ھەقىقى فانتازىيە! ئەجنەبىيلەرنىڭ XBox360 Kinect ئارقىلىق ئويۇننى قانداق ئوينايدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى!
مىكروسوفت چىقارغان Kinect، ھېسابتا ئەنئەنىۋى ئويۇن ئويناش قائىدىسىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتتى دېيىشكە بولىدۇ! بۇ ھەرگىزمۇ ئاددى ھالدىكى ئويۇن ئويناش بولماستىن، بەلكى ئويۇن بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىغا بىر كۆۋرۈك ئورناتقان تېخنىكا بولۇپ، بۇنى كومپيۇتېردا كىرىشتۈرگەن دەپ قالماڭ، چۈنكى ئازغىنە 25 كۈندە مىكروسوفت بۇ مەھسۇلات(kinect)تىن 2 مىليون 500 مىڭنى سېتىپ بولدى!!
مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇ خىلدىكى ئويۇن ئويناش ئۇسۇلىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسۇلغا قارىغاندا ئارتۇقچىلىقى كۆپ. ئادەتتە كومپيۇتېر ئالدىدا ئۇزاق ئولتۇرىدىغانلار، ئاز ھەرىكەت قىلىدىغانلار ئۈچۈن، Kinect ئىنتايىن ياخشى چېنىقىش پۇرسىتى ھازىرلاپ بېرەلەيدۇ دەپ ئويلايمەن، پۇرسەت بولسا بىرنى سېتىۋېلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن، ماڭا ئوخشاش ھەرىكەت مىقدارى ئازلار ئۈچۈن ئىنتايىن ماس كېلىدىكەن, باھاسىمۇ قىممەت ئەمەس بولۇپ، 3000 يۈەندىن تۆۋەن ئىكەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر,يېــڭــى ئىــشــلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: kinect، xbox، ئويۇن، مىكروسوفت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 15,974 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 02-ئاينىڭ 02-كۈنى
- يازما مەنزىلى: xbox360-kinect-video.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > باشتىن ئاخىر بىر ئورۇندا ئېلىنغان ئىجادىيلىقى ئىنتايىن يۇقىرى ئىشلەنگەن MV!
- كېيىنكى يازما > ھەيران قالماڭ، دۇنيادا سىرلىق ئىشلار ئاجايىپ كۆپ، ئۆزگىرىشچان ئادەملەر تېخىمۇ كۆپ…
- كىنو دەرىجىسىدە ئىشلەنگەن ئويۇن CG فىلىملىرى
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- جەڭگاھ 1 ئېلان قىلىنماقچى! بۇ يىلغا تەۋە ئەڭ ياخشى قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
- مىكروسوفت مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى تەشۋىقات فىلىمى – Holograms دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ
- تەتقىقاتچىلار ۋاسكېتبولنى مۇنداق ئوينايدىكەن، نىمدىگەن كەپسىزلىك بۇ
راست ياخشىكەن
ما ئويۇن بوپ قالامدۇ نىمە ، لىكىن كومپىيوتىرلىرىمىز قوللىماي قالامىكىن …
تېمىنى تەپسىلىيراق كۆرۈپ چىقتىڭىزمۇ؟
ئويۇنچۇقخانىلاردىكى مەۋھۇم دىسكو ئوينىغۇچقا ئوخشاپ كېتىدىكەن…
تەدبىركار زامانىمىزدىكى ئەڭ ۋەخشى ئويۇنخۇمار
ۋوي ، مەن تىمىسىغا قارىماپتىمەن ….
مەندە بىرسى بار ئىدى،ئوينىغىنىمۇ چول يوق شۇنى!!~~~~تورغا ئۇلاپ ئوينىسا بەك پەيزى!~
ئەستا قايسى بىرگە يىتىشىپ بولغۇلۇق ئەمدى
لىكىن بۇرادەرلەر ئىكران بەك ياخشى بولىشى كىرەك مەمۇ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن سودام ياخشى بولسا يادا مەنمۇ ئىلىىشنى ئويلىدۇم
ئويۇنلىرى كچىك تۈردىكى ئويۇنلاردەك قىلامدۇ؟
يائاللا ئادەمنىڭ ئەقلىي يەتمەيدۇ بۇ ئىشلارغا، بۇ خەق يەنە نېمىلەرنى كەشىپ قىلار دەيمەن.
تېخنىكىنىڭ يىڭىلىنىشى بەكلا تېز بولىۋاتىدۇ …. ئەممازە ماۋۇ راسلا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ …
ۋاي بۇ يەرلەردە ساتامدىغاندۇ …. ياپۇنلۇقلا بەك ئۇستىتى بۇنداق تىخىنىكىلارغا … م ئەمدە مىكروسوفىت ئىشىپ چۈپتۇدە ..
مىنىڭ پەقەتلا ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ دىسە…
بىز شىركەتكە ئەكىلىپ ئوينىغان. ھەممىدىن ئىككى ئادەم بىرلىشىپ بوكىس ئوينىسا بەك پەيزى بولدىكەن. تەرلەپ پىشىپ، تۈگشىپلا كەتتۇق. بەكلا ياخشىكەن.
نەدە ساتىدىكەن بۇنەرسىنى شىنجاڭ دا بارمىكەن
قىزىلبايراق ھىسابلاش ماشىنىسى شەھەرچىسى ، يەر ئاستىنىڭ ئوڭ تەرەپنى بويلاپ ماڭسىڭىز ئۇچرىتىسىز
ھەقىقەتەن فانتازىيە ئوخشايدۇ دېسەم ، ھەقىقەتكە ئايلانغان فانتازىيەكەنغۇ ؟! رەھمەت سىزگە . شىنجاڭغا كەلگەنمىدۇ ؟
بۇ چوقۇم كىرىشتۈرۈلگەن.
پۇلىسى خېلى بار ئىكەن
1200يۈەن ئەتراپىدى ئىكەن باھاسى
نەدە ساتىدىكەن. ساتىدىغان يېرىنى تەپسىلىي ئۇچۇر بىلەن قالدۇرۇڭلار. مەن ئون مىڭ سومدىن تۆۋەن بولسىلا سېتىۋالىمەن. نېمە دىگەن كۆڭۈللۈك ئويۇن بۇ.
ۋاي،راسلا قالتىسكەن مەنمۇ بەكلا ياقتۇرۇپ قالدىم دىسە….سېتىۋالماقچى بولساڭلا 淘宝دىن ئىزدىسەڭلا كۆمىۋىتىدىكەن سىلەرنى،،
ئۆيگە بىرەدىن ئىلىپ قويغۇلۇق ئىچىمىز پۇشقاندا خوتون بىلەن بىرلىشىپ بوكىس ئوينىمامدۇق ئەمىلىيەتتە ئۇرالمىغاندىن كىيىن شۇنىڭدا بولسىمۇ راسا ئۇرىۋالامىز
ماڭا بۇنى ئېلىپ ئويناشمۇ نىسىپ بولار بىر كۈنى