QQ2011 Beta3 ئېلان قىلىندى، بىر قانچە QQ غا تەڭلا تىزىملىنىش، يېڭىچە تور دېسكىسى قاتارلىق يېڭىلىقلار…
腾讯 يېقىندا QQ2011 Beta3 نى چىقاردى، يېڭى نەشىرىدە بۇرۇنقى بولغان ئىقتىدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن سىرت، يەنە نۇرغۇن يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلغان. مەسىلەن، بىر قانچە QQ نومۇرغا تەڭلا تىزىملىنىپ چىقىش، باشقىلارغا دوست تەۋسىيە قىلىش ۋە ئەڭ يېڭى كۆرۈنمە يۈزدىكى تور دېسكىسى قاتارلىقلار…
QQ2011 Beta3 تە يېڭىلانغان ئىقتىدارلار:
بىر قانچە QQ نومۇرغا تەڭلا تىزىملىنىش
ئاساسى كۆرۈنمە يۈزگە 腾讯朋友 مۇلازىمېتى توپلاشتۇرىۋېتىلگەن
باشقىلارغا دوست تەۋسىيە قىلىش
شەخسى ئارخىپ كۆرۈنمە يۈزى يېڭىلانغان
پاراڭلىشىش كۆزنىكىدىكى سۈرەت ۋە كەسمىلەرنى بىۋاستە مىكروبلوگقا ئورتاقلىشىش ئىقتىدارى قوشۇلغان
يەنە نۇرغۇن ئىقتىدارلار…
ناۋادا QQ2011 نىڭ يەنە باشقا قانداق ئالاھىدىلىكلىرى بارلىقىغا قىززىقسىڭىز، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن چۈشۈرۈپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ. قاچىلىغاندىن كېيىن ئەسلىدىكى پاراڭ خاتىرىسى ۋە چىراي ئىپادىلىرى داۋاملىق ساقلىنىپ قالىدۇ.
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
QQ2011 Beta3 نى چۈشۈرۈش | مەنبە: torhumar.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [QQ دۇنياسى]
- ھالقىلىق ســــۆز: QQ,ئالاقە,پاراڭلىشىش
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 3,245 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 06-ئاينىڭ 25-كۈنى
- يازما مەنزىلى: qq2011.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > دۇنيادا قالتىس كىشىلەر يەنىلا ئاز ئەمەس جۇمۇ! ھىندىستانلىق مۇلازىمنىڭ كەسپىي ماھارەتلىرى…
- كېيىنكى يازما > ئىككى تالانت ئىگىسىنىڭ ھەمكارلىقىدىكى كوچا پۇتبولى ماھارىتى! ھەرگىزمۇ C.Ronaldo دىن قېلىشمايدۇ!!!
دىۋان
مەن بايا چۈشۈرۈپ ئىشلەتكەن ، ماڭا كۆرۈنمە يۈزى خىلى ياقتى …
مەن ئارقا-ئارقىدىن ئىككى قىتىم قاچىلاپ سىناپ باقتىم ،ئىككىلا قىتىمدا مەسىلە كۆرۇلدى، قارىغاندا ھازىرچە تازا مۇقىم ئىشلىمەيدىغاندەك بىلىندى.
1-مەسىلە: بىرىنچى قىتىم سىنىغاندا ئىشلىتىپ ئۇزاق ئۆتمەي ،ئارقا-ئارقىدىن ئۆچۇپ كەتتى.
2-مەسىلە: ئىككىنچى قىتىم قاچىلىغاندا ئۈستىدىكى تېزىملىك ستۇنى يوقاپ كەتتى ، ئۇنىڭدىن كېيىن رەڭلىك خەت ئىقتىدارىمۇ غايىپ بولدى.
قارىغاندا سىز بىلەن كىلىشەلمەيدىغان ئوخشايدۇ بۇ يىڭى نەشىرى ، مەندە شۇنداق نورمال …
مەندىمۇ شۇنداق ئەھۋاللار مەۋجۇد
ئۇيغۇرچىنى نىمىشقا داۋاملىق سۈزۈۋېتىدۇ ؟! پىسپاس گۇيلار !
ئوقۇيالمىغاندىن كىيىن سۈزۈۋىتىدۇدە …
ئنگلىزچە نەشىرىنى ىەنچىسىدىن ياخشىراقمىكىن دەيمەن ، ئنگلىزچىسىدا ئېلان ئازكەن ، بەلكىم كومپىيۇتىرنى نازارەت قىلماسلىقى مۇمكىن ،
خەنچىسىدىن
ەقەت 0.1QB بولسىلا، قارشى تەرەپنىڭ يانفونىغا ئۇچۇر ئەۋەتەلەيسىز.
—————
0.1QB نى چۈشەنمىدىمغۇ. تەپسىلىي چۈشەنچە بەرسىڭىزكەن. مەن دەل مۇشۇ ئىقتىدارىغا قىزىقىپ قالدىم.
