باشتىن ئاخىر بىر ئورۇندا ئېلىنغان ئىجادىيلىقى ئىنتايىن يۇقىرى ئىشلەنگەن MV!
تېخى يېقىندا كۆپچىلىككە intel نىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە كىرىشتۈرۈلگەن فىلىمى «ئىز قوغلاش» نى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن ئىدىم، تورداشلارنىڭ ئىنكاسىمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان، بۈگۈن كۆپچىلىككە داۋاملىق ئىنتايىن ئۆزگىچە كىرىشتۈرۈلگەن بىر MV نى تونۇشتۇراي، باشتىن ئاخىر بىر كۆرۈنۈشتىلا سۈرەتكە ئېلىنغان بۇ MV دىكى يېڭىلىقلاردىن بىرلىكتە بەھر ئېلىپ باقايلى!
بۇ بولسا، Kylie Minogue نىڭ Come Into My World ناملىق ناخشىسى بولۇپ، 46-نۆۋەتلىك گرەممىي ئەڭ ياخشى ناخشا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، مۇزىكىسى ئىنتايىن ياخشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە MV سىنىڭ ئىشلىنىشىمۇ ئاجايىپ ئۆزگىچە، بۇ يەردە رېژىسورنىڭ ۋە مونتاژنىڭ تېخنىكىسىغا قايىل بولماي تۇرالمايمىز!!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر,يېــڭــى ئىــشــلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: MV,ئېلان,مۇزىكا,ناخشا,يېڭىلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 2,106 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 02-ئاينىڭ 01-كۈنى
- يازما مەنزىلى: come-into-my-world.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > شادىمان iPad مۇزىكا ئەترىتى، iPhone ۋە iPhone ئارقىلىق روژدېستىۋو مۇزىكىسى ئورۇنلاش
- كېيىنكى يازما > «QQ مەركىزىم» دىن QQ يېشىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى رەسمىي ھالدا ئېچىۋېتىلدى
تېخنىكا ھەممىمىزدە بار، تەسەۋۋۇر مۇشۇلاردىلا بار!
ھەقىقەتەن قايىل بولماي تۇرالمايمىز !
ھەقىقەتەن قالتىسكەن مەن ئابدۇكىرىم ئابلىزنىڭ ‹‹جىددى تەييارلىق››نامىلىق ئىتوتىنى كورۇپ ھاڭتاڭ قالغانتىم بۇ ئۇنىڭدىنمۇ يامانكەندىسە…..
ئېيتىشلارغا قارىغاندا مەزكۇر فىلىم قايتا-قايتا كۆرۈنۈشنى جىپسىلاش ئارقىلىق ھاسىل بولغانمىش(مەن تولۇق كۆرۈپ باقمىدىم جۇما )….
مۇمكىن بولسا تەدبىركار ئەپەندىم جىددى تەييارلىق ناملىق ئىتوت ھەققىدە بىر نەرسىلەرنى يىزىپ باقسا بىزمۇ چۈشۈنۈپ باقساق؟
شۇنداق ! مەنمۇ ھازىرغا قەدەر سىرىنى بىلەلمىدىم
تورخۇماردىكى «ئەسلى ئامېرىكا تېلىۋېزىيە تىياتىرلىرى مۇنداق سۈرەتكە ئېلىنىدىكەن» دېگەن يازمىدىكى سىننى كۆرسىڭىز، بەلكىم ئازراق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشىڭىز مۇمكىن.
ھە… مەن چۈشەنگەندەك بولدۇم… ئاشۇ تېمىنى كۆرگەندىن كىيىن مۇشلاش كىنودىن باشقىنى كۆرمەس بولدۇم ،فنتازىيە مەستانىسى ئىدىم مەن
روھچىن ئەپەندى …..نىمدىگىنىڭىزبۇ؟ سىرىنى بىلەلمىدىم دىدىڭىزما……؟
كۆرۈنۇشنىڭ ئۆزلۈكسىزلىكىدىن قارىغاندا ، سۈرەتكە ئۈزمەي ئالغاندەك بىلىنىدىكەن . سىن ئالغاندىمۇ بوش كۈچىمەپتۇ ….
ۋايـــــــــــــــــــــــــى.بشىم قېيىپ كەتتى،ئەڭ ئاخىرقىسى ھەجەپ چۈشۈرۈپ قويمىدا ئاۋۇ قول سومكىسىنى