Windows8 خېرىدارلار كۆرۈپ بېقىش نەشىرىدىن بىر قىسىم تەسىراتلار(Windows8 تىكى ئۇيغۇرچە فونت)
Windows8 خېرىدارلار كۆرۈپ بېقىش نەشىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تورداشلار ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن بەس-بەستە چۈشۈرۈپ قاچىلاشقا باشلىدى. چۈنكى مىكروسوفت تېخى يېقىندا windows8 نىڭ ئۇيغۇرچىسى چىقىدىغانلىقى توغرىلىق خەۋەر بەرگەن ئىدى. ئەلۋەتتە، فەقىر تەدبىركارمۇ بىرىنچى ۋاقىتتا Windows 8 Consumer Preview نىڭ 32 بىتلىق خەنچە نەشىرىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىۋالدىم…
Windows8 ئۆزىدە پۈتۈنلەي يېڭىچە بولغان Metro كۆرۈنمە يۈز ئىشلەتكەن بولۇپ، قوزغىلىش سۈرئىتىمۇ Windows7 گە قارىغاندا خېلىلا تېزلىشىپتۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يېڭىدىن قوشۇلغان Windows Store، IE10 قاتارلىق بىر قىسىم يېڭى تېخنىكىلارمۇ ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرىدىكەن.
ئىشقىلىپ Windows8 تىكى يېڭىلىقلار بەكلا كۆپ، بۇ يەردە مەن ئىككى ئېغىز گەپ بىلەن ھەرگىز ساناپ بولالمايمەن، ھەتتا خېلى كۆپ يېڭى ئىقتىدارلارنى قانداق ئىشلىتىشنىمۇ تېخى ئۆگىنىپ بولالمىدىم. بىراق يېڭى قوشۇلغان Metro UI نىڭ مەشغۇلات كۆرۈنمە يۈزى مېنى ئۆزىگە قاتتىق رام قىلىۋالدى، مەن Windows8 نى ئۆزۈمنىڭ PC رىدا سىناق قىلغاچقا، بەلكىم Windows8 نىڭ تاختا كومپيۇتېر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن نۇرغۇن ئىقتىدارلىرىنى تېخى بايقىمىغان بولۇشۇم مۇمكىن. ئەلۋەتتە، سىزمۇ ئۆز قولىڭىز بىلەن بۇ يېڭىچە تېخنىكىلارنى كۆرۈپ باقماقچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا كۆپچىلىك بىلەن بىرگە دەرھال Windows8 سەپىرىگە ئاتلىنىڭ!
Windows8 خېرىدارلار كۆرۈپ بېقىش نەشىرىنىڭ ئىگە تەرەپ تەشۋىقات فىلىمى:
Windows8 تىكى بىر قىسىم يېڭىچە ئىقتىدارلار:
Windows8 ئۆزىگە ئاز بولمىغان يېڭىچە تېخنىكىلارنى سىڭدۈرگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا مەن بىر قەدەر روشەن ھېس قىلغانلىرىمنى دەپ باقاي.
Metro كۆرۈنمە يۈز
Windows8 نىڭ ئاساسلىق كۆرۈنمە يۈزى Metro كۆرۈنمە يۈزىدىن تەركىب تاپقان، يەنى بىز كۆرۈۋاتقان ھازىرقى Windows8 ئاساسى جەھەتتىن تاختا كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ماس ھالدا ئۆزگەرتىلگەن. بۇ كەلگۈسىدىكى كۆچمە ئۈسكۈنىلەر بازىرىدىكى رىقابەتتە بەلكىم مىكروسوفتنى بەلگىلىك ئورۇنغا ئىگە قىلىشى مۇمكىن. چۈنكى پۈتۈن دۇنيادا Windows ئىشلىتىۋاتقان ئابونت %80 دىن ئاشىدۇ.
Windows Store
بۇ iOS تىكى App Store غا ئوخشاپ كېتىدىغان ئەپ دۇكىنى بولۇپ، Windows8 دە بىز لازىملىق پروگراممىلارنى مۇشۇ ئەپ دۇكىنىدىن چۈشۈرۈپ قاچىلايدىكەنمىز. نۆۋەتتە Windows8 خېرىدارلار كۆرۈپ بېقىش نەشىرى تارقىتىلغان مەزگىلدە، Windows Store دىكى بارلىق ئەپلەر ھەقسىز تەمىنلەنگەن بولۇپ، بۇلاردىن QQ نى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ باقتىم. قارىغاندا كەلگۈسىدە، يۇمشاق دېتال دېگەن بۇ سۆز ئىستېمالىمىزدىن قېلىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ئەپ دېگەن ئاتالغۇ ئىگىلەيدىغان ئوخشايدۇ.
