نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > يۇمشاق دېتاللار > يازما كۆرۈش

ماركىسىز(زاپەر) كامېرالارنى كومپيۇتېرىڭىز تونىمايۋاتامدۇ؟ ھەممىباب كامېرا قوزغاتقۇچ پروگراممىسى

ماركىسىز(زاپەر) كامېرالارنى كومپيۇتېرىڭىز تونىمايۋاتامدۇ؟ ھەممىباب كامېرا قوزغاتقۇچ پروگراممىسى

ھازىر بازاردىكى كامېرالارنىڭ تۈرلىرىنىڭ جىقلىقىغا گەپ توغرا كەلمەس بولۇپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماركىسىز(杂牌) كامېرالار مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ! بىر قىسىم يېڭى چىققان كامېرالارنى ھېچقانداق قوزغاتقۇچ پروگرامما قاچىلىمايلا نورمال ئورناتقىلى بولىدۇ، ئەمما سەل بۇرۇنراق چىققان بىر قىسىم كامېرالارنى تونۇتۇش ئۈچۈن چوقۇم قوزغىتىش پروگراممىسىنى قاچىلاش كېرەك، ناۋادا بۇ قوزغىتىش پروگراممىسىنى يۈتتۈرۈپ قويغان بولساق ئەھۋال تېخىمۇ چاتاق، ئۇنى ئاز دەپ ماۋۇ ماركىسىز كامېرالارنىڭ قېپىدىن يا زاۋۇت ئادرېسى، يا تور بېكىتىنى تاپقىلى بولمايدۇ، قاراپ تۇرۇپ بىر ئوبدان كامېرانى ئىشلىتەلمىسەك بۇ ھەقىقەتەن بىر ئىسراپچىلىق بولدىدە؟

بۈگۈن كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلماقچى بولغىنىم، دەل مۇشۇ خىلدىكى ئېھتىياجنى ھەل قىلىدىغان «ھەممىباب كامېرا قوزغاتقۇچ پروگراممىسى» بولۇپ، مۇتلەق كۆپ قىسىم ساندىكى كامېرالارنى بۇ قوزغاتقۇچ پروگرامما ئارقىلىق ئەيۋەشكە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. دائىم دوستلىرىمغا ياكى تونۇشلارغا كومپيۇتېر قۇراشتۇرۇپ بېرىش جەريانىدا ماركىسىز كامېرالار كۆپ ئۇچرايدۇ، بۇ چاغدا بۇ قوزغاتقۇچ پروگرامما كۆپ ئەسقېتىۋاتىدۇ. ئەمما بىر قىسىم تونۇشلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، يەنە ئايرىم ماركىدىكى كامېرالارنى بۇ قوزغاتقۇچ پروگرامما بىلەن تونۇتقىلى بولمىغاننىڭ گېپى بار، ئەلۋەتتە مەن نۆۋەتتە بۇ ئەھۋالغا يولۇقۇپ باقمىدىم، قارىغاندا كامېرامۇ ئادەمگە قاراپ مۇئامىلە قىلىشنى بىلىدىغان چېغىۋا؟!

بۇ قوزغاتقۇچ پروگراممىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى باشقا قوزغاتقۇچ پروگراممىلارنى ئىشلىتىشكە ئوخشايدۇ، يەنى ئاۋال كامېرانى چېتىپ، ئاندىن كومپيۇتېر قوزغاتقۇچ پروگراممىنى سورىغاندا ئورنىنى تېپىپ كۆرسىتىپ بەرسەكلا بولىدۇ.

ئەلۋەتتە تەدبىركار بۇ قوزغاتقۇچ پروگراممىنىڭ بارلىق كامېرالارغا نىسبەتەن ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ، بىراق كۆپ ساندىكى تورداشلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، نۆۋەتتە مۇتلەق كۆپ قىسىم ساندىكى ماركىسىز كامېرالارنى بۇ قوزغاتقۇچ پروگرامما ئارقىلىق ئەيۋەشكە كەلتۈرگىلى بولىدىكەن. نۆۋەتتە بۇ قوزغاتقۇچ پروگرامما پەقەت XP دا سىناقتىن ئۆتتى، Vista ياكى Win7 دا قانداق بولىدىغىنىنى تېخى بىلمىدىم، Vista ياكى Windows 7 ئۆزىدە تەمىنلىگەن زور مىقداردىكى قوزغاتقۇچ پروگرامما ئارقىلىق بەلكىم بۇنداق كامېرالارنى بىردەمدە ئەيۋەشكە كەلتۈرىۋېتىشى مۇمكىن، شۇنداقتىمۇ سىناپ باققان تورداشلارنىڭ سىناق نەتىجىسىنى تەمىنلىشىنى قارشى ئالىمەن.

چۈشۈرۈش مەنزىلى:

پرېستېن يېشىش پارولى: www.torhumar.com
ھەممىباب كامېرا قوزغاتقۇچ پروگراممىسى | مەنبە: torhumar.com

无觅相关文章插件

[ئاللىقاچان 7 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن:
    • پرېستان :

      :evil: ئۆتۈندۈم.

    • torhumar :

      مېھمانلارنى قارشى ئالىمىز، دىۋان كەڭرى، كەڭتاشا ئولتۇرۇڭلار! مەنمۇ ئوتتۇراڭلارغا سىغدىلاي :grin:

  1. ياۋايى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇيۇمدىكى كومپۇيۇتۇر كامىرانى تونۇيالماي ئۇيدىكىلەر ئىككىلا تەرەپ كۇرۇپ تۇرۇپ پاراڭلىشالمىغان …ھەجەپ ياخشى ئۇچرىدى …رەھمەت جۇمۇ …

  2. ياۋايى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تونۇيالمىسا ئىچىدىكى قايسى ھۇججەتنى كۇرسۇتۇپ بىرىمىز … شۇنى توغرۇلۇق بىر سۆزلىۋىتىڭڭە …

  3. سەھرالىق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاپتوماتىك ئىزدەشكە توغىرلاپ قويسىڭىز بولمامدۇ :roll:

 汗