قەغەز زاۋۇت ۋە ئىشخانا-بۇلارنى كۆرسىڭىز سىزنىڭمۇ قەغەزلەرنى كېسىپ، چاپلاپ ئوينىغىڭىز كەپ كېتىدۇ!
تېمىسىغا ۋە يازما رەسىمىگە قاراپ ئىچىدە نېمە بارلىقىنى ئانچە-مۇنچە بىلىپ قالدىڭلارغۇ دەيمەن. ئويلىغىنىڭلار توغرا، بۇ ئەسەردە ھەرخىل رەڭلىك قەغەزلەرنى كېسىش، چاپلاش ئارقىلىق ناھايىتى ئۆزگىچە تەسەۋۋۇر بىلەن نۇرغۇنلىغان ئادەم، زاۋۇت ۋە ئىشخانىلار ياساپ چىقىلغان. تەپسىلىي كۆرسەڭلار سىلەرمۇ مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئاپتورىنىڭ ئىنچىكىلىكىگە، چىدامچانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايسىلەر. مەن كىچىكىمدە قەغەز كېسىپ، چاپلاپ ئويناپ باققان، لېكىن زېرىكىش ئىچىدە قاتتىق قەغەزدىن كېسىپ، ئۈستىگە سان يېزىپ ياسىغان قارتتىن باشقا ئەسىرىم يوق. ئەمدى سىلەرچۇ؟ سىلەر كېچىكىڭلاردا قەغەز كېسىپ ئويناپ باققانمۇ؟ قانداق نەرسىلەرنى ياساپ باققان؟
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نادىر لايىھەلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئىجادىيەت,تەسەۋۋۇر,رەسىم,قالتىس,لايىھە
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 09-ئاينىڭ 12-كۈنى
- يازما مەنزىلى: factory-and-office.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > مېۋىچى نىنجا(Fruit Ninja) ئويۇنىنىڭ Windows 7 ئۇسلۇبى
- كېيىنكى يازما > ناۋادا سىزنىڭ ئىككى ئىنىكىڭىز بار بولسا، ئۇنداقتا بۇ ئىنەكلەرنىڭ تەقدىرى قانداق بولار ئىدى؟
چىرايلىق قەغەزلەركەن. مۇشۇنداق نەرسىلەرگە پەقەت تاقىتىم يوق مېنىڭ … قىز بالىنىڭ ئىشى بولغاچقىمىكىن
نىمانداق ئېسىل؟
بىكارچىلارنىڭ ئىشى. كىچىك بالا بولمىسا يا ئەتىدىن كەچكىچە قەغەز كىسىپ ۋاقىت ئۆتكۈزىدىغان.
زېرىكمەيدىغان خەقكەن جۇمۇ بۇ
ياقتۇردۇم. ئاز ئەجىر سىڭدۈرمىگەندەك قىلىدۇ باللا بۇنىڭغا
ئوخشاش پىكىردىكەنمىز!
نەچچە كۈن كەلمىسەم تورخۇمارنى تېما بېسىۋاپتىغۇ؟ ئالدىرىماي كۆرۈپ چىقسام بولغۇدەك. قىستۇرما ناخشا بوپ قالىدىكەن.
بۇنىڭغا نۇرغۇن ۋاقىت سەرىپ قىلغاندەك تۇرىدىغۇ
مەن ئادەتتە تىراپسىيەنى كۆپرەك ياسايىتىم..
بۇ چەت ئەللىكنىڭ قىممايدىغان ئىشى يوق ھە؟!!