Windows To Go
بۇ ئىقتىدارىنى بەلكىم نۇرغۇن تورداشلار تېخى بايقىمىغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئىقتىدار ئارقىلىق، سىز ئۆزىڭىزنىڭ Windows8 قاچىلانغان كومپيۇتېردىكى بارلىق تەڭشەكلىرىڭىزنى بارماقدېسكىغا ئېلىپ يۈرەلەيسىز، سىز مەيلى قەيەرگىلا بېرىڭ، پەقەت بارماقدېسكىڭىزنى يەنە بىر كومپيۇتېرغا چاتسىڭىزلا، سىزگە تونۇش بولغان خىزمەت مۇھىتىڭىز ھەممىسى شۇ كومپيۇتېردا ھازىرلىنىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، Windows8 ھەر ۋاقىت يېنىڭىزدىلا يۈرىدۇ. بۇ جەھەتتە مىكروسوفت ناھايىتى قالتىس ئىش قىلىپتۇ دەپ قارىدىم.
قوزغىلىش سۈرئىتى ۋە قاتتىق دېتالغا بولغان تەلەپ
بۇ جەھەتتە مىكروسوفت ھەقىقەتەن ئاز كۈچىمىگەندەك قىلىدۇ. Windows8 نىڭ مەيلى قوزغىلىش جەھەتتىن بولسۇن، ياكى مەشغۇلاتنىڭ راۋانلىقى جەھەتتىن بولسۇن، بۇندىن بۇرۇنقى Windows لارنى مۇتلەق بېسىپ چۈشىدىكەن. بەلكىم Windows8 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىنغاندا، بىز كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىغان قوزغىلىش سۈرئىتىنى كۆرەلىشىمىزمۇ مۇمكىن.
سۇپا ئاتلاپ خىزمەت قىلىش
ئۈستىدە تىلغا ئالغىنىمدەك، Windows8 ئاساسلىق سەزمە ئېكران تېخنىكىسى ئاساسىغا قۇرۇلغان بىر مۇھىت بولۇپ، ناۋادا سىزدە Windows8 قاچىلانغان پەد بولسا، Metro كۆرۈنمە يۈزىنىڭ ھوزۇرىنى تېخىمۇ ياخشى سۈرەلىشىڭىز مۇمكىن. ئەلۋەتتە، بۇنىڭدىن باشقا Windows8 يەنە ئەنئەنىۋى كۆرۈنمە يۈزىدە مەشغۇلات قىلىشنىمۇ قوللايدىغان بولۇپ، بۇ win8 نى مەيلى پەد بولسۇن ياكى PC بولسۇن، ھەممىسىدە تەڭ يۈرۈشۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان.
Windows8 خېرىدارلار كۆرۈپ بېقىش نەشىرىدىن بىر قىسىم مەشغۇلاتلار:
قىستۇرما سۈرەتلەرنى ھەزرەت بلوگى تەمىنلىگەن.
Windows8 تىكى ئۇيغۇرچە
يەنە نۇرغۇنلىغان يېڭىلىقلارنى بۇ يەردە سۆزلەپ تۈگىتىش تەس. بىراق، كۆپىنچەيلەننىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، Windows8 كە ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ۋە ئۇيغۇرچە ھەرپلەر قوشۇلغان ئارا يۈز خەت نۇسخىسى قوشۇلغان بولۇپ، بۇ دەل كۆپچىلىك ئەڭ قىززىقىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. بىلىشىمچە نۇرغۇن تورداشلارمۇ، Windows8 تىكى مۇشۇ يېڭىلىقلارنى دەپ بۇ سېستىمىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىغان بولۇشى مۇمكىن. Windows8 خېرىدارلار كۆرۈپ بېقىش نەشىرىدە تېخى ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشۇلمىغان بولۇپ، ھازىرچە پەقەت بەش خىل تىلدىكى نۇسخىسى تارقىتىلغان. ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ چوقۇم چىقىدىغانلىقى ئېنىق، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ سەۋرچانلىق بىلەن ساقلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىغا كەلسەك، ھەقىقەتەن، Windows8 تىكى Seoge UI فونتىغا ئۇيغۇرچە ھەرپلەر قوشۇلغان بولۇپ، بۇ نۆۋەتتە Windows سېستىمىسىدا بار بولغان، ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى ئەڭ چىرايلىق كۆرسىتىپ بېرىدىغان فونت ھېسابلىنىدۇ. مەن تۆۋەندە بۇ فونتتىن بىر قانچە كەسمە تۇتۇپ قويدۇم.
