كاللا ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىدىغان نادىر ئويۇن – ماشىنىلاشقان ئېزىتقۇ شەھىرى(Machinarium)
«ماشىنىلاشقان ئېزىتقۇ شەھىرى» بولسا Amanita Design دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىچىك ئويۇن تۈزەش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن قىزىقارلىق ھەم كاللا ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىدىغان، ھەرخىل مەخپىي ئۆتكەللەرنىڭ سىرىنى تېپىش ئارقىلىق كېيىنكى قەدەمگە ئۆتكىلى بولىدىغان نادىر 2D ئويۇن. ئويۇننىڭ پۈتكۈل تارماقلىرىنى تولۇق تۈگىتىش ئەمىلىيەتتە ئۇنچە ئاسان ئەمەس، نۇرغۇن ئويۇن ھەۋەسكارلىرى بۇ ئويۇننىڭ ماي قەلەم ئۇسلۇبىدىكى پۇرىقىنى بىر كۆرۈپلا ياقتۇرۇپ قېلىشقان، بىر ئويناپ بېقىشقا ئەرزىيدىغان ئويۇن!
ئويۇننىڭ سۈرەت لايىھەسى ناھايىتى نەپس لايىھەلەنگەن بولغاچقا، ئويۇننىڭ سىغىمىمۇ 300MB غا بارىدۇ، تۆۋەندىكى سىن ئارقىلىق ئويۇندىن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈشكە بولىدۇ:
بۇ ئويۇننى دەسلىۋىدە بىر كۆرۈپلا ياقتۇرۇپ قېلىپ چۈشۈرۈپ ئويناپ باققان ئىدىم، ئىككى دوستۇم بىلەن قوشۇپ جەمئىي 3 ئادەم ئەتتىگەن سائەت 8 دىن باشلاپ تاماق يېمەي ئويناپ كەچ سائەت 10 دا ئاران تۈگەتتۇق، ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتكەنلىكىنىمۇ بىلمەيلا قاپتىمىز. كاللا ئىشلىتىش تىپىدىكى ئويۇنلارنى ياقتۇرىدىغان تورداشلارنىڭ ئىشتىھاسىغا ئىنتايىن باپ كېلىشىدە گەپ يوق!
چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دا چۈشۈرۈڭ):
ماشىنىلاشقان ئېزىتقۇ شەھىرى | مەنبەسى: torhumar.com | خەنچىلەشتۈرۈش يامىقى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئويۇن
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 03-ئاينىڭ 27-كۈنى
- يازما مەنزىلى: machinarium.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > قاپ يۈرەكلىك بىلەن ئىشلەنگەن ئېلان! كىم جوڭنىڭ ھەربىي پاراتنى كۆزدىن كەچۈرىشى!!!
- كېيىنكى يازما > فانتازىيەلىك فىلىملەردىن قېلىشمايدىغان ئاجايىپ فەچەت ئىشلەنگەن ئېلان Infinity
ئۈستىدە ئوڭ تەرەپ بۇرجەكتىكى كىچىك ئويۇننى ئوينىسا خەرىتە بېرىدۇ .مەنمۇ بەك تەستە تۇگەتكەن.2-قىسىمى چىققان بولسا يوللاپ قويساڭلار چۇ؟
ئىككىنچى قىسمى تېخى چىقمىدى. سىز ئۇلارنىڭ تور بېكىتىگە بېرىپ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ:
http://machinarium.net/blog/
يوو قايلاپ تۇسام يوللىنىپتى …چىسەم بىردەمدە ما ئىككەيلەن تۆرىگە چىقىۋاپتا …
ئىچىم پۇشقاندا ئويناي ئەمسە …مەن بەك ئامراق مۇشۇنداق ئويۇنغا …
چۈشۈرگىلى بولمىدىغۇ ؟
بۇ ئويۇننى بۇلتۇر ئويناپ تۈگەتكەن ئېدىم. ئاجايىپ پەيزە.
بۇ بۇرۇن يوللىنىپ بولغان كونا تېمىغۇ دەيمەن ؟ تەدبىىركار ئەپەندىم ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ نىمە ؟
ھازىر ئويۇن ئويناشقا خوشۇم قالمايۋاتىدۇ، تەددىي ھەزرەت، رېتسىپ بەرسىلە!
فىلىمدىكى كۆرۈنۈشنىڭ ئەڭ ئاخىردىكى ۋەزىپىدىكى بىرتال تۇتاش تۇرردىغان لامپۇچكىنى قەتئى تاپالمىدىم.
قولىڭىزنى ئۇزاتسىڭىزلا تاپقىلى بولىدىغۇ؟ فىلىمدىمۇ شۇنداق ئېنىق ئەسكەرتىپتۇ.
ئىشقىلىپ كلاسسىك ئويۇنلارنىڭ بىرى، بىر ئوينىمىسا بولمايدىغان ئويۇن.
قارىغاندا سىز ئويناپ باقماپسىزدە؟
مەنمۇ بۇلتۇر ئويناپ تۈگەتكەن ئېدىم…گۈزەللىك سىزىمى ياخشى كىشىلەر ياختۇرۇپ ئوينايدۇ
ئۆزىنىڭ مەخسۇس تورىدىن چۇشۇرسە 8 ياۋرۇكەن …مەن 5 يۈەنكە سىتىۋالغان…ھى ھى ھى
بۇنداق ئويۇنلارغا بىرلا كىرىشىپ قالسا شۇنى ئاخىرلاشتۇرمىغىچە بولدى قىلغۇسى كەلمەيدىكەن ئادەمنىڭ.
چۈشمەي دىغۇ.
ماڭا يارىدى جۇمۇ؟