىش ئۇچۇنمۇ ئانچە – مۇنچە خەنزۇچە سەۋىيە بولمىسا پەقەت بولمايدىكەندە … بولمىسا ئىنكاسلارنى يېرىم چۈشۇنىدىغان گەپكەن
نامسىز`توخوردەي سىز بەزې گەپلەنى ئاناتىلدا دەممەيدۇ مانابۇ بىزنېڭ كەلگۈسېمىز
مەن بۇ ئۇيۇننى 4 يىل ئويناپتىمەن