كەسمە سۈرەتلەر: 1-سۈرەت | 2-سۈرەت | 3-سۈرەت | 4-سۈرەت (سۈرەتلەر سەل چوڭ، چۈشۈرۈپ ئەڭ چوڭ ھالەتتە كۆرۈڭ)
بۇ Windows8 كە ئىشلىتىلگەن ئارا يۈز فونتى Seoge UI بولۇپ، بۇندىن كېيىن Windows8 ئىشلەتكەن PC ۋە پەدلەرنىڭ ھەممىسىدە مۇشۇ فونت ئاساسلىق كۆرۈنمە يۈز فونتى بولۇپ ئىشلىتىلىدۇ. ئۇيغۇرچە ھەرپلەر گەرچە بەك چىرايلىق بولۇپ كەتمىسىمۇ، بىراق Tahoma قاتارلىق خەت نۇسخىلىرىغا سېلىشتۇرغاندا خېلىلا چىرايلىق. بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن تەبىئىيلا كۆنۈپ كېتىشىمىز مۇمكىن.
ئاخىرقى سۆز
ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن يازمىنىڭ خاتىمىسىنى يازىدىغان ۋاقىتمۇ كەپتۇ. قىسقىچە ئېيتسام، Windows8 بەلكىم PC ئىشلەتكۈچىلىرىگە يېڭىچە رىقابەت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. چۈنكى Metro كۆرۈنمە يۈزىنى مائۇس ۋە كۇنۇپكا تاختىسى بىلەن باشقۇرۇش ئۇنچە قولايمۇ ئەمەس، ھەتتا Windows قا 20 يىلدىن بېرى ھەمرا بولۇپ كېلىۋاتقان باشلاش كۇنۇپكىسىمۇ Windows8 تىن چىقىرىۋېتىلگەن. مىكروسوفتمۇ بۇدا Windows8 نى iPad ئۈچۈن دوغا تىككەندەك قىلىدۇ. پەد بولمىغان شارائىتتا، Windows8 نىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئۇزۇنغا قالماي توردا Windows8 نى ئەلالاشتۇرۇش ئۇستىسى، Win8 نى بىر كۇنۇپكا بىلەن Win7 غا ئايلاندۇرۇش دېگەندەك يۇمشاق دېتاللار تۈركۈملەپ مەيدانغا كېلىشى مۇمكىن، بۇ يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىدارى ئېنىقكى، Metro كۆرۈنمە يۈزىنى چەكلەش، باشلاش تىزىملىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. مىكروسوفت ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى PC ئابونتلىرىنىڭ تەسىراتىنى چوقۇم ياخشى ئويلاشمىسا بولمايدىغاندەك قىلىدۇ.
ئەلۋەتتە، بۇ پەقەت بىر Beta نەشىرى خالاس. رەسمى نەشىرىدە مىكروسوفت يەنە نۇرغۇن ئەلالاشتۇرۇشلارنى ئېلىپ بېرىشى ئېنىق. ئومۇمى جەھەتتىن ئېيتقاندا، مەن Windows8 دىن ۋە Windows8 دىكى ئۇيغۇرچە قوشۇلغان فونتتىن ئىنتايىن رازى بولدۇم. بەلكىم Windows نىڭ نەشىرلىرىنىڭ يۇقىرىلىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ چىرايلىق فونتلارنى كۆرەلىشىمىز تامامەن مۇمكىن!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [windows]
- ھالقىلىق ســــۆز: win8، windows8، سۈرەت، كەسمە
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 15,895 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 03-ئاينىڭ 02-كۈنى
- يازما مەنزىلى: windows8-cp-screenshot.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > Windows8 Beta ئىستېمالچىلار كۆرگەزمە نەشىرى(Windows 8 Consumer Preview) ئېلان قىلىندى!
