مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلار شۇنى ئېيتىدۇكى: ھەرگىز چېكىنمەڭ!
مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلارغا ئورتاق بولغان بىر خىل ئادەت بار، ئۇ بولسىمۇ چېكىنمەي ئىزچىل ئالدىغا قاراپ مېڭىش. بۇ ھەقتە ئىلگىرى بىز KFC نىڭ قۇرغۇچىسى Harland Sanders بوۋاينىڭ كەچۈرمىشلىرى بىلەن تونۇشقان ئىدۇق. بۈگۈن كۆپچىلىك بىلەن بىرگە بىر تارىخى شەخىسنىڭ مۇۋاپىقىيىتى ھەققىدە كۆرۈپ ئۆتەيلى. تۆۋەندىكىسى بىر ئادەمنىڭ كۆرەش تارىخى…
1816 -يىلى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئەسلى ماكاندىن قوغلاندى. ئۇ ئىشلەپ ئائىلىسىنى بېقىشقا مەجبۇر بولدى.
1818-يىلى ئانىسى ئالەمدىن ئۆتتى.
1831-يىلى سودىدا مەغلۇپ بولدى.
1832-يىلى پارلامېنىت ئەزالىق سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىپ سايلىنالمىدى.
1832-يىلى خىزمىتىدىنمۇ قۇرۇق قالدى. قانۇن ئىنىستىتوتىغا كىرىپ ئوقۇماقچى بولدىيۇ، ئوقۇشقىمۇ كىرەلمىدى.
1833-يىلى دوستىلىرىدىن پۇل ئۆتنە ئېلىپ سودىغا كىرىشتىيۇ يىل ئاخىرسىغىچە ۋەيران بولدى. گەدىنىدىكى قەرزنى 16 يىل تۆلەپ قۇتۇلدى.
1834-يىلى پارلامېنىت ئەزالىق سايلام رىقابىتىگە يەنە قاتنىشىپ يەڭدى.
1835-يىلى توي قىلىشقا پۈتۈشكەن بولغۇسى ئايالى ئالەمدىن ئۆتۈپ،يۈرىكىدە ساقايماس ھىجران قالدى.
1836-يىل روھىي جەھەتتىن پۈتۈنلەي بەربات بۇلۇپ،ئالتە ئاي ياتتى.
1838-يىلى پارلامېنىت ئەزاسىنڭ باياناتچىلىقىنى تالىشىپ مەغلۇب بولدى.
1840- يىلى سايلامغا قاتنىشىشىغا بار كۈچى بىلەن تىرىشتىيۇ مەغلۇب بولدى.
1843- يىلى پارلامېنىت چوڭ سايلىمىغا قاتناشتى،ئەمما سايلىنالمىدى.
1846- يىلى پارلامېنىت چوڭ سايلىمىغا يەنە قاتنىشىپ سايلاندى ۋە ۋاشىنگتوننى نىشانلاشقا باشلىدى، ئىپادىسى يامان ئەمەس بولدى.
1848-يىلى پارلامېنىت ئەزالىقىغا قايتا سايلىنىشقا تىرشتىيۇ مەغلۇب بولدى.
1849-يىلى ئۆزى تۇرۇشلۇق شىتاتىنىڭ يەر-زېمىن ئىدارىسىگە باشلىق بولۇش خىيالىدا چاپتىيۇ، رەت قىلىندى.
1854-يىلى ئامېرىكا ئالىي پالاتاسنىڭ ئەزالىقىنى تالىشىپ سايلىنالمىدى.
1856-يىلى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك ۋەكىللەر چوڭ يىغىنىدا مۇئاۋىن زۇڭتۇڭلۇققا كۆرستىلىشنى قولغا كەلتۈردى، ئەمما بېلەت سانى يۈزگىمۇ يەتمىدى.
1858-يىلى يەنە بىر قېتىملىق ئامېرىكا ئالىي پالاتاسنىڭ ئەزالىقىنى تالىشىپ،يەنە سايلىنالمىدى.
