ئۆزگىچە لايىھەلەنگەن QQ نىڭ سۈزۈك تېرىسى QQ رىڭىزنى تېخىمۇ گۈزەل تۈسكە ئىگە قىلغۇسى!
ھازىر ئارىمىزدا QQ ئىشلەتمەيدىغانلار ئاساسەن يوققۇ دەيمەن، ھەقىقەتەن، نۇرغۇن تورداشلارنىڭ كومپيۇتېرنى قوزغىتىپ تورغا ئۇلاپ بىرىنچى قىلىدىغان ئىشى QQ غا چىقىش. QQ نىڭمۇ باشقا يۇمشاق دېتاللارغا ئوخشاش ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى بار بولسىمۇ، بەلكىم خېلى كۆپىنچەيلەن تېخى سىناپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن. تۆۋەندە كۆپچىلىككە QQ2011 نىڭ بىر دانە سۈزۈك تېرىسىنى قالدۇراي، بۇ خىل ئەينەكسىمان ئۈنۈمنى ياقتۇرىدىغان دوستلار ئۈچۈن ئەسقېتىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس…
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
1. ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ پرىستىن يېشىپ QQ قاچىلانغان مۇندەرىجىگە قاپلايمىز. مەسىلەن، QQ نى C رايونغا قاچىلىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا C:\Program Files\Tencent\QQ\Resource.1.61.2021 ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنى پرىستىن يەشكەندىن كېيىنكى ھۆججەتلەرگە ئالماشتۇرىۋەتسىڭىز بولىدۇ. ھۆججەتلەرنى ئالماشتۇرۇشتىن بۇرۇن، ئەسلى QQ تېرە ھۆججەتلىرىنى زاپاسلاشنى ئۇنتۇماڭ.
2. QQ نىڭ كۆرۈنمە يۈز قىسمىدىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجەكتىكى كۆرۈنمە يۈز ئالماشتۇرۇش كۇنۇپكىسى(更改外观) نى بېسىپ، سۈزۈك ئۈنۈم ھالىتىنى ئاچىمىز.
3. ئەلۋەتتە، مەزكۇر QQ تېرىسى ئەينەكسىمان سۈزۈك ئۈنۈمنى ياخشى كۆرىدىغانلار ئۈچۈن لايىھەلەنگەن بولغاچقا، بەزىدە ئىشلىتىشكە قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئۈستەل يۈزىگە قارا رەڭلىك تەگسۈرەت ئىشلىتىلگەندە تەسىرى بىر قەدەر روشەن بولىدىكەن، شۇڭا ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن تاللاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
پرېستىن يېشىش پارولى: www.torhumar.com
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
QQ2011 نىڭ سۈزۈك تېرىسى | مەنبە: تورخۇمار | QQ2011 نى چۈشۈرۈش
- يازمىنىڭ ئـورنى: [QQ دۇنياسى]
- ھالقىلىق ســــۆز: QQ,ئۇسلۇب,گۈزەللەشتۈرۈش
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 2,113 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 05-ئاينىڭ 24-كۈنى
- يازما مەنزىلى: qq-glass-skin.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > كۇڭمىڭ قۇلۇپى interlocked : كىشىنى رازى قىلىدىغان كىچىك 3D ئويۇن
- كېيىنكى يازما > بىر پارچە 1000000 ھەسسە چوڭايتقىلى بولىدىغان سىرلىق رەسىم، تالانتلىقلار يەنىلا ئاز ئەمەس جۇمۇ!!
ۋاھ! Win 7 غا خاس تېرە ئىكەنغۇ بۇ!
ھە ! نورمال ئىشلىمىدى جۇما !
مەن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان چ چ ئىشلىتىۋاتقان ئىدىم ، بۇنىڭغىمۇ بولىۋىرە-ھە؟!
ھۆججەتتە خاتالىق بار ئوخشايدۇ جۇمۇ ، چۈشۈرسەم سىغىمى نۆل مىگابايىت دەپ تۇرىدۇ . پىرىستىنمۇ يىشىلمىدى .
تېرە كۆچۈرۈش ئوپراتسىيىسى مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى
پىرىستىن يىشىش پارولىنىڭ توغرىلىقىغا جەزىم قىلالامسىز؟
تۈزىتىپ قويدۇم، رەھمەت سىزگە!
