كۈچلۈك ئەنزە تەھلىلى!! بىر بۇلاڭچىلار گۇرۇھىنىڭ بانكا بۇلىشى كەينىگە يوشۇرۇنغان ھېكمەتلەر
بىر بۇلاڭچىلار گۇرۇھى بانكا بۇلاش جەريانىدا بىر جۈملە ھېكمەتلىك سۆزنى ئېيتقان: «ھەممىڭ جايىڭدا جىم تۇرۇش! پۇل دۆلەتنىڭ، جان ئۆزەڭنىڭ!» – بۇ گەپنى ئاڭلىغان كۆپچىلىك ھەممىسى بىر ئېغىز غىڭ قىلماي جايىدا جىم ياتقان. بۇ دەل ئىدىيەنى بۇراش دەپ ئاتىلىدۇ، يەنى بۇ ئارقىلىق ئەسلىدىكى مۇقىم بولغان تەپەككۇر ئۇسۇلى ئۆزگەرتىلگەن.
ئاندىن بۇلاڭچىلار يوپكا كىيىپ جوزىنىڭ ئۈستىدە ياتقان كاسسىر قىزچاققا مۇنداق دېگەن: «قىزچاق، ماسلىشىپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت، ئەمما يېتىش شەكلىڭىزنىڭ مەدەنىي بولۇشىغا دىققەت قىلىڭ، بىز سىزنى ئەمەس، بانكىنى بۇلىغىلى كەلگەن!» – بۇ كەسپى دىيانەت دەپ ئاتىلىدۇ، قىلماسلىققا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلماسلىق كېرەك!
بانكىنى ئوڭۇشلۇق بۇلاپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئارىدىكى بىر يېڭى كەلدى(ماگىستىر بۇلاڭچى) مۇنداق دېگەن: «ئاكا، بىز دەرھال بۇلىغان پۇللارنى ساناپ باقايلى». ئاۋۇ پېشقەدەم بۇلاڭچى(باشلانغۇچ ئۇنۋانى بار) ياندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «كاللاڭدىن كەتتىڭما؟ بۇنچىلىك جىق پۇلنى بىز قاچان ساناپ بولىمىز؟ بۈگۈن كەچتە خەۋەر كۆرسەڭلا ھەممىنى بىلىسەن.» – بۇ خىزمەت تەجرىبىسى دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ئاي بۇ يىللاردا خىزمەت تەجرىبىسى ئۇنۋاندىنمۇ مۇھىم!
بۇلاڭچىلار كەتكەندىن كېيىن بانكا باشلىقى دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىشنى ئېيتىپتۇ، بۆلۈم باشلىقى ئەمدى مېڭىشىغا بانكا باشلىقى جىددى: «توختا! بىز ئالدىنقى قېتىم شەخسى ئىشلىتىۋالغان ھېلىقى بەش مىليوننىمۇ يۈتكەن پۇل سانىغا قوشۇپ مەلۇم قىل!» دەپتۇ. بۇ خېيىم-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش دەپ ئاتىلىدۇ، زىياننى پايدىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك!
بۆلۈم باشلىقى جاۋابەن: «بۇ بۇلاڭچىلار ئايدا بىر كېلىپ بۇلىغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاركەن» دەپتۇ. خىزمەت دېگەن مەنىسىز بولىدۇ، خۇشاللىق ھەممىدىن مۇھىم! ئىككىنچى كۈنى خەۋەردە بانكىدىن بۇلاڭچىلارنىڭ 100 مىليون بۇلاپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىپتۇ، ئەمما بۇلاڭچىلار ساناپ يۈرۈپ ئاران 20 مىليون چىقىرىپتۇ. بۇلاڭچىلارنىڭ كاتتىۋىشى ئاچچىقىغىدا: «ئاناڭنى! ئاكاڭ قارىغاي جېنىنى تىكىپ قويۇپ ئاران 20 مىليون بۇلاپ كەپتىمەن، بانكا باشلىقى ئازراق كاللا ئىشلىتىپلا 80 مىليون تېپىپتۇ، قارىغاندا بۇ ئاي بۇ كۈنلەردە يەنىلا قورساقتا ئۇماچ بولمىسا بىكاركەن!» – بىلىمنى پۇلغا ئايلاندۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئىسپاتى!