- كېيىنكى يازما > سىزنىڭچە بۇ Logo لار مىكروسوفتنىڭكىدىنمۇ چىرايلىقمىكەن؟ Win8 ئۈچىنچى تەرەپ Logo مۇسابىقىسىدىكى ئەسەرلەر
- سۈرەتكە جىق چۈشىدىغان قىزلار دىققەت | سۈرەتكە چۈشىمەن دەپ جېنىدىن ئايرىلغان كىشىلەر
- مىكروسوفت چىقارغان «سۈرەتكە قاراپ يېشىنى تېپىش» تور بېكىتى، ياش يوشۇرىدىغان قىزلار ئېھتىيات قىلىڭلار
- 20 پارچە ئاز ئۇچرايدىغان تارىخى سۈرەت
- يېڭىچە مودا سۈرەتكە چۈشۈش ئۇسۇلى: پلاستېر بىلەن يۈزنى ئورىۋېتىپ ئالۋاستىغا ئوخشاپ قېلىش
- مىكروسوفتقا قايتىپ كەلگەن بىلگەيتىس بىر كۈن ھەپىلىشىپ Win8.1 نى قاچىلىيالماپتۇ
- 24 سائەتنى بىر پارچە سۈرەتكە پىرىسلاپ كىرگۈزۈش، مانا يېڭىلىق دېگەن!
- يەر شارىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى كىشى ئەقلىنى لال قىلدىغان گۈزەل ماكان
- بۇ رەسىملەرگە قاراپ بۇ ئاتا-بالىنىڭ ئۆز ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەي تۇرالامسىز؟ ئۆگەي؟! ياق، ئۆگەي ئەمەسكەن…
- كىم تارتقان Windows 8 نىڭ ئېلانلىرىدۇ بۇ؟ دەرھال مائاشىنى ئۆستۈرۈپ بېرىڭلار!
- ئەگەر مېنى تارىخى سۈرەتلەردىن بايقاپ قالساڭلار … | «ۋاقىت ھالقىغان ساياھەت»تېمىسىدىكى ئۆزگىچە فوتو سۈرەتلەر
مېنىڭكىدە ئۇيغۇربەگ بەك پەيزى چىقتى دەيمەن!
دۋانما بۇ
ياق. ئەمەس !
ئۇيغۇرچە خەتلەر فونت يوقتەكلا كۆرۈنەمدۇ قانداق ، بىراق ھېچقىسى يوق چچ قوللىمىغان ئۇيغۇرچىنى مىكروسوفىت قوللاپتۇ مانا، فونت دېگەننى ئوڭشىۋالغىلى بولىدىغۇ، ئۇيغۇرلاردا يۇمشاق دېتال بىلەن ھەپىلىشىدىغانلار ئاز ئەمەسقۇ
ھەي ، مەن چۈشۈرمۈدۈم.،ھەقىقىي نۇسخىسىنى ساقلاۋاتىمەن !
ئۇيغۇرچە فونىتلىرىنى بولسا ياردەمچى ئەپلەر بىلەن ئەپلەپ كېتەرمىز، ئۇلارنىڭ بىزگە بۇنچىلىك قىپ بەرگىنى خېلى چوڭ ئىش ، ئۇيىرى بولماپتۇ ، بۇيېرى بولماپتۇ دەپ گىچىڭلىق قىلساقمۇ سەت تۇرار ، ئەمدى قالغان ئىش IT ساھەسىدىكى ئەزمەتلىرىمىزدە قالدى،
راس ئەمەس ئىكەن دىۋانغا بىر قەدەملا قاپتىكەن
مەنمۇ دىۋانغا ئۆزەمنى ئاتايمىكىن دەپ سەل تېڭرقاپ بەت يېڭلىسام ، ئۇيغۇر بەگ ئىككىلىرى تۆردە ئولتۇرپلا ، مەنمۇ شۇ تۆرگە يېقىن يەردىن ئولتۇردىمغۇ !
مەنمۇ بەت يېڭىلاپ باقايىمككى دەپ دىۋاننى ئۈچۈن تەۋاككۈل قېلپ باققان ئەمدى كېيىنكى يېڭى يازمېنڭ دىۋاننى ماراپ تۇراي لېكىن1-2كۈن ساقلايمەندە
ما ئىقتىدارى قىززىقكەن : ئېچىلغان ئەپلەرنى ئىتىۋەتمەكچى بولساق مائۇس چوققىسىدىن تارتىپ ئېكراننىڭ سىرتىغا چىقىرىۋەتسەك بولىدىكەن …
« مائۇس بىلەن چوققىسىدىن تارتىپ » ، خاتا يېزىپ قويۇپتىمەن
ۋاھ! مەن مۇشۇنى بىلەلمەي يۈرۈيتۈم!