1860-يىلى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلاندى.بۇ دەل ئامېرىكا تارىخىدا ئەڭ زور شۆھرەت قازانغان زوڭتۇڭ لىنكولىندۇر!
”بۇ يول شۇ قەدەر جاپالىق ھەم ئەگرى-توقاي بولدى.بىر پۇتۇم ئازىراقلا تېيىپ كەتسە، يەنە بىر پۇتۇممۇ لىڭشىپ قالىدۇ. ئەمما مەن ئۆزەمنى تۇتىۋېلىپ، ئۆز-ئۆزۈمگە شۇنداق دەپ كەلدىم.بۇئازىراقلا پۇت تېيىش،مۆدۈرۈپ كېتىش،ھەرگىزمۇ ئۆلۈش ياكى دۈم چۈشۈش ئەمەس!“ لىنكولىن ئالىي پالاتا ئەزالىق سايلىمىدا مەغلۇب بولغاندىن كېيىن شۇنداق دېگەنىدى.
مۇۋەپىقىيەتتە ھېچقانداق مەخپىيەت يوق.بار دېيىلسە،بىرىنچى،ئاخىرغىچە تىركىشىش، ۋاز كەچمەسلىك، مەغلۇب بولغىنىنى ھەرگىز تەن ئالماسلىق ؛ ئىككىنچى، ۋاز كېچىش خىيالىغا كەپ قالغان چاغلاردا،ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ بىرىنچى مەخپىيەتكە قاراش؛ ئاخىرىغىچە تىركىشىش، ۋاز كەچمەسلىك، مەغلۇب بولغىنىنى ھەرگىز تەن ئالماسلىق!
قەتئىي ئىرادىلا، قول سېلىپ ئىشلەشكە بولىدىكەن،مۇمكىن بولمايدىغان ئىش يوق.بۈيۈك شائىر شىللى شۇنداق دېگەنىدى:“مەن ئۆز تەقدىرىمنىڭ خوجىسى،ئۆز روھىمنىڭ رولچىسى“.پەقەت شۇنداق بولغاندىلا، مەڭگۈ چېكىنمەي ئالغا باسالايسىز.
ئابراھام لىنكولىن يۇلۇققان دۈشمەنگە ھەممىمىز ئۇچرىغان.ئۇ قىيىنچىلىققا ئۇچىرىغاندا ۋاز كەچكەن قاچقان ئەمەس،بەلكى داۋاملىق تىرىشىپ كۈرەش قىلغان.ۋازكېچىشنى ئەسلا ئويلاپ باقمىغان.شۇڭا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىغان. قېنى ئۆزىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ، سىز قانداق قىلىسىز؟ قانداق قىلىۋاتىسىز؟
ۋىروس بلوگىنىڭ تەمىنلىگەن ئەسىرىگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز ۋە تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنىڭ مەتبۇئات ئارقىلىق ياخشى ئەسەرلەرنى تورخۇمارلارغا سۇنۇشىنى قارشى ئالىمىز!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [ھېسسىي دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: پۇرسەت، مۇۋەپىقىيەت، ھېكمەت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 7,294 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 05-ئاينىڭ 30-كۈنى
- يازما مەنزىلى: do-not-look-back.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > 11-قەۋەتتىن سەكرىگەن چېغىمدا، ئاندىن تۇرمۇشنىڭ نەقەدەر گۈزەللىگىنى ھېس قىلدىم…
- كېيىنكى يازما > ئامېرىكىلىق يەنە بىر يىگىت Android يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق توي تەكلىۋى قويۇپ مۇۋاپىقىيەت قازىنىپتۇ
- بالدۇر بىلىشىڭىز زۆرۈر بولغان 10 ھېكمەت
- مارىيو بىزگە ئۆگەتكەن 10 چوڭ ھاياتلىق پەلسەپىسى
- شەخسىيەتچىلەرنىڭ 10 ئەقىدىسى | بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك بىر قىسىم قىسقا ھېكمەتلەر
- كۆپ ھاللاردا ئۆزىمىزدىن سەۋەپ ئىزدىشىمىز كېرەك، بولمىسا خۇددى ئاشۇ دۆت ئېشەككە ئوخشاپ قالىمىز!
