يانفوندا تارتقان سۈرەتتىكى ئارتۇق ئېلىمېنتلارنى خالىغانچە ئۆچۈرىۋەتكىلى بولىدىغان ئاجايىپ سىرلىق تېخنىكا!
يۇقىرى ئېنىقلىتىكى كامېرا سەپلەنگەن يانفونلارنىڭ ئائىلىلەرگىچە ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، ھەممەيلەن فوتوگرافلىققا قىزىقىدىغان بولۇپ كەتتۇق. كۆپىنچىمىز يانفوننى قولىمىزغا ئېلىپ سۈرەتكە تارتقان چېغىمىزدا، ھەمىشە تارتقان سۈرەتنىڭ ئىنتايىن مۇكەممەل ۋە سۈپەتلىك چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىراق بەزىدە يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ تارتقان سۈرەت دائىرىسىگە كىرىۋالىدىغان ئەھۋال ئۇچرايدۇ، يا كىشىلەرنى نېرى تۇر دېگىلى بولمىغان، قانداق قىلىش كېرەك؟
ھازىر، بۇ خىل ئەندىشىنىڭ قىلچە ھاجىتى قالمىدى، مەخسۇس يانفون فوتوگراف سەنئىتى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان پەن-تېخنىكا شىركىتى Scalado پات يېقىندا Remove دەپ ئاتىلىدىغان بىر تېخنىكىنى ئاشكارىلايدىغان بولۇپ، سىز بۇ تېخنىكا ئارقىلىق يانفوندا تارتقان سۈرەتلىرىڭىزنى ئارتۇقچە ئېلىمېنتلارنى خالىغانچە چىقىرىۋېتەلەيسىز!
قانداق؟! ئۈنىمى ھەقىقەتەن قالتىس ھە؟! بۇنداق تېخنىكىلارنىڭ بارلىققا كېلىشى ھەقىقەتەن كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. چۈنكى نۇرغۇنلىغان كىشىلەر PS تا بىر قاتار مۇرەككەپ مەشغۇلاتلارنى قىلىشنى بىلمەيدۇ. مەزكۇر تېخنىكا MWC2012 دا ئېلان قىلىنماقچى بولۇپ، بەلكىم ئالدىمىزدا بۇ تېخنىكا توغرىلىق تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىقلارنى ئاڭلىيالىشىمىز مۇمكىن!
بىراق شۇنى ئويلاپ قالدىم، بۇ تېخنىكا ھەرقانچە قالتىس بولسىمۇ، بىزنىڭ دۆلىتىمىزدە نورمال ئىشلىتەلىشىمىزدىن يەنىلا ئەنسىرەپ قالىدىكەن كىشى…
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: تېخنىكا، سىرلىق، قالتىس، كامېرا، يانفون، يېڭىلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 17,113 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 02-ئاينىڭ 16-كۈنى
- يازما مەنزىلى: scalado-remove.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > مالايسىيادا تاماقخانىلاردا چوقۇم Wi-Fi شارائىتى بولۇشى شەرت ئىكەن، بولمىسا تۈرمىگە چۈشىسىزكەن!!!
- كېيىنكى يازما > شەندۇڭدىن «رېزىنكە تۇخۇم» چىقىپتۇ! تۇخۇم سېرىقىنى يەرگە تاشلىسىڭىز توپتەك ئۆرلەيدىكەن…
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- يانفونىنى چېقىپ قويۇپ يەنە خۇشال يۈرەلەيدىغان كىشىلەر
- تالانتلىقلار ئەل ئارىسىدا | بىر بۆلەك «خاسىيەتلىك» كىشىلەر
- سامسۇڭ ئىككى دانە يېڭى يانفون ئېلان قىلدى! ئاخىرى سەل-پەس تۈس كىرىپتۇ
- تور دۇنياسىدا غۇلغۇلا قوزغىغان ئەر پېرىخون Zach King نىڭ كارامەتلىرى
- مىكروسوفت مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى تەشۋىقات فىلىمى – Holograms دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ
- ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە خادىملىرى ئىشلىتىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان
- كىشىنى لەرزىگە سالىدىغان ئادەم چىرايىغا چۈشۈرۈلگەن تەسۋىر تېخنىكىسى
- دۇنيادىكى ئەڭ تېز كىشىلەر! تېزلىكىدىن ئادەمگىمۇ ئوخشىمىغايدىغان ئادەملەر….