بانكا باشلىقى خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن ھاياجانلانغىنىچە بۆلۈم باشلىقىغا دەپتۇ: «سەن سولتەكنىڭ كاللىسى خېلى ئىشلەيدىكەن ھە؟! يۈرۈكۈڭ قاپتەك باركەن…» بۆلۈم باشلىقى مىيغىدا كۈلۈپ قويۇپ زۇۋان سۈرمەپتۇ، كۆڭلىدە بېشىدىن ئېغىر بىر يۈكنى ئېلىۋەتكەندەك ئۇھ تارتىپ: «ئاخىرى پايچەك ئويناپ تارتقان زىيانلىرىمنى تولدۇرىۋالدىم» دەپتۇ. – بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش تۇتۇش ھەمدە خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرىدۇ!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئۆگىنىش,تۇرمۇش,قىزىقارلىق,ھېكايە,ھەزىل
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 04-كۈنى
- يازما مەنزىلى: case-study-rob-a-bank.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > يەنە شۇ كۆزنىڭ گېپى! سىز بىلمەيدىغان ئاشۇ كۆزگە يوشۇرۇنغان ئاجايىپ غەلىتە مەنزىرىلەر!
- كېيىنكى يازما > قىزىقارلىق – ئاجايىپ شاد-خۇرام مۇئەللىملەر، سىزمۇ مۇشۇنداق مۇئەللىملەرنىڭ دەرسىنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟
يەنە بىر دىۋان قولغا چۈشمەكچى
دىۋاندا بىللە ئولتۇرايلى ، ئازىراق قىسىلساقمۇ .
كالىسى ئالامەت ئېشلەيدىكە
راستىنلا ئېسل ھىكمەتلەركەن بۇ…. ھى …ھى…
كېيىنكى قىسمى بار ئىدى مەن تولۇقلاپ قوياي .
كۈنلەر ئۆتۈپ ماگىستىر بۇلاڭچى توپ ئىچىدە خېلى ئىناۋەتكە ئىگە بولۇپ قاپتۇ ، كېيىنكى قېتىم پۇل توشۇۋاتقان ماشىنىنى بۇلاشنى پىلانلاپتۇ ، بۇلاش جەريانىدا بىر يېڭى كەلداخۇن پۇلنى ساناپ باقمايمىزمۇ دېسە ، ماگىستىر بۇلاڭچى كەچتە مەملىكەت خەۋىرى كۆرسەڭلا بىلىپ قالىسەن دەپتۇ – دە پۇل ساندۇقىنى ئېلىپ مېڭىپتۇ ، كەچتە مەملىكەت خەۋىرىدە :بۇ يىل شەھىرىمىزدىكى ئىشلىنىپ بولغان ئالىي مەكتەپ ئىمتاھان سوئالى بۇلاپ كېتىلدى ، بۇلاڭچىلارنىڭ مەقسىتى ئېنىق ئەمەس …..
ئەمما مانىڭغا ئاۋزىمنى قويۇپ بېرىپ كۈلۈپتىمەن ، ياتاقتىكىلەر نېمە بولغاندۇ دەپ قاراپ كەتتى
ئۆمىرىمىزدە بىر ئاڭلاشقا تىگىشلىك ھىكىمەتلەركەن …
ئەمما كاللا دىگەن ئىشلىتەلىسە شۇنداق ئىشلەپ قويىدىغان نەرسە ھە.
كەم سۆز بۇرادەرنىڭ ،ئىنكاسى:ئۆمىرىمىزدە بىر ئاڭلاشقا تىگىشلىك ھىكىمەتلەركەن …
بانكا بولانغان نەخ مەيدانىنى كۆرگىڭىز باكەندە
ئەلۋەتتە نەق مەيداننى كۆرۈش ھاجەتسىز ،، ياخشىسىنى قوبۇل قىلىپ ناچارلىرىنى شاللاش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلغاندىلا …
ئىتلار يامان تاملار ئىگىز دىگەن شۇكەندە
ئەجەپ قىزىق كىنا، ئىنكاسلار بىرىدىن سەرخىل
ھەممىسىنى سەن تەھلىل قىلدىڭما؟