- بەدەل تۆلىمەي بىر نەرسىگە ئېرىشىش مۇمكىن ئەمەس، ئېرىشىدىغىنىڭىز تۆلەيدىغان بەدىلىڭىزگە باغلىق
- ئەگەر 25 يىل بۇرۇن Microsoft نىڭ پايچېكىنى سېتىۋالغان بولسىڭىز، ئۇ ھالدا بۈگۈنكى كۈندە…
- مەڭگۈ نامرات ئۆتۈشنى خالىمىسىڭىز، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى بايانلارغىمۇ نەزەر سېلىپ بېقىڭ…
- KFC نىڭ قۇرغۇچىسى Harland Sanders: پەقەت بىرقېتىم مۇۋاپىقىيەت قازانسىڭىزمۇ كۇپايە
- تۇرمۇشتىكى ئاشۇ بىر قىسىم ھەقىقەتلەر: مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلار ۋە مەغلۇبىيەتچىلەر
لىنكولىن توغرىسىدىكى بىرەر يازمىنى ئوقۇساملا ئامېرىكا تارىخىدىكى بىر دىن بىر ئىچكى ئۇرۇش جەنۇب شىمال ئۇرۇش ئېسىمگە كىلىدۇ. مۇشۇ زۇڭتۇڭ بولمىسا نىگىرلار قاچانغىچە قۇل قىلىناركىن تاڭ
سۈرەتنى چىقىرىشنى ئۆگىتىپ قويساڭلار بوپتىكەن رەخمەت
بىزدە ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن، ئەجىر قىلساڭ ئەجىرىڭنى ئاللاھ يەردە قويمايدۇ … دېگەندەك ئاتىلار سۆزلىرى تولا. قىسقىسى، ئۆزىمىز نىشانلىغان مەنزىل ئۈچۈن تىرىشساقلا مۇئەييەن نەتىجىگە ئېرىشىشىمىز ئېنىق. مەسىلە، پەقەت ئېرىشىلگەن نەتىجىنىڭ چوڭ – كىچىكلىك دەرىجىسىدە خالاس. بەزىلەر يانماس روھىغا يارىشى دىتى بولغانلىقتىن چوڭ نەتىجىلەرنى روياپقا چىقارسا، كۆپىنچىلەر ئۆز دىتى ۋە ئەجرىگە يارىشا مېۋىگە ئېرىشىدىغان گەپ.
ۋېروس بىلوگىنڭ قۇرغۇچىسى قايسىڭلار؟ مىنىڭ چ چ رىم: 244353611 ۋېرۇس ئەپەندى سىز بىلەن ھەم سۆھبەت بولغۇم باتى…. ئەگەر ئىنكسنى كۆسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز.
qq رىڭىزنى قوشىۋالدىم .
مۇۋاپىقىيەت قازىناي دەيدىكەنسىز ئۈزىڭىزگە مۇقەددەس نىشاندىن بىرنى تىكلەڭ ۋە توختۇماي تىرشىڭ ! خۇدايىم بۇيرۇسا چوقۇم ۇتۇق قازىنىسىز
شۇنى دەيمەن! مۇشۇ تورخۇمارغا كىرگىملا كېلىدۇ زادى….
بۇ يەرنىمۇ چ چ قىلىۋېتىپتۇئۈستىدىكى تورداشلار …
لىنكوللىنىڭ مۇشۇنداق كۆپ پاجائەلىك قىسمەتلەرگە دۇچار بۇلۇپ باققانلىقىنى پەقەت بىلمەيتىم،تېما ئىگىسىگە رەھمەت.