بۇنداق قوڭغۇراقلىق سائەت بولسا، ئىشقا ياكى دەرسكە كېچىكىمەن دەپ خام خىيال قىلمىسىڭىزمۇ بولغۇدەك
دائىم بەك ئۇخلاپ كېتىپ ئورنىڭىزدىن تۇرالمايدىغان، ئىشقا ياكى دەرسكە كېچىكىپ قالغان ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟ مەنچە ھەممەيلەننىڭ بۇنداق ۋاقىتلىرى بولغانغۇ دەيمەن. شۇڭا، كۆپىنچەيلەن ئەتىگىنى يانفون ياكى مەخسۇس قوڭغۇراقلىق سائەت ئارقىلىق ۋاقىت بەلگىلەپ ئويغىنىشقا ئادەتلەنگەن. تۆۋەندىكىسىمۇ بىر خىل ئىجادىي لايىھەلەنگەن قوڭغۇراقلىق سائەت بولۇپ، ئەنئەنىۋى قوڭغۇراقلىق سائەتلەردىن پەرقى شۇكى، سىز تاكى ئۇنى بەلگىلىك ۋاقىتقىچە ھەرىكەتلەندۈرمىگەندە ئۇ سايراشتىن ھەرگىز توختىمايدۇ. ئەتىگەن سەھەر تۇرۇش بىلەن بىرگە، يەنە ئازغىنە بەدەن چېنىقتۇرۇش پۇرسىتىگىمۇ ئېرىشىسىز، بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوقۇش دېگەن مانا شۇدە؟
ئەتتىگەندە بۇ سائەت سىز بەلگىلەپ قويغان ۋاقىتتا سايراشقا باشلايدۇ، بۇنى پەقەت 30 قېتىم ھەرىكەتلەندۈرگەندە(شەكلىگە قاراپلا قانداق ھەرىكەتلەندۈرۈشنى ھېس قىلىپ بولدىڭىز ھەقىچان) ئاندىن سايراشتىن توختايدۇ، ئورنىڭىزدىن چاچراپ تۇرۇشتىن سىرت، يەنە ئازغىنە بەدەن چېنىقتۇرۇش پۇرسىتىگىمۇ ئېرىشىسىز، سائەتنى ھەر بىر كۆتۈرۈپ چۈشۈرگەندە، ساناق 30 دىن باشلاپ تەتۈر ساناشقا باشلايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياندا ئېلىپ يۈرۈشمۇ ئىنتايىن قولايلىق، سەپەرلەردە، ساياھەتكە چىققاندا ئېلىۋالسىڭىزمۇ ياخشى ئۈنۈمىنى كۆرىسىز، كېچىسى يەنە ئالاھىدە يورۇيدىغان فوسفورلۇق چىراق سەپلەنگەن بولۇپ، ھوجرىغىمۇ ئالاھىدە تۈس قوشىدۇ.باھاسىمۇ ئىنتايىن ئەرزان بولۇپ، پەقەت 28 يۈەن. نۆۋەتتە 淘宝 دىن سېتىۋېلىشقا بولىدۇ.
ئېسىڭىزدە بولسۇن، سايرىغاندىن كېيىن 30 قېتىم كۆتۈرۈپ چۈشۈرگەندىلا توختايدۇ، بولمىسا باتارىيىسى تۈگىمىگىچە بۇ سائەتنىڭ زۇۋانىنى ئۆچۈرۈش تەس. سەل ئاجىزراق قىزلار 15 نى كۆتۈرۈپ چۈشۈرۈپ بولغاندا، يەنە بىر قولغا ئالماشتۇرۇپ كۆتۈرۈشنى ئۇنتۇماڭلار.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يېــڭــى ئىــشــلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: سائەت، لايىھە
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 7,529 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 02-ئاينىڭ 28-كۈنى
- يازما مەنزىلى: dumbbell-alarm-clock.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ھەقىقى فانتازىيە! ئەجنەبىيلەرنىڭ XBox360 Kinect ئارقىلىق ئويۇننى قانداق ئوينايدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى!
