نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > تاغدىن-باغدىن > يازما كۆرۈش

KFC نىڭ قۇرغۇچىسى Harland Sanders: پەقەت بىرقېتىم مۇۋاپىقىيەت قازانسىڭىزمۇ كۇپايە

KFC نىڭ قۇرغۇچىسى Harland Sanders شۇنداق دەيدۇ: پەقەت بىرقېتىم مۇۋاپىقىيەت قازانسىڭىزمۇ كۇپايە

بىركىشى ھاياتىدا توپتوغرا 1009قېتىم مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان . بىراق ئۇ «پەقەت بىرقېتىم ئۇتۇق قازانسىڭىزمۇ كۇپايە»دەيدۇ. ئۇ نېمىشقا بۇنداق دەيدىغاندۇ؟ داۋامىغا قۇلاق سالايلى…

بەش ياش چېغىدا ،ئۇنىڭ دادىسى كېسەل تۈپەيلىدىن ئالەمدىن ئۆتىدۇ ،بىردىن -بىر يۆلەنچۈكىدىن ئايرىلغان غۇربەت ئائىلىدە ،ئانا سىرتتا ئىش ئىزدەپ چېپىپ يۈرۈشكە ،بۇ بەش ياشلىق بالا بولسا ئۆيدە ئىنى-سىڭىللىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ ،ئۇ شۇ يېشىدا ئۆزى تاماق تەييارلاشنى ئۆگىنىۋالىدۇ . ئون ئىككى ياش چېغىدا ،ئۇنىڭ ئانىسى قايتا نىكاھلىنىدۇ ،ئۆگەي دادىسىنىڭ ئۇنىڭغا تۇتقان مۇئامىلىسى بەكلا ناچار بولۇپ،ئانىسى ئۆيدە بولمىسىلا ئۆگەي دادىسى ئۇنى دۇمبالايتى . ئون تۆت يېشىدا ئوقۇشتىن چېكىنىپ ،سەرگەردانلىق ھاياتىنى باشلىغان . ئون ئالتە يېشىدا يىشىنى يالغان مەلۇم قىلىپ ،يىراققا يۇرۇش قىلىش ئارمىيىسىگە قاتناشقان بولسىمۇ ،پاراخۇتتا بېشى قايىدىغان بولغاچقا قىسىمدىن قايتۇرۇۋىتىلگەن . ئون سەككىز يېشىدا ئۇ توي قىلغان ،لېكىن پەقەت بىرقانچە ئاي ئۆي تۇتقاندىن كېيىن ئايالى بارلىق ئائىلە بىساتىنى سېتىۋېتىپ قېچىپ كەتكەن . يىگىرمە يېشىدا ئۇ توكچى ، كېچىك كېمىسى ھەيدىگۈچى ۋە تۆمۈر يول ئىشچىسى بولغان بولسىمۇ بۇ ئىشلىرىمۇ ئۇتۇقلۇق يۇرۇشمىگەن . ئوتتۇز يېشىدا ،سۇغۇرتا شىركىتىدە ،سۇغۇرتا تونۇشتۇرغۇچى بولۇپ ئىشلەيدۇ ،بىراق مۇكاپات مەسىلىسى ئۈستىدە خوجايىن بىلەن قىزىرىشىپ قىلىپ خىزمىتىدىن ئىستېپا بىرىدۇ . ئوتتۇز بىر يېشىدا ، ئۆزلۈكىدىن قانۇن ئۆگىنىدۇ ۋە دوستلىرىنىڭ مەدەت بېرىشى ئاستىدا ئادۋوكاتلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ .بىراق بىر قېتىملىق سوت مەيدانىدا باش سوتچىنى ئۇرۇپ قويىدۇ . ئوتتۇز ئىككى يېشىدا ،ئۇ پۈتۈنلەي ئىشسىز قىلىپ ،ئىنتايىن جاپالىق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرىدۇ . ئوتتۇز بەش يېشىدا يەنە بىر قېتىملىق بەختسىزلىك يۈزبىرىدۇ ،ئۇ كىرا ئاپتۇمۇبىلى ھەيدەپ بىر چوڭ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقىنىدا كۆۋرۈكنىڭ پولات ئارغامچىسى ئۈزۈلۈپ كېتىپ ، ماشىنىدىكى بارلىق يولۇچى بىلەن بىرگە دەرياغا چۈشۈپ كىتىدۇ دە ،ئېغىر يارلىنىدۇ . قىرىق يېشىدا ،ئۇ بىر بازاردا كېچىك مەيخانا ئاچىدۇ ،مەيخانسىىنىڭ ئاسما ۋىۋىسكىسى چۈشۈپ كېتىپ ،دەل ئۇنىڭ سودا رىقابەتچىسىنى يارىلاندۇرغانلىقى سەۋەبلىك بىرمۇنچە دىشۋارچىلىق تارتىدۇ . قىرىق يەتتە يېشىدا ،ئۇ ئىككىنچى قېتىملىق ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ ،نىكاھ ئىشىدا يەنە زەربىگە ئۇچرايدۇ . ئاتمىش بىر يېشىدا ،ئۇ پارلامېنت ئەزالىق سايلىمىغا قاتنىشىپ مەغلۇپ بولىدۇ . ئاتمىش بەش يېشىدا ، ھۆكۈمەتنىڭ يول ياساش قۇرۇلۇشىغا تاقىشىپ قالغانلىقتىن ئۇنىڭ ئەمدىلا سودىسى قىزىۋاتقان رېستورانى چىقىلىپ ،بارلىق سايمانلىرىنى ئەرزان باھادا سىتىۋىتىشقا مەجبۇر بولىدۇ . ئاتمىش ئالتە يېشىدا ، ئۇ جان بېقىش يولىدا، ھەرقايسى جايلاردىكى چوڭ -كىچىك رېستۇرانلاردا ئۆزىنىڭ توخۇ كاۋىپى پىشۇرۇش تېخنىكىسىنى تونۇشتۇرىدۇ . يەتمىش بەش يېشىدا ،ئۇ ئۆزىنىڭ توخۇ كاۋىپى پىشۇرۇش جەھەتتە ياراتقان ماركىسى بىلەن پاتېنت ھوقۇقىنى سىتىۋىتىشنى قارار قىلىدۇ ،ئۇنىڭ خوجايىنى ئۇنىڭغا شىركەت پىيىنىڭ بىرقىىسمىغا تېگىشىش تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ،بىراق ئۇ رەت قىلىدۇ .ئەپسۇس ،ئاز ۋاقىتتىن كېيىن بۇ شىركەتنىڭ پىپى شىددەت بىلەن ئۆرلەيدۇ ، ئۇ خوجايىننىڭ تەلىپىنى رەت قىلمىغان بولسا مىليۇنىرغا ئايلانغان بولاتتى . سەكسەن ئۈچ يېشىدا ،ئۇ يەنە بىرقېتىم تېز تاماقخانا ئاچىدۇ ،بىراق ئۇزاق ئۆتمەي ،باشقىلارنى سودا تاۋار ماركىسىغا دەخلى قىلدى دەپ دەۋا قىلىدۇ . سەكسەن سەككىز يېشىدا ،ئۇ ئاخىرى ئۇتۇق قازىنىدۇ ، ئۇنىڭ نامى پۈتكۈل دۇنياغا تارقىلىدۇ . بۇكىشى دەل ھازىر ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان كېندىچى ماركىسىنىڭ ياراتقۇچىسى Harland Sanders ئىدى .ئۇ دائىم مۇنداق دەيدۇ :« كىشىلەر دائىم ھاۋارايىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىدىن ئاغرىنىدۇ ، ئەمەلىيەتتەھەرگىزمۇ ھاۋارايى ناچار ئەمەس ، ئادەم پەقەت ئۆزىگە تولۇپ -تاشقان ئىشەنچ بىلەن قارىغاندىلا ھارارايى كۈندە ياخشى بولىدۇ ».

