يەرنى كولاپ يەر شارىنىڭ قارشى تەرىپىدىن چىقىشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟
مۇنبەر دېگەنمۇ قىززىق نېمە، ئويۇنخۇمار گەپچى باللار قىززىق گەپلەرنى قىلىشىپ باشقىلارنى كۈلدۈرىدۇ ياكى كولدۇرلىتىدۇ، نۇرغۇن ئوماق تورداشلار كۈلىدۇ ھەم كولدۇرلىتىلىدۇ. بۇ ئوماقلارنىڭ ئىچىدە قانداقلا نەرسىنى كۆرسە ئىشىنىپ قالىدىغان ھاڭۋاقتىلارمۇ، ھاڭۋاقتىلارنىڭ ساددىلىقىغا ھەيران بولۇپ ھاڭۋىقىپ ئىنكاس يازىدىغان سۆيۈملۈك تور قۇرتلىرىمۇ بار. كولدۇرلاتقانلارنى كولدۇرما قىلىپ چالىدىغان قىززىقچى، ھۇشيار ئويۇنچىلارمۇ بار. بىرسى مۇنداق بىر تېمىنى ئوتتۇرغا تاشلايدۇ…
قەشقەرلىك تورداش: قەشقەردىن يەرنى تۈپتۈز كولىسام قەيەردىن چىقارمەن دەپ گۇگىللىسام جەنۇبى ئامىرىكىغا يېقىن دېڭىزدىن چىقىدىكەنمە.
نامەلۇم تورداش: مەن دېڭىزدىن چىقىپ قالسام سۇ ئۈزۈشنى بىلمەيتتىم، قانداقمۇ قىلارمەن؟!!
ئاقسۇلۇق تورداش: ئاقسۇ شەھىرىنىڭ تىگىنى ھارماي كولىسىڭىز ئۇدۇل ئامېرىكىنىڭ چىكاگو شەھىرىدە ئۆزىڭىزنى كۆرىسىز. ئېسىل شەھەرگە بېرىپ قالىسىز.
نامەلۇم قىززىقچى تورداش: ئەمىسە ئاقسۇلۇقلار ئامرىكىغا ۋېزا -پاسپورتسىزمۇ بىرىپ كىلەلەيدىكەنسىلەر، نېمە دېگەن ياخشى…
ئۈرۈمچىلىك تورداش: (ئىنتايىن جىددىي قىياپەتتە) ئۈرۈمچىدىن كولىسا قەيەردىن چىقىدىغاندۇ؟
نامەلۇم تورداش: ئۈرۈمچىدىن باشلاپ كولىسا ئۇدۇل دوزاققا چۈشەرمىكىن….
بۇ ئۇچۇردىن قورقۇپ كەتكەن نامەلۇم تورداش: تولىمۇ قورقۇنۇچلۇق گەپ قىلىدىغان ئادەمكەنسىز ، توۋا…
ئۈرۈمچىنى دوزاققا تۇتىشىدىغان يول دەپ خاتا چۈشۈنۈپ قالغان ئۈرۈمچىلىك تورداش تولىمۇ خاپا بولغان ھالدا: يى نېم بولدۇڭ بالاڭزا قېرىندىشىم، ئۈرۈمچىلىك ئۇمۇچىڭنى ئۆرىۋەتمىگەندۇ؟
يەر شارىنىڭ ئوتتۇرسىدىن تۆشۈك ئاچسا ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەندىشىگە چۈشكەن بىر تورداش: ئۆزۈڭلارغا ھاي بىرىپ كولىماڭلار، ئاران تۇرغان يەرشارى ۋاككىدە يېرىلىپ ئىككى پارچە بولۇپ كەتمىسۇن!!!
مارالبىشىدىن كولاپ يەرنىڭ ئۇ چىتىگە چىقىپ باققۇسى بار تورداش: مۇشۇنداق كولاپ زېمىننىڭ يەنە بىر چېتىگە قانچە يىلدا بىرىپ بولارمەن؟!!
نامەلۇم تورداش: بىز زادى ئىتتىپاقلىشالمايدىغان خەق، نېمىشقا بىللە كولاپ باقمايمىز، قىلماي تۇرۇپلا قىلغىلى بولمايدۇ دەپ بەل قويىۋەتسەك ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ ئالدىدا يۈزىمىز قارا بولۇپ قالمامدۇ؟!!
قىززىقچى تورداش: ھەممىڭلار كولاشنى ياقتۇردىكەنسىلەر، مەنچە ھەممىڭلار نېفىت، بورۋايلاردا ئىشلىسەڭلار بوپتىكەن، مەخسۇس يەر كولايدىغانغا …
تورداشلارنىڭ يەرنى كولاپ دېڭىزغا چىقىپ قىلىشىدىن ئەندىشە قىلغىننى كۆرۈپ كۈلكىسى قىستاپ كەتكەن تورداش : دېڭىزغا چىقىپ قالسىڭىز ھېچگەپ يوق، خەخنىڭ ھاجەتخانىسىدىن چىقمىسىڭىزلا!!