تىرە كۆچۇرۇش مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى لىكىن رەسىمدىكىدەك ئاق سۇزۇك تىرە بولماي قاپتۇ … تىرىنىڭ چەككۇزسەك ھەممە يەگە پۇتۇن كۆرىنىدىكەن …لىكىن سۇزۇك بولمىدىغۇ …
چۇشمىدى ، تورخومار ئەپەندىم قاراپ باقامسىز .
يۇقارقى سۇرەتتىكىدەك ئۇنۇمگە ئېرىشەلمىدىم ،
ياخشىراق بوشلۇققا يوللىسىڭىز بوپتىكەن …
مەن چۈشۈرەلمىدىم
ئۇيغۇرچە كىيوكىيو مۇ بارما . مەن ئۇيغۇرچە دېتاللارنىڭ ھەممىسىنى سناپ باقتىممىكىن دېسەم .بىزمۇ ئىشلىتىپ كۆرىلى ئاشۇ كىيوكىيو نى
مەخپى نۇمۇرچۇ
ئالە شەرىڭنى ، بالاڭزا بۇ ئەينەككە قاراپ تۇرۇپ، مەن كۆزەينەك تاقىدممۇ ،قېنى كۆزەينەك دىگەندەك گەپ بولاپتا، مەخپى نومۇرۇڭلا كاللاڭلىدا
تىز
تورخۇمار ئەپەندى تىز بولساڭلار بوپتىكەن پۇلغا ئالامدۇق يا
ئا يازمىنىڭ ئاخىرىغا قايلايلى
بۇ كۇكۇ بەك يوغىناپ كېتىپ بارىدۇ، مۇشۇنى ئورۇقلىتىدىغان بىرەر ئامالىڭلار يوقمۇ؟
ﺑﻮﻟﻰﺩﻯﻙەﻧﻎۇ… ﻡەﻧﻢۇ ﺑﻰﺭ ﺳﻰﻧﺎﭖ ﺑﺎﻗﺎﻱ ﻕېﻧﻰ…
ﺏۇ ﺋﻰﻧﻜﺎﺱ ﺋﺎﻧﺪﺭﻭﻳﺪ ﺗﺎﺧﺘﺎ ﻛﻮﻣﭙﻲۇﺕېﺭﻯﺩﺍ ﻱېﺯﻯﻟﺪﻯ.
ﺏۇ ﺗﻮﺭ ﺏېﻙەﺕﺗﻰﻛﻰ ﺥەﺗﻞەﺭ ﺋﺎﻧﺪﺭﻳﺪﺗﺎ ﻛﻮﻣﭙﻲۇﺕېﺭﺩﻯﻛﻰﮒە ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ھەﻡ ﭼﻘﺮﺍېﻟﻰﻕ ﻙۆﺭۈﻧﺪﻯ. ﺑﻰﺭﺍﻕ،، ﻣﺎۋۇ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺋﻰﻧﻜﺎﺳﻰﻡ ﺉۇﻻﻧﻤﺎﻱۋﺍﺗﻰﺩۇ. ﻕۇﺗﺒﻰﻟﻰﻙ ﻛﻰﺭﮒۈﺯﮒۈﭼﻰﺩە ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﺘﻰﻡ ﺑﻮﻟﻤﻰﺳﺎ…
99.9% كە كەلگەندە چۈمەي تۇرىۋالدى بۇ…؟
مەن كومپىيۇتېرنى قوزغىتپلا قىلىدىغان بىرىنجى ئىشىم چ چ نى قوزغىتىش ئەمەس بەلكى لومپىيۇتېرنى تاقاي دېگەندە چ چ ئېسىمگە كەلسى ئېچىپ بېقىپ كومپىيۇتېرنى ئۆچۈرىمەن.
لومپيۇتېر يېڭى چىققان ئۈسكۈنىما؟
مەنمۇ ئۆزگەرتىۋالدىم رەخمەت
ئا بوشلۇقتىن نەرسە چۈشۈرەلمىدىم. DBank ياكى 115 غا يوللىساق بولماسمىدى
شۇ ، مەنمۇ چۈشۈرەلمىدىم ، بولمىسا قىززىقىپ قالغان ئىدىم .