گەرچە شۇنداق WIN8 نى قاچىلاپ سىناپ باققۇم كەلسىمۇ، ئەينى ۋاقىتتا WIN XP دىن ئالدىراپ WIN7 كۆچكۈم كەلمىگەندەكلا ھازىرقى سېستىمام WIN7 دىن قىيالماي ۋتىمەن.
ئەمما ماۋۇ بولىدىغان سېستىمىكەن جۇما ، مانا مىنى كېچىچە ئۇخلاتمىدى ….
بۇرادەر…مەن لەپتوپقا قاچىلىغان.ئەمما نۇرمال يۇرۇشمەي قويدى.لەپتوپتا چاتاق يوق بولمىسا.7 ئاتتەك ماڭىدۇ..
چۈشۈرۈش ئادىرسى يوقكەنغۇ
مىنڭ تەسىراتىم : بەك ياخشى چىقىپتۇ ، ئەمما بىر قانچە يىتەرسىلكىنى بايقىدىم ، بەلكىم مىنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلۇمنىڭ خاتالىقى بولۇشى مۇمكىن . ئەگەر باشقىلارنىڭ ئۇنداق بولماي قالسا ماڭا كۆرسىتىپ قۇيۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
1. ئادوبى قويغۇچىنى قايتا قايتا يىڭىلىساممۇ بەزى بەتلەردىكى سىن قويغۇچنى قوزغىتالماي ، قويغۇچنى چۈشۈرۈڭ دەپ قويالمىدىم .
2.QQدىكى ئاۋازلىق ، سۈرەتلىك پاراڭلىشىش ئىقتىدارىنى تاپالمىدىم .
3.IE10دا تور بەت كۈرىۋېتىپ ، بەزى بەتلەرگە ئۇلانغاندا ، تەبىي ھالدا IE9غا مەجبۇرى ئۇلاشنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋېلىپ كۆڭلۈمنى ئىككىدەن بىر قىلىپ قويدى .
4.بەزى دىتاللارنى قەتتى قاچىلىيالمىدىم .( خۇداغا شۈكرى ، office 2003نى بىر ئاماللارنى قاچىلاپ ئىشلىتەلىدىم ، قانداقلا بولسۇن ، كۈنۈپ قالغاندە .)
قالغانلىرىنى بايقىغاندا يەنە داۋاملاشتۇرىمەن . بىلسەڭلەر دەپ بىرەسىلەر .
سىز دېگەن مەسىلىلەر پۈتۈنلەي ئۈچىنچى تەرەپ يۇمشاق دېتاللىرىدىكى مەسىلە، Windows8 تىكى مەسىلە ئەمەس.
مەن بۇ سېستىمىنى قاچىلىغانتىم.خېلى بولىدىغان چىراي! لېكىن بەك ئەپسۇس ئاۋازنى تونىتالمىدىم! شۇنچە ھەپلىشىپمۇ قىلالمىدىم~يەنە كۆپلەپ مەسىللەر مەۋجۇت! يۇيۋېتەي دىسەم كۆزۈم قىيمايۋاتىدۇ،بىركىچە ئۇيقۇمنى قويۇپ تۇرۇپ قاچىلىغانتىم،دوستلارنىڭ ماڭا ياردەم قىلىشىنى بەكمۇ ئۈمۈت قىلىمەن!چ چ 1548886966
بارماقلىق كومپۇيۇتۇردىلام ئوينايدىغان سىستىمىكەنغۇ بۇ …
مەن بىر سېستىمىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى كۈتۈپ تېخىچە دومباق ئېكران ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان، مېنىڭچە سېزىمچان بارماق تونۇيدىغان ئېكرانلار ئەمدى بازارنى ئىگەللىشى مۇمكىن. شۇ چاغدا بىرنى سېتىۋالمىسام.
