مالايسىيادا تاماقخانىلاردا چوقۇم Wi-Fi شارائىتى بولۇشى شەرت ئىكەن، بولمىسا تۈرمىگە چۈشىسىزكەن!!!
شۇنداق، يازما ماۋزۇسى خاتا قويۇلۇپ قالغىنى يوق، ناۋادا سىز مالايسىيانىڭ كۇئالامپۇردا بىر رېستۇران ئاچماقچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئېھتىياتسىزلىقتىن خېرىدارلىرىڭىز ئۈچۈن WiFi سىمسىز تورى ئورناتمىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا كەچۈرۈڭ، سىز قانۇنغا خىلاپ قىلمىشتىن بىرنى سادىر قىلدىڭىز، سىزنى كۈتۈۋالىدىغىنى قانۇننىڭ جازاسى بولۇشى مۇمكىن!
مالايسىيانىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرىنىڭ بىرى بولغان كۇئالامپۇردا يېقىندا بىر يېڭى قانۇن ماقۇللانغان بولۇپ، بۇ قانۇندا بارلىق تاماقخانىلار چوقۇم wifi شارائىتى ھازىرلانغاندىلا ئاندىن تىجارەت كىنىشكىسى ئىلتىماس قىلالايدىكەن. بۇ قانۇن ماقۇللانغاندىن كېيىن، مەيلى كۇئالامپۇردا يېڭى ئېچىلماقچى بولغان ئاشخانىلار بولسۇن ياكى بۇرۇندىن نورمال تىجارەت قىلىۋاتقان ئاشخانىلار بولسۇن، ھەممىسى WiFi ئورنىتىشنى بىر تۈرلۈك مەجبۇرى ئىجرا قىلىنىدىغان ۋەزىپە قىلىپ تاپشۇرۇپ ئالغان…
بۇ قانۇن 2012-يىلى 4-ئايدا رەسمىي يولغا قويۇلىدىغان بولۇپ، كۈچكە ئىگە دائىرىسى تاماقخانىلاردىن سىرت يەنە، كافىيخانا، قاۋاقخانا، كەچلىك بەزمىخانا ھەمدە ئىگىلىگەن كۆلىمى 120 كۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان كۇلۇب قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ ئەلۋەتتە خېرىدارلارغا نىسبەتەن بىر ياخشى ئىش، بىراق تاماقخانا خوجايىنى بۇ تور ھەققىنى تاپشۇرغاندا قانچىلىك غىڭشىيدۇ بۇنى ئۆزى بىلىدۇ…
PS: ئەمەلىيەتتە، بىزنىڭ دۆلىتىمىزدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان قانۇن-تۈزۈملەر بار، يەنى بېيجىڭ شەرقى شەھەر رايونىدىكى WiFi تەمىنلەنگەن بارلىق ئاممىۋى سورۇنلارغا چوقۇم نازارەت قىلىش(سىزنىڭ ئاممىۋى WiFi تورىدىن پايدىلىنىپ قىلغان ئىشلىرىڭىزنى بىرمۇ-بىر كۆرۈپ تۇرىدىغان) يۇمشاق دېتال سەپلەش بەلگىلەنگەن…
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: wifi، خەۋەر، سودا، قانۇن
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,634 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 02-ئاينىڭ 16-كۈنى
- يازما مەنزىلى: kuala-lumpur-eatery-must-supply-wifi.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > 腾讯 شىركىتىنىڭ CEO سى 马化腾 نىڭ 50 مىليونلۇق ھەشىمەتلىك داچىسىنىڭ سىرى!
- كېيىنكى يازما > يانفوندا تارتقان سۈرەتتىكى ئارتۇق ئېلىمېنتلارنى خالىغانچە ئۆچۈرىۋەتكىلى بولىدىغان ئاجايىپ سىرلىق تېخنىكا!