KFC ھازىر پۈتۈن دۇنيادا نەچچە يۈز مىڭدىن ئارتۇق تارماق دۇكىنى بار چوڭ تاماقخانا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ زور مۇۋاپىقىيەتلەرنى Harland Sanders نىڭ مەغلۇبىيەتكە تۇتقان پوزىتسىيەسىدىن قاراشقا بولمايدۇ. شۇنداق، ئۆزىڭىزنىڭ دۇنيانى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىغا چەكسىز ئىشىنىڭ!

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 18 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن:
  1. دىخان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىز دىخانلارغىمۇ دىۋان تىگىدىكەن دىسە ! توۋا :mrgreen:

    • نامسىز :

      بۇ يەردە دىخان – پىخان دەپ ئايرىلمايدۇ. يا دىۋاندا ئولتۇرۇپ باقمىغانمۇ سىز؟!!

    • ۋىروس :

      دىخان دىگەننىڭ مەنىسى نىمۇ ؟ :evil:

    • ئىنتىزار :

      دېھقان دىمەكچىغۇ دەيمەن ! دىخان يەرلىك تىل :mrgreen:

  2. بىرزات : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دەسلەپتە كىشى كۆزگە ئىلمايدىغان كەسىپلەردىمۇ پۇرسەت كۆپ بولىدىكەن. ئابلاجان نانلىرى، سۈزۈك سۇ سەتىراچخانىسى دېگەندەك…

  3. قەيسەر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي، راسدەيدۇ، ھاياتلىقتا ھېكمەتلەر تولا، ھەممىنى ئۆگىنىۋالىمەن دىسىڭىز ئاچكۆزلۈك بولىدۇ، ئادەمنىڭ ھاياتى بىلىپ بىلمەي ئۆتۈپ كېتىدىكەن، ھاياتتىكى 10 ئىشنىڭ 1 دە ئۇتۇق قازانسىمۇ بۇمۇ بىر غەلبە، كىشىلىك ھايات شۇنى ئىسپاتلايدۇكى سىز ئۆزىڭىز ئۈچۈن ياشايسىز،قىلغانلىرىڭىز ئۆزىڭىز ئۈچۈن، باشقىلار سىز ئۈچۈن ياشىمايدۇ، باشقىلار سىز ئۈچۈن بىر ئىش قىلمايدۇ….. دىۋاننىڭ دەدىدە ئىشىكتىن كىرىپلا تاقا – تۇققا سۆزلەپ كېتىپتىمە، سەت بولدى :mrgreen: :mrgreen:

  4. خالىد : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كېندىچى مۇسۇلمانچە ئەمەسقۇ دەيمەن ……
    لېكىن شاكىلىنى ئىلغىۋىتىپ مېغىزىنى ئېلىۋالساق بولىۋىرىدۇ :idea:

  5. ئىنتىزار : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەقىقەتەن تېرىشچان كىشىكەن . 88يېشىدا مۇۋاپىقىيەت قازانغىنىنى ئاڭلاپ تولىمۇ ھەيران قالدىم . بۇ كىشى قانچە يىل ئۆمۈر كۆرگەن بولغىيدى؟

  6. ياۋايى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇنداق نەرسىنى يىيىشكە بولمايدۇ . مۇسۇلمانچە ئەمەس ..لىكىن يىمەي ئۇنىڭ روھىدىن ئۇگەنسەك بولىدۇ.ئۇگۇنۇشكە بولىدۇ روھىنى