- Cicret بىلەيزۈكى | Android نى بېلەكتە ئوينايمىز
ئاھ …دىۋان ….بۈگۈن مېخ يوقكەن .
ماۋۇ ئاستىدىكى رەسىمدەك يەردە رەسىمگە چۈشسە بۇ ئارتۇقچە ئىلمىنىتلارنى يوقىتىپ ، كۈڭۈلدىكىدەك بولالىشىغا ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيمەن .
مەن بۇرۇن شەبنەمدە بىر تۈركۈم يانفۇندا تارتقان مەنزىرە سۈرەتلىرىمنى ئېلان قىلىپ -ئۆزۇمچە يانفۇگرافىيە ئەسەرلىرى دەپ ئاتىۋالغان ئىدىم
راس گەپنى قىلسام بەكلا ھەيران قالدىم جۇمۇ .تەرەققىيات زادى نەگە بېرىپ توختاكىن تاڭ !!!!!
ئوبدان ئەپكەن بۇ گەرچە ئالمىمىز بولمىسىمۇ خېلى خەۋەردار بۇلۇپ قالدۇق ، بىراق بۇنىڭ قانۇنىيتىنى چۈشەنگەندەكمۇ بۇلۇپ قالدىم، ئازراق ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ ئاندىن تارتىگەن ، بۇنداق بولغاندا ھەركەتتىكى ئېلىمىنىتىنى ئۈچۈرەلىشىش مۇمكىن بىراق تۇرغۇن ھالەتتە بولسا مىنىڭچە ئۆچۈرەلمەيدۇ ! ئەلۋەتتە بۇ مىنىڭ يۇقارقى سىننى كۆرگەندىكى كۆزقارىشىشم !
دېمىسىمۇ شۇ ئۇنداق قىلىش ئۈچۈن ئاۋۇ يوقىتىۋاتقان ئادەملەرنى بىر دىن-بىردىن ئايرىپ رەسىمگە تارتىشقا توغرا كىلىدۇ ،مېنىڭچىمۇ ئۇ مۇمكىن بولمايدۇ .
ئۇ ئالما يانفۇنى ئەمەس ئوخشايدۇ htc دەك قىلامدۇ نىمە .
ئىچكىرى ئۆلكىدە ئارتۇق ئېلىمىنتى چىقىرىۋەتسىڭىز يەنە ئارتۇق ئېلىمىنت … ھەممىسى ئارتۇق ئېلىمىېت . لېكىن بىزنىڭ شىنجاڭدا ئەسقاتىدۇ چوقۇم !
دۆلىتىمىزدە بۇ تېخنىكىنى ئىشلىتىمىز دېسەك ئارتۇقچە ئېلمىنىتلارنى ئۆچۈرۈپ بولالماي ھېرىپ كەتكۈدەكمىز.
ئاۋال بىي كۆرۈپ باقاي
مەن بۇنىڭغا قەتتى ئىشەنمىدىم.
چۈنكى سىندىكى تېلىفۇن بىلەن مىنىڭ بىر جۈپ ئىكەن
مەن تارتىپ قىلالمىدىم
ئاشۇنداق ئەپ چىقىدىكەن، شۇنى تېلفۇنقا قاچىلغاندىلا شۇنداق قىلغىلى بولىدىكەن، سىزنىڭ تېلفۇنىڭىزدا بولسا يەنە شۇنداق ئەپ چىقىرمىز دەمدا؟ ئوبداق ئوقۇڭ يازمىنى.
ۋاي ئۇ كىرىشتۇرگەن نەرسىكەن . شۇنىمۇ بىلمىدىڭلاما .
ھەي
ۋاي موللاخۇن بۇنىڭدا تىلفۇننى تۇنۇش تۇرماپتۇ ، يۇمشاق دىتالنى تۇنۇشتۇرۇپتۇ، دەۋالدىڭىز ھە HTCتېلفۇنىڭىز بارلىقىنى.