مەنغۇ قاچىلاپ باقمىدىم ،، ئەمما ئىزچىل نەزىرىمنى ئاغدۇرىۋاتىمەن ، باشتا developer نۇسخىسىنى قاچىلىغاندىمۇ نۇرغۇن مەشغۇلاتلارنى قىلىشتا قىينالغان ئىدىم ، بەلكىم ھازىر قىينىلىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەستەك . ماۋۇ ئادرىسنى قالدۇراي ، چۇقۇم پايدىسى بۇلىدۇ ، سىنلىق دەرسلىكلىرى باركەن .
http://www.ilovewindows8.com
Windows Go To دېگەن سېستىما تەڭشەكلىرىنى ئەمەس بەلكى سىستېمىنى بارماق دىسكىغا قاچىلاپ ياندا ئېلىپ يۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. بارماق دېسكىمىزنى كۆتىرىپ باشقا كومپيۇتېرغا سانجىپلا 8 نى ئىشلىتەلەيمىز دېگەن پاراڭ بۇ.
مەن قاچىلاپ سىناپ باقسام ، چ چ نىڭ بەزى ئىقتىدارى قوللىمىدى ، ئاۋاز چىققان ، لىكىن Windows Media Center نىڭ تەڭشىشىگە قوشۇلماي ، ئىككى ياڭراتقۇنىڭ ئاۋازىنى تېخىمۇ ئېسىل قىلىمەن دەپ زۇۋانىنى ئۆچۇرۇپ قويۇپ ئاچالماي يۇرىمەن ، قانداق قىلساممۇ چىقمايۋاتىدۇ ….
ئېلان قىلىنغان كۈندىن تارتىپ ھازىرغىچە Windows8ئىشلىتىۋاتىمەن.بۇ قېتىم شىركەتتىكى ھەممە كومپيۇتېرغا Windows قاچىلاشنى ئويلىشىۋاتىمىز.ئىشقىلىپ يېڭىلىق كۆپ،مەن ئىزچىل ئۈگىنىش ۋە سىناش باسقۇچىدا
ياخشى بوپتۇ. ئۆزىمىز جىقراق قوللاپ بەرسەك، مىكروسوفت تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشى مۇمكىن.
ئۇنى قىلىپ بۇنى قىلىپ قوش سېستىما قىلىپ قاچىلىيالماي ، ئاخىرى بىراقلا قاچىۋەتكەنىدىم ، شۇنداق ياخشى چىقىۋاتىدۇ، لېكىن ئاۋۇ دۇكىنىغا زادى كىرەلمىدىم ، تىزىملىتىدىغان يېرى نەدە بولغىيتى ؟ Windows تىكى ئاكونتىمىزنى قانداق قوزغىتىمىز ؟
Windows Go To ئەمەس Windows To Go دەڭلا باللا…
يەنە بىر گەپ راس، بۇ نەشرىنىڭ ۋاقىت چەكلىمىس بارمىكەن؟ بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن ۋاقتىڭ توشتى دەپ چىقىۋالمايدىغاندۇ؟
ئەلۋەتتە چىقىۋالىدۇ. نەدىمۇ بىكارلىق نەرسە بولسۇن دەيسىز.
تورخۇمار ئەپەندى مەن بۇسىستىمىنى قاچىلىغاندىن كىيىن تورغا ئۇلىيالمايۋاتىمەن …كەڭ بەلۋاغ ئۇلاش كۆزنىكىنى نەدىن ئاچىمەن؟ :twist
http://www.ilovewindows8.com
سىزگە بۇ تور بېكەتنى تەۋسىيە قىلاي، كۆپ ئۇچرايدىغان مەشغۇلاتلار ھەممىسى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەن.
يوۋ پانان!!! IE10 دەڭلا بۇنى! ئۈنۈم سۈرئەت دېگەن مۇشۇما؟! ۋەھشىي تېزغۇ بۇ IE10؟؟؟ سىلەردىمۇ شۇنداقمۇ؟
7 گە ئەمدى كۆنىۋاتاتتىم. 8 گە ئۇلىشىدىغان بولدۇمدە بىراقلا.
مەن ئاساسەن فيلىم ئىشلەيمەن ماڭا ماس كىلەمدۇ بىلمىدىم؟ چۇنكى مەن AE. DF 3DMAX ئىشلىتىمەن بۇلارنى قوللامدۇ ؟ بىلمىدىم
قوللىمايدىكەن EDنى قوللىدى AEنى قوللىمىدى شۇڭا قوش سېستىمىلىق قىلىپ ئىشلىتىۋاتىمەن