يەر كولاشقا ئىشلىتىدىغان ئۈشكىنىڭ يەرنىڭ ئوتتۇرسىغا بىرىپ ئىرىپ كىتىشىدىن ئەندىشە قىلغان تورداش: يەر شارىنىڭ مەركىزى تېمپىراتۇرسى 3000 سىلسىيە گىرادۇس تۇرسا كولاپ ئوتتۇرغا كەلگەندە بۇرغا ئىرىپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ، شۇڭا كولايمەن دەپ بىكار ئاۋارە بولماڭلار!!
تورداشلار مانا مۇشۇنداق بەس-مۇنازىرىلەرنى قىلىشىپ قەيەردىن كولاپ -قەيەرگە چىقىدىغانلىقىنى بىلىپ بولۇشالماي بەزىلەر ئارماندا قالسا بەزىلەر تۆۋە دەپ ياقىسىنى چىشلەپ تۇرۇپ قىلىشتى.
قېنى تورداش دەپ بېقىڭچۇ، ئۆزىڭىز تۇرغان يەرنى كولىسىڭىز قەيەردىن چىقارسىز؟!!!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: مۇنازىرە، يەرشارى
- يازمــا مەنبەســى: [ مەنبە: بىرزات تور خاتىرىسى ]
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 12,299 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 01-ئاينىڭ 27-كۈنى
- يازما مەنزىلى: anti-polar-earth.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > KFC نىڭ قۇرغۇچىسى Harland Sanders: پەقەت بىرقېتىم مۇۋاپىقىيەت قازانسىڭىزمۇ كۇپايە
- كېيىنكى يازما > ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ! باشلىق ياكى خوجايىنغا دېيىشكە بولمايدىغان 10 تۈرلۈك گەپ!
- دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىزدىن سەكرىگەن رېكورتنىڭ تولۇق كۆرۈنىشى ئېلان قىلىندى
- كۈندە قايسى ئۇيغۇرچە توربەتلەرنى زىيارەت قىلىسىز ؟ تورخۇماردا بۇ ھەقتە ئورتاقلىشىپ باقمامدۇق؟!
- «ئالتۇن مېدال» نىڭ كەينىدىكى ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز بەدەللەر
- بەلكىم بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن: بىر كۈنلۈك قىسقا ئۇچۇر مىقدارى ، يەر شارى ئومۇمىي نوپۇسىدىنمۇ كۆپ!
- ئۇيغۇر تور بەتچىلىكى نىمە ئۈچۈن تەرەققىي قىلمايدۇ؟
- سۇ سىزنىڭ گېپىڭىزنى چۈشىنىدۇ دەيدۇ، راستىمىدۇ؟ قوشۇمچە: ئەگەر يەر شارىدا پەقەت بىر تامچە سۇ بولسا…
- «تۈركىيە فىلىملىرى قىزغىنلىقى» بىزگە نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟
- NASA دىكىلەر يەر شارىنىڭ ئايرىلىپ قالغىنىغا ئۇزاق بولغان قېرىندىشىنى بايقىغان!!!
- ئادەمنىڭ نەپسى بوغۇلۇپ قالىدىغان بەش مىنۇت! خەلقئارا ئالەم پونكىتىدىن يەرشارىنىڭ مەنزىرىسىگە بىر نەزەر!
- 17 ياشلىق ئوقۇغۇچى ئۈچ ھەپتە ۋاقىت سەرپ قىلىپ سىزىپ چىققان دۇنيا تارىخى تەسۋىرلەنگەن قاتۇرما كارتون!!!
مەن كولىسام جەننەتتىن چىقىمەن~!
شۇنداقمۇ؟! كولاپلا جەننەتتىن چىقىدىغان ئىش بولسا …. توۋا ! يا رەببىم گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن ….
غۇلجىدىن باشلاپ كولىساق ئۇددۇل دىۋانغا چىقىمىزكەن
خوتەندىن باشلاپ كولىسام پەگادىن چىقتىم !
