سانلىق مەلۇماتلارغا قاراپ تۇرۇپ، FaceBook نىڭ زادى قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىگىنى كۆرۈپ باقايلى!!
ئالدىنقى قېتىم بىر قىسىم سانلىق ئۇچۇرلار ئارقىلىق 腾讯 زادى قانچىلىك كۈچلۈكتۇ دېگەن مەسىلە ھەققىدە توختالغان ئىدۇق، بۈگۈن يەنە داۋاملىق بىر قىسىم سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق، FaceBook نىڭ زادى قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىگىنى كۆرۈپ باقايلى. FaceBook ئەڭ دەسلەپتە پەقەت PayPal نىڭ ھەمكار قۇرغۇچىسى Peter Thiel نىڭ 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى مەبلىغى بىلەن ئىش باشلىغان…
400 مىليون ئابونت ھەر ئايدا كام دېگەندە بىر قېتىم FaceBook نى زىيارەت قىلىپ تۇرىدۇ، %60 ئابونت بولسا ھەركۈنى FaceBook نى زىيارەت قىلىپ تۇرىدۇ، %85 ئابونت بولسا، ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم FaceBook نى زىيارەت قىلىپ تۇرىدۇ، %93 ئابونت ھەر ئايدا بىر قېتىم FaceBook نى زىيارەت قىلىپ تۇرىدۇ. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن، ھەر بىر ئابونت ھەر ئايدا FaceBook نى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن 83 سائەت سەرپ قىلىدۇ، ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 19 مىنۇت چوقۇم FaceBook نى زىيارەت قىلغان بولىدۇ.
FaceBook نىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئابونتلار ئۈچۈن تەمىنلىگەن ھەر خىل تىلدىكى نۇسخىسى 70 تىن ئاشىدۇ.
ئوتتۇرا ھېساب بىلەن، ھەر بىر FaceBook ئابونتىنىڭ 130 دىن دوستى بار بولغان بولىدۇ.
FaceBook تىكى قوللانمىلار ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 550 مىڭدىن ئاشىدۇ، ھەمدە ھەر كۈنى داۋاملىق قوشۇلۇپ تۇرىۋاتىدۇ.
FaceBook نىڭ تەخمىنەن 10 مىڭ دانە مۇلازىمېتىرى بار، قىممىتى 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ.
FaceBook نىڭ 2007-يىلىدىكى كىرىمى 150 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ، 2008-يىلىدىكى كىرىمى 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، 2009-يىلىدىكى كىرىمى 6~700 مىليون ئەتراپىدا، 2010-يىلىدىكى كىرىمى بولسا، بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا مۆلچەرلەنگەن. ھازىر ھەر بىر ئايدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 1 مىليون 500 مىڭ دوللار ئەتراپىدا.
2010-يىلى 7-ئايدا، FaceBook نىڭ ئابونتى 500 مىليون ئادەمگە يەتكەن، ئابونتلارنىڭ ھەر كۈنى تورغا چىقىرىدىغان رەسىمى 8 مىليون 500 مىڭ پارچىدىن ئاشقان.
ھازىر FaceBook نىڭ بازار قىممىتى ئاللىقاچان 89 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
腾讯 ئىمپېرىيەسى زادى قانچىلىك كۈچلۈك؟ | FaceBook ھەققىدىكى فىلىم: ئىجتىمائىي ئالاقە تورى | FaceBook نىڭ ئىشخانا مۇھىتى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئالاقە، تور، شىركەت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,625 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 02-ئاينىڭ 11-كۈنى
- يازما مەنزىلى: how-big-is-facebook.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > مۇنداقمۇ ھوزۇرلۇق خىزمەت مۇھىتى باركەن، Google نىڭ لوندوندىكى ئويۇنچۇقخانا ئۇسلۇبىدىكى يېڭى ئىشخانىسى
- كېيىنكى يازما > ئۆزىنى يوشۇرالايدىغان ئادەمنى كۆرۈپ باققانمۇ؟ تۇنجى كۆرۈنمەس ئادەم جۇڭگودىن چىقتى…
- خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ دەھشەت چىققان ئېلانى – Add Power to You Life
- Microsoft شىركىتى Nokia نىڭ يان تېلېفون كەسپىنى سېتىۋالدى
- سامسۇڭ شىركىتىنىڭ دۇنيانى لەرزىگە سالغۇدەك بىڭسىنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان 13 ھەقىقەت
- ئالما ئىمپىرىيەسىدىكى سىز بىلمەيدىغان بىر قىسىم ئىشلار
- ناۋادا FaceBook، Twitter، Google قاتارلىق تور بېكەتلەر 90-يىللاردا ئېچىلغان بولسا قانداق قىياپەتتە بولار ئىدى؟
- تور ئويۇنى ئوينايدىغان باللا بامۇ؟ 暗黑破坏神3 ئويۇنىنىڭ بىر قىسىم CG لىرىنى كۆرگەچ مۇڭداشمامدۇق؟
- يانفونخۇمارلىق كېسىلى – ئىشىكتىن چىققاندا ئىشتان كىيىشنى ئۇنتۇپ قالسا قالىدۇكى، يانفوننى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالمايدۇ
- گۇگېلنىڭ باش بېتىدىكى قىزىقارلىق Doodle، قېنى تورخۇماردىكى باللار 110 مېتىرغا يۈگۈرۈشۈپ باقمامدۇق؟
- ھۆججەتنى نەدە ساقلىسا ئىشەنچىلىك؟ Google/Microsoft/Baidu تور دېسكىلىرى ھەققىدە
- ئۇيغۇر تور بەتچىلىكى نىمە ئۈچۈن تەرەققىي قىلمايدۇ؟
ئادەمنى قورقىتىدىغان سانلىق مەلۇماتلار
بۇ نەرسە قاچانمۇ دۆلىتىمىزدە ئېچىلاركىن
شۇنى دىمەمسىز ؟
مشۇنداق تور بىكەلەر قانداق پۇل تاپىدىغاندۇ … زىيارەتچىسى كۇپەيسە دۆلەت پۇل بىرەمدىغاندۇ ؟؟؟؟
كۇندە نەچچە مىليون تاپقىنىغا قايلىغاندا …
ئېلان ئارقىلىق تاپىدۇ، VIPئەزا قۇبۇل قىلىدۇ، ئۇلارمۇ شۇ بىزنىڭ تېڭشۈن بىلەن ئوخشاش ھەقىچان
بۇ جوڭگوغا كىرسە تىڭشۇنگە ئوخشاش شىركەتلەرنىڭ تاماق قاچىسىنى چاقىدىغان ئىش چىقار بەلكىم.