- كېيىنكى يازما > ئىككى دانە iPad سەپلەنگەن، تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ھەشىمەتلىك SUV ئاپتوموبېلىنى كۆرۈپ باقايلى
- ئادەمنى جىلە قىلىپ قويىدىغان تۇرمۇش بۇيۇملىرى | ئەسەبىي سەنئەتكارلارنىڭ دۇنياسىنى چۈشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن
- دۇنيا بويىچە ئەڭ رەتلىك سېلىنغان شەھەر
- Flappy Bird | ئويۇنخۇمارلارنى ساراڭ قىلغان ئاددى ئويۇن، قانچىلىك ئوينىيالىدىڭىز؟
- بىزنىڭ بالىلارنىڭ رەسىملىرى يەنە كەلدى، ئىمراننىڭ پارىژ چۈشى
- ئۇنداق رەسىملەرنى بىزنىڭ ئۇيغۇر بالىلارمۇ سىزالايدۇ، ئىشەنمەمسىز؟ ئەمىسە بۇ رەسىملەرگە قاراڭ!
- يۈزدە يۈز كاپالەت بېرىمەن، بۇ رەسىملەرنىڭ ھەممىسى كومپيۇتېردا قۇراشتۇرۇلغان سۈرەتلەر، ھېچقايسىسى راست ئەمەس
- ئەينەنلىكى ئاجايىپ يۇقىرى چىققان قېرىنداش سىزمىلار، قارىماققا راستتەكلا كۆرۈنىدىكەن
- «Desperado» فىلىمىدىكى باش پېرسوناژنىڭ كومپيۇتېردا سىزىلىش جەريانى ۋە پۈتكەن ئەسەر
- ئاقسا قۇرۇلما! ۋېلىسپېتنىڭ چاقىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان LED چىراق | تىقىپ قويغان ۋېلىسپىتىڭىزنى مىنىدىغان ۋاقتى كەلدى!
- ئەسلىدە ھەقىقى خاسىيەتلىك پالۋانلار مۈشۈك پلانېتىدىكىلەر ئىكەن ئەمەسمۇ؟!
مەن بىرنى ئېلىپ قويسام بۇلامدۇ نىمە بۇ سائەتتىن ؟
ئەپ بولدۇقما يا …دەپ قوياپ
يېڭى خىزمەتكە چۈشكەنلەر ئۈچۈن ياخشى تاللاشكەن بۇ، ھە
ھەقىقى توغرا تاللاشكەن دەيمىز دەيمە
مەن تامغا ئۇرۇپ سۇندۇرۋېتەمەنمىكىن .
مەنمۇ ياتاق ئۆيۈمنىڭ دېرىزىسىدىن تاشلىۋەتكۈدەكمەن
ۋاھ! ……..دەۋەتتىم مەن تۇيۇقسىز
ۋەتەنگە ئەگەشتىم!
مەن چۇقۇم سېتىۋالىمەن .
تورخۇمار ئەپەندىمنىڭ بۇ نەرسىنى تۇنۇشتۇرغىنىدىن بەك خۇشال بولدۇم .
يامان يىرى باتارىيەسىنى ئېلىۋەتمەك ئاساندەك قىلىدۇ .
زۇۋانى ھەرقانچە چوڭ بولسىمۇ باتارىيەنى ئېلىۋەتسە زۇۋانى ئۈچۈدۇ
ئەتتىگەندە ئويغىنىش خوش ياقمايدىغان ئادەمگە ، بۇنى كۆتۈرۈش خوش ياقارمۇ ؟!
مەن ھەرگىز سېتىۋالمىغۇدەكمەن ،ئەمما باشقىلارغا بېرىدىغانغا ياخشى سوۋغات بولغۇدەك ….
مىنىڭچە ئۆزى ئويغانمىغان ئادەمنى مەجبۇرى ئويغاتسىمۇ ئۇ پەقەت ۋاقىتلىق بولۇپ قالىدۇ. ئادەم قانچە كۆپ ئۇخلىسا شۇنچە ئۇيقۇسى كىلىدۇ.
يەنىلا ئازراق ئۇخلاي.
تورخۇماركا بۇ بەك يىنىككەنغۇ ،ئاران 644گرامكەن ،ھېچبولمىسا 5كىلۇ بولغان بولسا!!
مىنىڭ چە ئۇ سائەت نىڭ موزىكىسىنى ئوزگەرتىپ ئەللەي ناخشىسىنى كىرگۇزۋالسا ، تىخىمۇ پەچەت بولمامدۇ ھە