مېنىڭچە 56مىللەتتنىڭ ئىچىدىكى يېزىقى بار مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يېزىقىنى قوللايدىغان قېلىشى كېرەك ئىدىغۇ~!
ئادەمگە يۈز بەرمەيدىغان كاساپەتنىڭ بىرىسى مۇشۇ شۇ. ئەمما، ئىت ئۇرغۇچىسىغا ئامراق دەپ ، ھەممەيلەن بۇنىڭغا يۇپۇشقىنىمىز يۇپۇشقان. مەسېنجىرنىمۇ تەشۋىق قىلىپ باقتىم ، ئاقىۋەت مەندىن باشقا ئادەم ئىشلەتمەس ئىكەن….
مەن ئىشلىتىۋاتىمەن، 8 تال ئادىمىم بار، 2 سى ئاندا مۇندا چىقىپ قويدۇ. قالغانلارنىڭ باش سۇرىتى يورىمىغىنغا ئۇزۇن بولۇپ كەتتى.
مېنىڭكىدىمۇ 57 ئادەم بار ئىدى ، ھەممىسى مۇنبەرداش بالىلار، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدە 2-3 ئاران يورۇيدۇ ، شۇڭا ئامال يوق مۇشۇ پىنگىۋىننى ئىشلىتىۋاتىمەن .
قايسى كۈنى مىسرانىم مۇنبىرىدە يېڭى ئۇيغۇرچە پاراڭلىشش دېتالىغا ئىسىم قويۇڭلار دەپ تېما كۆرۈۋاتقان ئىدىم ، ئۇ دېتالى قاچان چىقار ئەمدى ؟!
مۇنداق ياخشى ئىشلارنى بىزگىمۇ خەۋەر قىلىپ قويسىڭىز بولمامدۇ ؟ مەنلا ئىسىمدىن بىرنى قويۋىتەمدىم تىخى، ئادىرسى قېنى ؟
قايسى كۈنى كومپىيوتېرغا قايتا سىستىما قاچىلاپ QQ نى چۈشۈرەي دەپ قارىسام 2011- يىللىق نەشىرى بار، 2010- يىللىق نەشىرى يوق تۇرۇدى، 2011- نى قاچىلاي دەپ قارىسام vista,win7 گە ماس كىلىدۇ دەپ يىزىپ قويۇپتۇ، ئالدىراشچىلىقتا xp دا سىناشقا ۋاقىت يار بەرمىدى، شۇ ۋەجدىن ساقلاپ قويغان 2010- يىللىق نەشىرىنى قاچىلاپلا ئىشنى تۈگەتكەن ئىدىم، بۇ نەشىرى xp دا ئىشلەمدىغاندۇ يا ؟
يېڭىلىق ! ئىشلىتىپ كۆرگۈلۈك !
بىر نومۇرنى بىر قانچە قېتىم ئاچقىلى بولسا ياخشى بولاتتى 2005- يىلىدىكىدەك، دەرىجە دېگەننى ئاتلىۋېتەتتىمدە
مۇشۇ ئۆزىدىن باشقىنى يوق دەيدىغان … ئوخشۇتۇپ ياساش شاھى تىڭشۇنمۇ زە … يۇچۇقلىرى چىقىۋەسە يىڭى نەشىرلىرى چىقىۋىرىدۇ … مۇشۇ تىڭشۇننىڭ ئاشۇ يىرىگە ھۇجۇم قىلىدىغان بىرەرسى چىقىمىدى دىسە … سونىي دىگەندەك يەرلەرگە خالىغانچە كىرىپ چىقتى خاككىلار … مۇشۇ چ چ دىگەننى بىردەمدە تۇزلەيتتى كىرسە …
ئامال يوق ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمىزغۇ بۇ نەرسىنى
ۋاي ۋوۋا دوستۇم سىز نەدىن تاپقانسىز بۇنەشىرىنى ،تېڭشۇن تورىدىن ئىزدپ تاپالمىغان ،بىراق كاساپەت قالتىس بۇپ كېتىپتۇ ،بىراق يەنە مەلۇم كەمچىلىكلەر باركەن ،كۆپچىلىك دىگەندەك ئازسانلىق مىلەتلەرگىمۇ ماس كەلتۈرگەن بولسا ……!
مەن xpدا نورمال ئىشلىتىۋاتىمەن
قايسى كۈنى كومپىيوتىر يىزىقچە ئىمتىھانىغا پاراڭلىشىش قۇرالى دىسە QQ دىن باشقىسىنى يازالماپتۇ مۇئەللملەر…..
مەنغۇ تولدۇرىۋەتتىم
QQ,Skype,MSN,Talk,UC,TS,TT,ICQU دەپ …….
سىناپ باقايلى !
ھەقىقەتەن ئېقتىدارلىرى ئىلگىرىكى نۇسقىلىرىدىكىدىن كۆپكەن