بولىدىغان نېخنىكا ئىكەن! مېنىڭچە بۇنىڭ قانۇنىيىتى يانفۇن بىز تارىتقان بىرلا سۈرەتنى ساقلىۋالماستىن بىز سۈرەتكە تارتىشنىڭ ئالدىدىكى نۇرغۇن بۆلەكلەرنىمۇ ساقلىۋېلىپ ئاندىن بىز چىقىرىۋىتىشكە تاللاپ بەرگەن شەيئىلەرگە قارىتا ئانالىز قىلىپ ئالدىدىكى ساقلىۋالغان سۈرەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىپ بېرەمدىكى دەپ قالدى!
بۇ قانداق يانفۇنلارغا ماس كىلدىغاندۇ؟
بولىدىغان تىخنىكا ئىكەن.
تورخۇمار ئەپەندى، دوستانە ئۇلىنىشقا تۇرمۇش بلوگىنى قوشۇپ قويسىڭىز بولارمۇ؟
مېنىڭچىمۇ كىرىشتۈرگەندەك تۇرىدۇ،ئا قىزنىڭ كەينىدىكى يىگىت تېلفۇننى توغۇرلاشتىن بۇرۇنلا شۇ يەردە بار،دېمەك تېلفۇن ئۇنىڭ كەينىدىكى مەنزىرىنى كۆرەلمىدى،لېكىن ئۇنىمۇ چىقىرىۋەكىلى بولىدىكەن،بۇ خىل ئەپنىڭ تەھلىل ئىقتىدارى بەكلا كۈچلۈكمۇ قانداق…
بۇ فانتازىيە نىڭ بىر ۋارىيانتىدەك قىلىدۇ
مىنىڭ تېلفۇنۇم 5800 تى ،بۇنى ئىشلەتكىلى بۇلامۇ؟
چۇشۇرۇش ئادىرسى يۇققۇ نەدە ئۇ
ئادىرسنى يۇللاپ قۇيۇڭلار
ھاھا بەك يۇمۇرگەپ بوپتۇ كەينى
كىينكى گەپنى مەن دىگەندەك كىلىمەنغۇ دەيمەن ،ھى ھى ھى
بۇ پەقەت خەقلەرنىڭ خىيالىدىكى ئەپ ئوخشىمامدۇ مەن شۇنچە ئىزدەپ تاپالمىدىم
بۇ تېلفۇن ئېلانى بولسا كېرەك بۇ شۇنچىلىك ئاددى ئىكەنغۇ ئېنىقراق قارايدىغان بولسا ھەيكەلنىڭ كەينىدىكى رەسىم يوقاپ كەتتى ھەيكەلنى تۇتسىمۇ، بۇ تەييارلىۋالغان سۆرەتنى بىر تەرەپ قىلىش ئىكەنلىكىنى بىر كۈرۈپلا چۈشۈنىۋالغىلى بۇلىدۇ بىر ئورىندا تۇرۇپ ۋاقىت پەرقى بىلەن رەسىمگە تارتىپتۇ ، ئادەم يوق مۇھىتتا بىر تارتىپ كىيىن ئادەم بار مۇھىتنى تارتىپتۇ شۇنىڭ بىلەن قانداق بوپتۇ ئۈچۈرگۈچ بىلەن ئۈچۈرۈپتۇ
شۇنى دەيمە …شۇ تېخنىكا قېنى ؟ئىزدەپ ھېچ يەردىن تاپالمىدىمغۇ؟؟؟ چۇقۇم ئېلان بۇ …
كىرشتۈرلىگەن سىن ئىكەن
1—فىلىمنى 7 سىكنۇتلۇق يېرگە ئوبدان قاراڭلا تېلپۇننى ئالغان ۋاقتتا يوق 0.5 سىكىنۇتتىن كىيىن يىگىت پەيدا بولدى.
2—ئاندىن ھەيكەلنىڭ كەينىدىكى ئادەمنىمۇ سىزىپتۇ بۇ دىتال ئەقلى ئىقتىدارلىقمۇ ياكى سىنزورلىقمۇ؟