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
- چاترىقىغا تېلىۋېزورنى قىستۇرۇپ ئوغرىلاپ چىقىپ كەتكەن ئايال
- باشقىلارنىڭ ساغرىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشكە ئاشىق بولغان ئەر
- «چوشقا-قوي»نىڭ سىرى
- توخۇ پاچىقىدىنمۇ تەملىك كېسەكمىدۇ؟ ھىندىستانلىق ئەر كۈنىگە ئۈچ كىلو خام كېسەك يەيدىكەن
- 2014-يىللىق دۇنيا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر كۆرگەزمىسى (MWC)گە نەزەر
- ئامېرىكا ھۆكىمىتىنىڭ تاقىلىپ قېلىشى قانداق ئىش؟
- سىنوۋېدىن زادى كىم؟
- Apple ھەققىدىكى سىز بىلمەيدىغان 10 كىچىك ئىش
- يىگىتى قىسقا ئۇچۇرىنى تەكشۈرمەكچى بولغاندا يانفونىنى يۈتۈۋەتكەن بىرازىلىيەلىك قىزچاق
بۇ يەدە ئۇنداق بولىدىغان بولسا تورخۇماردىكىلەر تىلفۇننى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ ، بىر كويچەنگە تاماق يەپ بىر كۈن ئولتۇرىمىزدە …ھى ھى ….بۈگۈنلۈك دىۋان مىنىڭكى ، چۈنكى ، بۈگۈن دىۋاندا مېخ يوقكەن .
دىيارىمىزدا بۇلۇپمۇ جەنۇپتا ئۇنداق شارائىت يوق دىيەرلىك !
تاماق يىگەچ تورغا چىقمىسا تاماق ھەزىم بولمايدىكەندە؟!
ھـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــە!؟؟ بىز ياشاۋاتىمىزدە بىريەرلەردە.
ما قانۇننى بىزنىڭ بۇ يەدە تەدبىقلاپ قويسا ھېچكىم ئاشخانا ئاشمايدۇ . بىكا تەلەتنىڭ ھەممسى كىرىپ چاي ئىچىپ ئولتۇرىدۇ ئىنىق !
ئۈرۈمچىدە بۇنداق قىلساق …
ۋىرۇسجاننىڭ گەپلىرى قىززىققۇ!
ئۇنداق لەغمەندىن بىرنى بۇيرۇپ يەپ بوپ چاي ئىچۋاتمە دەپ قوياپ تور كۆرەل ئولتۇرا ھەقىچان . لىكىن قەشقەردە بوپ قاسا سەت گەپ با ….. ئۇكام ماۋۇ ئاشخانا تورخانا ئەمەس جۇما… تاماق يىگىلى چىگەنما تور ئوينىغىلىما دەپلا جۇندەپ
ئۇكووووووم، لەغمەنلىرى 下载 بوپ بوغان بوسا دا قىپ بىرەملا دە؟
تەدبىركار ئەسلى قەشقەردە ئاشخانا ئاچىدىغان يەردە ئىكەنتۇق .
‹ تەدبىركار تېز سۈرئەتتە لەغمەن 下载 بولىدىغان ئاشخانىسى › دەپ
بۇ يەرلەدە ئۇنداق تۈزۈم بولسا تورخانىلار چۆلدەرەپ ئاشخانىلار ئاۋاتلىشىپ كىتە.. ھەقاچان
كېچىچە ئاشخانىدا 包夜 قىلىپ ھە .
ۋاھ…ئۇنداق بولسا توربەتلەردە ئاشخانا ئېچىپ كەتسەك…تاتلىق تور ئاشخانىسى دەپ تازا…
بۇ يەرلەردە ئۇنداق تۈزۈمنىڭ يولغا قويۇلىشى تەس جۇمۇ .
تېلېگىرافتىكىلەر تاس قالىدۇ wi-fi نى تاقىۋەتكىلى …
ئەنە بېيجىڭدا تۈزۈم باركەنغۇ، تور بىلەن تەمىنلىسەڭ چوقۇم نازارەت قىلىسەن دەپ!
ھە ئەسلى يېڭى چىقىرىلىدىغان قانۇنكەندە ؟
بىز بار ۋاقىتتا بۇنداق قائىدە يوق ئىدى كۇئالا لۇمپوردا !
نىمى ئۇ wi-fi دىگەن. بىلىدىغانلار چۈشەنچە بېرىپ قويساڭلار.
سىمسىز تور دېگەن گەپ.
بىزنىڭ بۇيەردىمۇ ئىشسىزلىق نىسبىتى تۇۋەنلىگەندە شۇنداق بۇلا
ئاللا ئاللا… ئۇلارمۇ قىزىقكەن، سىمىز تورنىڭ قىممەتلىكىدە سىىملىق تور ئورنىتىڭلا دىسىچۇكاشكى….
(غۇلجا )بىزتەرەپدە بار لىكىن ئۇنچە قىلىپمۇ كەتمەيمىزغۇ!