تېڭشۈن دىگەن غالجىر ئىتنى جۇڭگودىن قوغلاپ چىقارمىغىچە، جۇڭگونىڭ ITكەسىپى يۈكسەلمەيدۇ
Facebook نىڭ جۇڭگودا ئېچىلماسلىقنىڭ سەۋەبى نېمە؟
renren نىڭ سەۋەبىمۇ ياكى باشقا سەۋەبلەر؟
بۇ بىزنىڭ جۇڭگودىكى سىياسەتكە تاقىلىدۇ،ئەگەر سىز سىنا مىكرو بلوگىغا قالايمىقان ئۇچۇر يوللىسىڭىز ج خ ئورگانلىرى سىنانىڭ مۇلازىمىتىرىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق سىزنى بىر دەمدىلا تۇتىۋالىدۇ،Facebookقا قالايمىقان ئۇچۇر يوللىسىڭىز ئۇنىڭ مۇلازىمىتىرى ئامىركىدا، ئامىركىدا ھەقىقىي تور ئەركىنلىكى بولغاچقا ئۇلار ئاسانلىقچە مۇلازىمىتىرنى تەكشۈرەلمەيدۇ، بىرەر ئىش چىقىپ قالسا ماۋۇ سەلكىن بىلەن دىيارىمنى تاقىۋەتكەندەك facebookنىمۇ تاقىۋەتكىلى بولمىسا يە
ئەسلى مۇنداق دەڭە.
youtube,Facebook
ھەممىسىگە چىققىلى بولمىسا، ھەي تىراگىدىيە.
سان-سىفىرلاردا خاتالىق بارمۇ قانداق؟
«ھەر ئايدا»، «ھەر كۈنى» …. دېگەندەك سان-سىپىرلارنى كۆپەيتىپ ھېسابلاپ بېقىڭ، مەن تازا ئاڭقىرالمىدىم.
facebook گىپىنى جېق ئاڭلىدىم .ھازىرغاقەدەر ئىنىق چۈشەنمەيمەن .
فاك بوك!!!سەن نىمىدىگەن….پىيزى!!!ئىييۇ!!!
فاك بوك….
سەت گەپ قىلمايلى توردا
داڭقىنى جىق ئاڭلاپ كەتتىم …بىز ئىشلىتەلەيدىغان تىلدا يوق ھەقىچان بۇ تور بەت …
ھازىر بىلگايتىسنىڭ ئىزباسارلىرى مۇشۇنداق تور بەت ئىگىلىرى بولاتىدا … باشقا ئىش قىلىپ باي بوغانلار يوقمىكىن تاڭ …
بىز ئىشلىتىدىغان تىلدا بار، يەنى خەنچە نۇسقىسى چىققىلى خېلى بولدى ، تەيۋەن شىياڭگاڭ تەرەپلەردە ئىشلەيدىكەن
ئۆزىنى بىر قېتىم كۆرمەي ، داڭقىنى مىڭ قېتىم ئاڭلىدىم دىسە …ئۆزىنى كۆرمەي ، گىپىنى ئاڭلاۋەرسە بىر خىل بۇپ قالىدىكەن ئادەم .
نەدىدۇر….نەلەدىدۇر..مىنىڭ يايرىم!!!فاكبوك!!
قارىم فاكبوكمۇ فەيىسبوكمۇ؟فاك دىسىلە يامان سەت ئاڭلىنار ئىكەن دىسە…..
ئۇيغۇر تىلى قوللايدۇ . چەتئەلدە چىققاندا مەن ئۇيغۇرچە شەكلىدە ئىشلەتكەن.
خەلقارادا فەيىس بۇك ،تۋېتتىر ؛ جۇڭگودا سىنا، تېڭشۈن …..
يېقىندىكى موللا جاموللا ، يىراقتىكى موللا جىڭ موللا ، شامالغا ئۇساينايمىز ، خەقنىڭكى گەداپ چالىمىز . ئۇيغۇر دىمەك ئۇيۇشقاق دىگەنلىققۇ ، بىزدىمۇ بىلىملىكلەكۆپقۇ ، ئەجىبا بىز مۇشۇنداق توربەتتىن بىرنى پەقەت بىرنى قۇرالماسمىزمۇ؟
جوڭەۇغا كىرسە زادى قانداق تور بەت ئىكەن بىر كۆرىپ باقسام
ئامال قىلسا چىققىلى بولدىكەن، مەن چىقىپ ئوتراپتىمەن مانا…