ئۆزىنى يوشۇرالايدىغان ئادەمنى كۆرۈپ باققانمۇ؟ تۇنجى كۆرۈنمەس ئادەم جۇڭگودىن چىقتى…
چەتئەلنىڭ فانتازىيەلىك فىلىملىرىدە، دائىم يوشۇرۇن ۋە ئۆزىنى كۆرۈنمەس ھالەتكە ئەكىلەلەيدىغان ھەر خىل پېرسوناژلارنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز، مەسىلەن، دۇنياغا داڭلىق خاررىي پوتتېر فىلىمى، خاككېر ئىمپرىيىسى قاتارلىقلاردا بۇ خىلدىكى كۆرۈنمەس ئادەملەرنىڭ ئىزناسىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. مانا ھازىر ئاخىرى دۆلىتىمىزدىنمۇ، لىيۇبولىن ئىسىملىك ئۆزىنى يوشۇرالايدىغان بىر «خىسلەتلىك پالۋان» چىقىپتۇ…
لىيۇبولىن ھەر بىر پارچە رەسىمى ئۈچۈن، نەچچە سائەتلەپ تەييارلىق قىلىدۇ، ھەتتا بەزىدە 10 نەچچە سائەت ۋاقىتمۇ كېتىدۇ. ئادەتتە ئۇ يۇقىرىدەك بىر پارچە كۆرۈنۈش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، شۇ كۆرۈنۈش ئالدىدا بەلگىلەنگەن قىياپەت بويىچە تۇرىدۇ ۋە ياردەمچىسىنىڭ ئازراق ئىش قوشۇشى نەتىجىسىدە، كەينى تەرەپتىكى كۆرۈنۈشتىن قېلىشمۇغۇدەك دەرىجىدىكى ھالەتكە كېلىدۇ…
راستىنى دېگەندە، بۇ بىر ئىچى پۇشۇپ زېرىكىپ قالغان ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشىكەن، بىراق، لىيۇبولىننىڭ ئەستايىدىلىققى ۋە مۇشۇنداق بىر كۆرۈنۈشنى يارىتىپ، كىشىلەرگە بەلگىلىك زوق ئاتا قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى كىشىنىڭ ھۆرمەت تۇيغۇسىنى قوزغايدۇ…
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئاجايىپ,سىرلىق,لايىھە
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 3,325 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 02-ئاينىڭ 17-كۈنى
- يازما مەنزىلى: invisible-man-liu-bo-lin.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > يالقۇنجاپ تۇرىدىغان كۆرۈنمە يۈزى ئاجايىپ پۇزۇر بولغان ئويۇن : ئانا تەن(Prototype)
- كېيىنكى يازما > بودەك خان مۇنداق دەيدۇ: كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇشۇنداق سەمرىپ كەتسەم، مېنى يەنىلا ياخشى كۆرەمسىز؟
مەن ئۇنى كۆرۇپ قالدىم!
قىنى نەدە ئۇ ، مەن ئەجەب بايقىمىدىمغۇ ؟
يامان ئادەمكەن.
ياۋ……ما ئىدەم راس يامانكەن جۇما…مەن تاس قاپتىمەن بىرسىنى كۆرەلمىگىنى
بىچارە قانچىلىك سىرغا چىلىنىپ ، قانچىلىك تازىلىنىپ ئاۋارە بۇلۇپ يۈرىدىغاندۇ
توپا ئىتتىرىش ماشىنىسىنىڭ ئالدىدا يوققۇ؟
توپا ئىتتىرىش ماشىنىسىنىڭ چاقىغا زەن سىلىپ قارىسىڭىز كۆرەلەيسىز
ئۇيغۇر بەگ كۆزەينەكتىن ئىككىنى ئەمەس 4 نى تاقاپ كۆرسىلە كۆرەلەيلا
چەت ئەلدىلا ئىشى يوق بىكارچى ئادەمەر بارمىكىن دىسەم بىزنىڭ جوڭگودىمۇ باركەن ئەمەسمۇ !
مەن بانكىنى ئويلۇشۇپ قالدىم!ئەگەر مەنمۇ ئاشۇنداق كۈرۈنمەس بۇلالىسام…
ئەقلىڭىزگە بارى كاللا
بانكىدىكىلەر سىزنى بوياپ كۇرۇنمەس قىغۇچە ساقلاپ تۇراما … يا ئۇلارنى قاتۇرۇپ تۇرامسىز … چەتئەلنىڭ بىكاچىلىرىنىڭ كىسىلى پاراخوت بىلەن مايەگىمۇ كەگەن ئوخشايدا…
نېمە مەقسەتتە قىلغاندۇ بۇلارنى ياكى ئۆزىنى كۆرسەتمەكچىمۇ يا…
چەتئەلنىڭ ھەممە نەرسىسىنى ئۆگەنمەكچى،ئىجادىيلىقى يوق!!لىكىن ئەستايىدىللىقىغا قايىلمەن،….
خېلى ئۆزگىچىكەن بۇنىڭ قىلغان ئىشى .
بۇ رەسىملەرنى كومپىيوتىردا ئىشلىگەن، سىزمۇ ئاۋال بىر قانچە رەسىمگە چۈشۈپ، ئاندىن كومپىيوتىردا رەڭ بىرىپ بۇشۇنداق سۆرەتلەرنى ياسىيالىسىڭىز سىزمۇ« كۆرۈنمەس ئادەم» بولالايسىز!~
مىنىڭچىمۇ كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلغاندەك قىلىدۇ … ھەممىسى سىر ئەمەسكەن .