مەن كۇچادىكى سىنىپتىن كولىسام ئۇدۇل خارۋاردنىڭ ماتىماتىكا ئۆتىۋاتقان سىنىپىغا كىرىپ قاپتىمەن،يۈزكۆزلىرىم مەينەتچىلىك تۇرسا بىركۆك كۆز مۇئەللىم يېنىمغا كىلىپ:خالوۋ!!ئېنان ئاكتىرۋېزىڭ جانومان؟ئامىىركا زىيشىن؟ دىمەمدۇ؟ قورققىنىمدىن ماتىماتىكا فۇنكىسىيەنى سورىغان چېغى دەپ كەلگەن يولدىن دەرھال كۇچادىكى سىنىپقا قايتىپ كەلسەم ،سىنىپتا مۇئەللىم:رازۋىتچىك!سىز دوسكىغا چىقىپ فۇنكىسەگە مۇناسىۋەتلىك مۇنۇ سۇئالنى ئىشلەڭ دىمەمدۇ!!!…….
ئوخخو!!!!!! يى ما ئۈرۈمچىدىن كولىسا نەدىن چىقا !!!! مەنچى ئامرىكىنىڭ دىبالىرىنىڭ بىرەسىدىن چىقامىزمىكىن
مەن سەرادىن كولىسام نەدىن چىقسام چىقىتىم ئىشقىلىپ، لىكىن يەر مەركىزىدىن قانداق ئۆتەرمەنكىن، بولدى كولىمايمەن، تەدبىركار ئۆزى كولىسۇن، قىشتا يەر كولاپ ساراڭمۇمەن
ماۋۇ مىنىڭ ئىنكاسىمدىكى «ۋەتەن»دىن كولىساڭلار ،مىنىڭ بلوگىمغا چىقىسىلەر
پۇرسەت غەنىمەت كونىلار‹‹جاھانغا كەلگۇن كەلسە ئۆدەككە پايدا››دەپتىكەن .مەن دەرھال كەتمەن كۇرجەك ئۇشكە تىجارىتى قىلسام بولغىدەك
نېمىلەرنى دىيىشىۋاقانسىلەر، ماڭا كولاش خوشياقمايدۇ.
نەچچە كۈن بۇپتىكەن بۇنچىلىك كۈلۈپ باقمىغىلى …. نىمە دىگەن قىزىقارلىق تەسەۋۋۇر ، قىزىقارلىق ئىنكاسلار ھە ! يەر شارىنى تىشىپ ئۈتۈشنىڭ قانچىلىك مۇمكىنچىلىكىنى ئويلىماي ، تىشىپ چىققان جاينىڭ قانداقلىقىنى ئويلاپ كىتىشلىرىنى … دېڭىزدىن چىقىپ قالسام ، سۇ ئۇزەلمەيتتىم …. ۋاي ئانام … نىمە دىگەن قىزىقچىلار بۇ …
نەزىريە جەھەتتىن ئېلىپ ئيتىقاندا ، ئەگەر كولاپ چىقىش مۇمكىن بولسا ، كامارنىڭ ئككى ئغىزىنىڭ دىڭىز يۇزىدىن ئگىزلىكى ئوخشاش بولسا ، بۇ تەرەپتىن قانچىلىك تىزلىك بىلەن سەكرىسىڭىز ، قارشى تەرەپتىن شۇ تىزلىك بىلەن يىنىپ چىقىسىز ، شۇڭا ئاۋايلاپ سەكرەڭ ، ئەگەر ئگىزلىكى ئوخشاش بولمىسا ، كامارنىڭ چىقىش ئغىزىدىكى چىقىش تىزلىكى ئوخشاش بولمايدۇ ، شۇڭا ئويلىشىپ بېقىپ سەكرەڭ .
ۋاھ…رادىئو ھەۋەسكارىنىڭ بۇ باھاسىنىڭ ئىلمى ئاساسى ھەقىقەتەن يۇقىرى بوپتۇ، ئۈستىدىكى سەكرىمەكچى بولغانلار پايدىلىنىش ماتېرىيالى قىلىشىڭلارغا ئەرزىيدۇ.
قارشى تەرەپنىڭ ئېگىزلىكى مەن تۇرغان تەرەپتىن چوڭ بولسا ئەلۋەتتە رىگەتكىگە مىنىۋېلىپ تۇرۇپ سەكرەيمەندە ؟ بەك سەكرىۋىتىپ ئۇدۇللا ئاسمانغا چىقىپ كەتمەي يەنە ئەڭ ياخشىسى ئىككى ئۈچ تال تاش ئېتىپ بېقىپ ئاندىن رىگەتكىگە يامىشاي جۇمۇ ؟ ئاتقان تېشىم يېنىپ بېرىپ بېشىمغا تەگمەس ھە ؟ قورقىۋاتىمە مەن !