  7. uqar : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دوسلاردىن ياردەم سورىماقچىمەن
    مەن شىنلاڭ تورى ئۇيۇشتۇرغان بىرمۇكاپاتلىق پالىيەتكە قاتناشقان نەتىجىدە ئاللاھنىڭ رەخمىتى بىلەن 2-دەرجىلىك مۇكاپات چىقىپتۇ
    ماڭا شىنلاڭ تورى ئىلخەت ئەۋەتىپ تۇ ،مەن تەپسىلى ماتىريالنى تولدۇردۇم ،مەسلەن ،پوچتا نۇمۇر،تىلفۇن،بانكاكارتا نۇمۇرى…
    19-چىسلا مېنىڭ ئىسمىم ئېلان قىلىنىپتىكەن مۇكاپات چىقىتى دەپ
    ھازىر ئۇچۇپ كېتىپ تۇ ئورنىغا**** دەپ چىقىپ قاپتۇ ,ئەسلى uqarئىدى
    مۇكاپاتى بولسا 58مىڭ يۇئەن نەقپۇل ۋەبىردا نە لەپتوپ كەن
    http://sinaz.tk/ مانا مۇنۇتوربەتتە ئېلان قىلدۇ
    ھازىر مۇنداق بوپ قاپتۇ**** (系统抽选中) ،،،،ئەسلى› ئۇچار(مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئالمىدى )دەپ باتى
    دوسلا مەن ئالالايمەن مۇ ؟شىنلاڭ مېنى گوللىماس؟
    ھازىر قانداق قىلشىمنى ئۇقمىدىم ،دوسلا يول كورسەتسەڭلار
    ئەگەر بەرمەي باشقا بىرسىگە بەرسە ،شىنلاڭ تورىنى ئادەم ئالدىدى دەپ توردا داۋراڭ سالىمىز مۇ ياكى قانداق قىلمىز؟؟

    • ئابدۇۋەلى :

      سىز كۆرسەتكەن ئادرىس شىنلاڭ تورىنىڭ ئەمەسكەنغۇ ؟ شىنلاڭنىڭ ئادرىسى دىگەن بۇ : http://www.sina.com.cn ، سىزگە دىسەم بۇ بىر ئالدامچىلىق ، ئىشەنمەيلا قويوڭ !

    • يۈكسەل :

      ئالدى بىلەن بۇ ئادەم ئالداشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئاندىن قالسا ئۆز نەپسىڭىزگە ھاي بېرىڭ ، ئورۇنسىز ، تۇيۇقسىز، بەدەلسىز كەلگەن بايلىققا گول بولماڭ!@

  8. uqar : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    尊敬的新浪用户:

    恭喜!您的新浪帐号已被新浪后台系统随机抽选为二等奖“新浪-欢乐送”

    您将获得由新浪有限公司送出的惊喜奖金¥58000元及三星Q40笔记本电脑一台!。您的领奖验证码为【****】请您牢记!

    详情请进入活动网站领取您的奖金以及奖品。请您马上点击→此处进入领奖流程。
    مانا بۇ ماڭا كەلگگەن خەت ،ئالدىدا قاتناش دەپ كەپتىكەن ،

  9. ئىنتىزار : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    :mrgreen: :mrgreen: ئاساسى جەھەتتىن قىلتاققا چۈشۈپسىز :mrgreen: توردا جىققۇ مۇنداق ئىشلار . تور ئادرىسىغا توغرا قارىمىسا ، قۇرۇق ئۇمىد كۈتۈپ قالىدىغان ئىش بۇلۇپ قالىدۇ شۇ :mrgreen:

  10. uqar : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئوۋ :eek: ئولار يالغان چىكەندە :evil: رەخمەت ،مەن بولدى قىلاي
    :neutral:

    • سەھرالىق :

      ئىككى-ئۈچ كۈندىن كىيىن،چوقۇم ئاۋۋال رەنە پۇلى سالىسىز، ئالدامچىلىق تېخى باشلىنىپتۇ :mrgreen:

  11. lucky : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كېنتاكى دەيلى خەنچە ئاتىماي.
    NOKIA نى نوجىيا دەپ ئاتاش ئومۇملاشقاندەك(ئەسلى نوكىيا) بۇنىمۇ شۇنداق ئومۇملاشتۇرىۋەتمەيلى.

  12. دىلمۇرات : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ توغۇرلۇق ئېنىق چۈشەنچە بەرسەڭلا، بۇ كېنتاكى زادى ھالالمۇ ئەمەس، بىز ئوقۇۋاتقان شەھەردە تۈزۈكرەك مۇسۇلمانچە ئاشخانا بولمىغاچقا قىزلار بەك يەيدۇ بۇنى

 汗