نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > تاغدىن-باغدىن > يازما كۆرۈش

كۆپ ھاللاردا ئۆزىمىزدىن سەۋەپ ئىزدىشىمىز كېرەك، بولمىسا خۇددى ئاشۇ دۆت ئېشەككە ئوخشاپ قالىمىز!

quliqi-eghir-ishek

ئېشەك بىلەن ئات بىر ئېغىلدا تۇرىدىكەن ، ئېشەك كۆپىنچە چاغلاردا ئات ئۆزىنىڭ گەپلىرىگە زەن سالمىغاندەك ھېس قىلىدىكەن . شۇنىڭ بىلەن ، ئېشەك ئاتنىڭ قۇلىقىنىڭ دەردى بار دەپ گۇمانلىنىپ قاپتۇ . بىر كۈنى ئېشەك بىر ياخشى ئامالنى ئويلاپ تېپىپ ، ئاتنىڭ قۇلىقىنىڭ ئېغىر ياكى ئېغىر ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشنى ئويلاپتۇ…

ئۇزۇن ئۆتمەي ئېشەك ئۆزىنىڭ خىيالىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپتۇ . ئۇ پۇتىنىڭ ئۇچىدا مېڭىپ ، ئاتنىڭ كەينىدىن ئون مېتىرچە يېقىنلاپ :
- ھەي قېرى ئات ، مەن ساڭا گەپ قىلىۋاتىمەن ، ئاۋازىمنى ئاڭلىدىڭمۇ ؟-دەپتۇ .ئېشەك خېلى ئۇزۇنغىچە ساقلىسىمۇ ھېچقانداق ئىنكاس ئاڭلانماپتۇ . ئون مېتىر بەك يىراق بولۇپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ ، ئاتقا بەش مېتىرچە يېقىنلىشىپ :
- ھەي قېرى ئات ، مەن ساڭا گەپ قىلىۋاتىمەن ، ئاۋازىمنى ئاڭلىدىڭمۇ ؟ئاڭلىغان بولساڭ جاۋاپ قايتۇرغىن ، – دەپتۇ .
بىراق ، ئېشەك يەنە بىر ئاز ساقلىغان بولسىمۇ ، ئاتتىن زۇۋان چىقماپتۇ . ئاھ تەڭرىم ، ئۇنىڭ قۇلىقىدىكى چاتاق ئىنتايىن ئېغىر ئىكەن ! مەن يەنە يېقىنراق باراي ، دەپ ئويلىغان ئېشەك ئالدىغا بىر نەچچە قەدەم مېڭىپتۇ . ئاتقا ئۈچ مېتىرلا قاپتۇ . ئېشەك :
-قېرى ئات ، مەن ساڭا گەپ قىلىۋاتىمەن ، ئاۋازىمنى ئاڭلىدىڭمۇ ؟ ئاڭلىغان بولساڭ ، ماڭا جاۋاپ قايتۇر ، – دەپتۇ .
-ئاڭلىدىم ، – دەپتۇ ئات ، – بۇ ئۈچۈنجى قېتىم ساڭا جاۋاپ بېرىشىم . يەنە بار ، مەن سەندىن بەك بىزار بولدۇم ، سەن قۇلىقىڭنى داۋالاتساڭ بولغۇدەك .

ھېكمەت :

بىلەرمەن ئادەمنىڭ قۇلىقى ئېغىر بولۇپلا قالماستىن يەنە ئۇنىڭ قەلبىمۇ خىرەلىشىدۇ .
كۆپ ھاللاردا ئۆزىمىزدىن سەۋەپ ئىزدىشىمىز كېرەك ، بولمىسا خۇددى ئاشۇ دۆت ئېشەككە ئوخشاپ قالىمىز .

مەنبە : « ھاياتىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان پەلسەپىۋى مەسىلىلەر » ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى .

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 7 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
  1. سەزگۈرى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھا ھا ماۋۇ دىۋانما …قېنى ما سەھرالىق :mrgreen: :mrgreen:

    مەنىسى چوڭقۇركەن . بىزنىڭ ئىشەك مانداق گاس بوپ قالسا تايقىنى يەپ ئۆلۈپ قالا

    • سەھرالىق :

      مەن ئىشىكىمنى يۈتتۈرىۋەتتىم، قايسى بىر چاغدا دىۋانغا چىقماق بولۇپ، كالىچىمنىڭ بېقىنىغا باغلاپ قويغانچە يوق :mrgreen:
      سىلە ئولتاغان يە شۇ دېۋان !!!! :lol:

  2. نۇرقۇت : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سەۋەبنى ئۆزىدىن ئىزدەشنى بېلىدىغانلار بەك ئاز ياكى يوق. ھەممىمىز گۇناھنى خەقكە قويۇپ ئادەتلەنگەن. بىز ئالغان تەربىيە ئاشۇنداق.

  3. كۇلكە : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئادەمنى ئويللاندۇردىغان مەسەلكەن.

  4. پەنجىر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نۇرقۇت ئەپەندىمنىڭ دىگىنى توغرا ، بۇرۇن بىر مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ قالىدىغان بىرھىكايە ئوقۇغىنىم ئىسىمدە، بىر موماي ھەركۈنى دېرىسىدىن قوشنىسىنىڭ يۇيۇپ يېيېپ قويغان كىرلىرىنى كۆرىدىكەن ، ھەم كۆڭلىدە بۇ كىيىملەر مەينەت كۈرۈنۈپ ، خوشنا ئايالنىڭ ھۇرۇنلىقىدىن خۇرسىنىدىكەن،
    بىر كۈنى يەنەبىر قوشنسى كىرىپ قاپتۇ ، موماي ئۇقوشنىسغا ھېلىقى ھۇرۇن ئايال قوشنىسىنىڭ تەرىپىنى قىپتۇ ، قوشنىسى
    دېرىزدىن ھېلىقى ( پاكىز يۇيۇلمىغان )كىيىملەرنى كۈرۈپ ئاستا دەرىزە تەرەپكە مېڭىپتۇ …

    سىز ئاخرىسىنى پەرەز قىپ بېقڭ!

    • سۈرخان :

      ئەسلى ئۇ موماينىڭ ئەينىكى مەينەت بولۇپ قالغان

    • پەنجىر :

      توغرا تاپتىڭىز!

 汗