يەنىلا شۇ iPhone – تەڭداشسىز iPhone دا قوناق ئېتىلدۇرمىسى تەييارلاش!
يېقىندىن بۇيان تورخۇمار دوستلار بىلەن iPhone دىن ئىبارەت بۇ ئىنقىلاب خاراكتېرلىك مەھسۇلاتنىڭ خىلمۇ-خىل كارامەتلىرى بىلەن تونۇشۇپ كېلىۋاتىمىز، ئىلگىرى بىز مەلۇم بىر تورداشنىڭ iPhone دا پىۋا ئىچكەن كۆرۈنىشىنى كۆرۈپ ئۆتكەن ئىدۇق، بۈگۈن كۆپچىلىككە يەنە بىردانە سىن – iPhone ئارقىلىق قوناق ئېتىلدۇرمىسى تەييارلاشنى ئېلىپ كەلدىم…
خېلى بۇرۇن توردا بىر دانە سىن كۆرگەن ئىدىم، ئۇ سىندا يانفون رادىئاتسىيەسىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى ئىسپاتلاش مەقسىدىدە ئۈچ دانە يانفوننى يېقىن قويۇپ، ئارىلىقىغا بىر نەچچە دانە قوناق دانچىسىنى قويۇپ تۇرۇپ ئۈچ يانفونغا بىرلا ۋاقىتتا تېلىفون بەرگەندە، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ھېلىقى قوناق پارچىسىنىڭ ئېتىلىپ، قوناق ئېتىلدۇرمىسى بولۇپ تەييار بولغانلىقى سۈرەتلەنگەن ئىدى. يېقىندا چەتئەللىك بىر قىسىم تورداشلار يەنە بىر خىل سىننى تورغا ئېلان قىلغان. يەنى بۇ سىندا iPhone دىكى مەلۇم مەۋھۇم توك ئوچاق پروگراممىسى ئارقىلىق، iPhone نىڭ يۈزىگە بىر قانچە پارچە قوناق دانچىسى قويۇلۇپ ئازراق ۋاقىتتىن كېيىن بۇ قوناق دانچىلىرىنىڭ ئېتىلىپ كەتكەنلىكىدەك بىر كۆرۈنۈش بايان قىلىنغان، قېنى راستمۇ يوق ئاۋال بىر كۆرۈپ باقايلى.
قانداق؟ سىرلىقمىكەن؟ مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە بۇ پەقەت بىر يۇقىرى تېخنىكا بىلەن كىرىشتۈرۈلگەن ياكى ساختىلىق ئىشلىتىلگەن كۆرۈنۈش بولۇشى مۇمكىن. iPhone نىڭ نورمال رادىئاتسىيەسى قانچىلىك بۇنى بىلىپ كەتمەيمەن، بىراق ئادەتتە نورمال شارائىتتا بىر دانە قوناق دانچىسىنى ئېتىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئەڭ كامىدا 1500 سېلسىيە گرادۇستىن يۇقىرى ئىسسىق ئېنىرگىيەسى تەمىنلەنگەندىلا، ئاندىن قوناق پارچىسىنى يۇقارقى سىندىكىدەك ئېتىلدۇرىۋەتكىلى بولىدۇ. ناۋادا iPhone بۇنچىلىك يۇقىرى مىقداردا ئىسسىقلىق چىقىرالىسا، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى Apple دۇكانلىرى نەچچە كۈنگە بارمايلا تاقىلىپ كېتىشى مۇمكىن.
نېمىلا دېمىگەن بىلەن بۇمۇ بىر يېڭىلىقكەن، زادى راستمۇ يالغانمۇ بۇنى بىلىش ئۈچۈن يەنىلا يۇقىرى تېخنىكا ئېنژېنىرلىرىنىڭ كۆرسەتمىسىگە مۇھتاجمىز. ئەلۋەتتە بۇ تەجرىبە ئىسپاتلىنىپ چىقىشتىن بۇرۇن، سىز دوستلىرىڭىزغا بۇ سىن ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ ئامراق iPhone ماركىلىق يانفونىڭىزنىڭ قانچىلىك كارامىتىنىڭ بارلىقىنى، ئەتراپىڭىزدىكى چىرايلىق قىزلارغا سىزنىڭ ئۇلارنى ئېلىپ كىنوغا بارغاندا، مەخسۇس قوناق ئېتىلدۇرمىسى سېتىۋېلىشىڭىزنىڭ ئەسلا ھاجىتى يوقلىقىنى بىلدۈرۈپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: iPhone
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 08-ئاينىڭ 21-كۈنى
- يازما مەنزىلى: iphone-make-popcorn.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ۋە كۆرۈنمە يۈزى پۇزۇر لايىھەلەنگەن ئويۇن – Shatter
- كېيىنكى يازما > ئوسكار(Oscar) مۇكاپاتى نامزاتىغا ئېرىشكەن قىسقا كارتون فىلىم – موماي بىلەن ئەزرائىل
ئاۋۇ تۈگەنچە قىسمىدىكى گەپلەر نوچى ھە!
ياپانا!تورخۇمار ئەپەندىمۇ شۇ كويدىكەن ھە!
قىززىق ئىشكەن جۇما ماۋۇ، ماندا بۇلاپ كەتسە Iphone ئىشلەتكەنلەرنىڭ قۇلاقلىرى 考耳肉 بولاپ قالا ھەقاچان..
باللا ئاۋۇسى ئايپودتۇ….نەدە ئايفۇن ئۇ ؟
مېنىڭچىمۇ ئايپوددەك قىلىدۇ .
‹‹ بىراق ئادەتتە نورمال شارائىتتا بىر دانە قوناق دانچىسىنى ئېتىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئەڭ كامىدا 1500 سېلسىيە گرادۇستىن يۇقىرى ئىسسىق ئېنىرگىيەسى تەمىنلەنگەندىلا، ئاندىن قوناق پارچىسىنى يۇقارقى سىندىكىدەك ئېتىلدۇرىۋەتكىلى بولىدۇ.››
ئاداش ،ئسسىقىلىق ئنىرگىيسىنىڭ بىرلىكى ئادەتتە جول ياكى كالورىيە بولا ؟!ھەرقانچە بولاپ كەتسىمۇ گىرادۇس بولاپ كەتمەس .
500 سىلسىيە گىرادۇس تىمپىراتۇردا نەچچە مىنۇت تۇرغۇزۇلسىلا ،قوناقنى ئېتىلدۇرغىلى بولىدىغۇ دەيمەن .
كاۋاپمۇ پىشۇرغىلى بۇلامدىكەن؟
كىچىك قازان ئاسسىڭىز ھەممىسىپىشىدۇ
قايسى دىتال بۇ ئىسمىنى يوللاپ قويمامسىلە مەنمۇ قوناق .ېتىلدۇرۇپ باقاي دىگەن