يەر شارى مەركىزىگە ساياھەت دىگەن كىنونى كۆرۈپ بېقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئوتتۇر مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىمدا فىزىكا دەرىسىگە تولىمۇ ئاشق سەۋدا ئىدىم . مەكتەپ كۈتۈپخانىدسىدىن «سېتىۋالغان» «قىزىقارلىق فىزىكا 2» دىگەن كىتابنىڭ بىر بۆلىكىدە مەخسۇس مۇشۇنداق يەتنى تىشىپ قارشى تەرەپتىن چىقىش نەزىريىسى ئوتتۇرغا قۇيۇلۇپتىكەن . تەپسىلاتىغا قىزىقساڭلار ئاۋۇ «دولقۇن731»دىگەننى كولاپ «ئۆركەش بلوگ»غا چىقىپ ئىنكاس قالدۇرۇڭلار
تېشىپ چىقىپلا بىر تۈرمىنىڭ ئوتتۇرسىدىن چىقىپ قالسا…
تۈلكە دەرياسى تۈرمىسىدىنلا چىقسا
كۈندۈزدە بۇ يەردە كەچتە شۇ كامارغا بىرلا كىرىپ كانادادىن چىقىپ يەنە داۋاملىق ئوينىسا نىمە دىگەن ياخشى
ئۇ تۈرمىگە كىرىپ قالسىاق چىقماق ئاسان . ھەممىمىز (تۈرمىدىن قېچىش)دىگەن كىنو نى يادىسقا بىلىمىز قېچىش بىزگە تەس توختىمايدۇ”” شۇ ئۇلارنىڭ چېپىشىۋاتقان يېرىگە بېرىپ قالمىساقلا…..ۇ تەرەپنىڭ ئادەملىرىنى بەك چېپىشىدۇ دەيدىغۇ….(ئنكاسنى ايفۇن دا يازغانىدىم بەزەنيەرلى تازا كىلىشمىدى چۈشېنەې سىلېر)
ھە شۇنداما؟ مەن ماۋۇ تورخۇمارغا يېڭىدىن قۇشۇلغان ئەزا ئەمەسما قانداقراق يۇسۇندا يېزىشنى بىلەلمەي يېزىپساپتىمەن ھېھې خاپوممايلاھە….. مىنىڭ تۇنجىقېتىملىق ئنكاس يېزىشىم ئەمەسما چۈشەنگەيلا ھە باشقۇرغۇچى ئەپەندىم
بىز راس تىشىپ چىقايلى دىمىدۈك ….بۇدىگەن ئادەتتىكى بىرخىيال . ئەجىبا سىز بۇنداق خىيالدا بوپباق مىغانما؟ خىيال سۈرۈشمۇ بىرخىل لەززەت . تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارى مول ئادەملەلا ھەقىقى لەززەتلىك خىيال سۈرەلەيدۇ …..
مەن ئۆزۈم تۇرۇۋاتقان يەردىن كولىسام سەئۇدىي ئەرەبىستاندىن چىقىشىم مۇمكىن شۇنداق
ھاھا،
ئەگەر يەر مەركىزىدىكى ئىسسىقلىقنى نەزەردىن ساقىت قىلساق، كولاپ يەر مەركىزىدىن ئۆتۈپ قارشى تەرەپكە چىققاندىن كېيىن پەقەر ۋە پەقەت بىرلا قېتىم قارشى قىرغاقنى كۆرۈش مۇمكىن بولىدۇ، چۈنكى يرشارىنىڭ تارتىش كۈچى مەركەزدە ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ، قارشى تەرەپكە يەتكەندىن كېيىن ئاستى تەرەپتە تايانچ نۇقتا بولمىغان ئەھۋالدا يەر مەركىزى تارتىپ كامارنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ كېتىدۇ، يەر مەكىزىگە كەلگەندە ئېنىرتسىيە تۈپەيلىدىن يەنە بىر تەرەپنىڭ يەر يۈزىگە چەكسىز يېقىنلىشىدۇ، شۇنداق قىلىپ يەر مەركىزىنىڭ ئىككى تەرەپىگە موكىدەك بېرىپ كېلىپ ئېنىرتسىيەنىڭ تۈگىشى بىلەن يەر مەركىزىگە مەڭگۈ قاپسىلىپ قالىدىغان گەپ.
… مەن بەك ئەستايىدىل بولۇپ كەتتىممۇ قانداق؟!
كۈچلۈك! ئادەمنىڭ يامىنى مىيەدىكەن ئەسلى!!!
تەدبىركار ھەرقايسىڭلانى كۈلدۈرۈپ،كولدۇرلىتىپ سۈيۈملۈك تور قۇرۇتلىرىغا ئايلاندۇرۇپ ئايلاندۇرۇپ قويۇپتۇ مانا
تور قۇرۇتلىرىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇپتۇ مانا
ئىككى يىل بولدى نەدىنلا كولىسام تورخۇماردىنلا چىقىپ تۇرىمەنيا ھەجەپ، مەن خاتا كولىۋالدىممۇ