نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > كىنو-فىلىملەر > يازما كۆرۈش

ئوسكار(Oscar) مۇكاپاتى نامزاتىغا ئېرىشكەن قىسقا كارتون فىلىم – موماي بىلەن ئەزرائىل

ئوسكار(Oscar) مۇكاپاتى نامزاتىغا ئېرىشكەن قىسقا كارتون فىلىم - موماي بىلەن ئەزرائىل

ياشانغان موماي ئۆزىنىڭ ئامراق بوۋىيى بىلەن كۆرۈشەلەيدىغانلىقنى بىلگەندىن كېيىن، رازىمەنلىك بىلەن ئەزرائىلغا قول بەردى. بىراق بۇ چاغدا موماي تۇيۇقسىز ئوتتۇرىغا چىققان قەھرىمانىمىز – دوختۇر تەرىپىدىن جىددى قۇتقۇزۇلۇپ بۇدۇنياغا يەنە بىر قېتىم قايتىپ كەلدى، بىراق ئەزرائىل مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمىدى، تۈمەنلىگەن ھاياتلىقنى بۇدۇنيادىن ئېلىپ ماڭغان بۇ رەھىمسىز پېرسوناژنىڭ دوختۇرغا مۇنداقلا ئۇتتۇرۇپ قويغۇسى كەلمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئەزرائىل ۋە دوختۇر ئارىسىدا موماينىڭ جېنىنى تالىشىش جېڭى باشلاندى…

بۇ فىرانسىيەلىك رېژىسور Javier Recio Gracia نىڭ ئەسىرى بولۇپ، پۈتكۈل ئەسەر مەيلى ۋەقەلىك ياكى كۆرۈنمە يۈز جەھەتتىن بولسۇن، مەلۇم بىر پەللىگە يەتكەن دېيىشكە بولىدۇ، فىلىم 82-قېتىملىك ئوسكار كىنو فېستىۋالىدا ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
فىلىمنىڭ ۋەقەلىكىدە، موماي ئۇدۇنيادىكى ئۆز ھەمرىيى بىلەن كۆرۈشەلەيدىغانلىقىنى بىلىپ، ھاياتىنى ئەزرائىلغا تاپشۇرىدۇ، ئەزرائىلمۇ بۇيرۇققا بىنائەن بۇ ھاياتلىقنى ئىنسانلار ئارىسىدىن ئېلىپ كەتمەكچى بولىدۇ. دەل شۇ چاغدا ئىنسانلار تەرىپىدىن «ھاياتلىق ياراتقۇچى» دەپ تەرپلىنىدىغان دوختۇر، ئۆز كارامىتى ئارقىلىق موماينىڭ ھاياتىنى ئەزرائىلنىڭ چاڭگىلىدىن ساقلاپ قالىدۇ، مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمىگەن ئەزرائىل، دوختۇر بىلەن جېنىنى تىكىپ قويۇپ تۇرۇپ كۈرەش قىلىدۇ. بىر مەھەل تالاش-تارتىشلاردىن كېيىن ئەزرائىل يېڭىلگىنىگە تەن بېرىدۇ ۋە سائىتىگە قاراپ قويۇپ، ۋاقىتنىڭ بىر يەرگە بارغىنىنى بىلىپ ئاچچىقلانغىنىچە ئۆيىگە قايتىدۇ، مومايمۇ دوختۇرلار تەرىپىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتقۇزىۋېلىنىدۇ. بىراق تېخىمۇ كىشىنى ئەجەپلەندۈرىدىغىنى شۇكى، موماي ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن ئۆزىنى مۇراد-مەقسىدىگە يەتكىلى قويمىغان دوختۇرنى قاتتىق ئەيىپلەيدۇ ۋە ئۆز قولى بىلەن ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. بۇ چاغدا ئۆيىگە ئاللىبۇرۇن قايتىپ بېرىپ، ئىشىككە ئەمدى ئاچقۇچ سالاي دەپ تۇرغان ئەزرائىلغا موماينىڭ روھىنى ئېلىپ كېتىش توغرىسىدىكى ئۇچۇر كېلىدۇ….



无觅相关文章插件

[ئاللىقاچان 4 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن:
  1. سادىرجان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەك پەيزىكەن، ئىچىدىكى كۆرۈنۈشلەر بولسۇن ياكى ۋەقەلىك بولسۇن تولىمۇ ئۆزگىچە چىقىپتۇ، رەھمەت!

  2. بەگزادە : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاۋۇ ئەزرائىل بىلەن دوختۇرنىڭ جېڭى راست قىززىقكەن، بىراق بىچارە موماي يەنى بوۋاينىڭ يېنىغا بېرىشنى تاللىدى دېسە، ھەقىقى مۇھەببەت دېگەن مۇشۇنداق بولسا مانا!!!

  3. مىسكىن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇنداق نەرسىلەرنى نەدىنمۇ تاپىدىغانسىز ھە؟ يېڭىلاش سۈرئىتىڭىزمۇ بەك تېزكەن، دوستلارغا تەۋسىيە قىلماي بولمىدى بۇ تور بەتنى :roll:

  4. پارۋاز : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاۋۇ ئەزرائىل بىلەن دوختۇرنىڭ جېڭى راست قىززىقكەن، :twisted:

 汗