ئەگەر مېنى تارىخى سۈرەتلەردىن بايقاپ قالساڭلار … | «ۋاقىت ھالقىغان ساياھەت»تېمىسىدىكى ئۆزگىچە فوتو سۈرەتلەر
تېخى ئالدىنقى كۈنىلا كانادالىق فوتوگرافنىڭ ئۆزىنى نەچچە ھەسسە كىچىكلىتىپ، ئەتىراپتىكى شەيئىلەر بىلەن بولغان مۇناسۋىتىنى ئالاھىدە ئۇسۇل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگەنلىكى ھەققىدە بىر تالاي مۇنازىرىلەشتۇق. ئۇندىن بۇرۇنمۇ نۇرغۇنلىغان سەنئەتكارلارنىڭ ھەرخىل ئىجادىيەتلەردىن ھوزۇرلىنىپ كەلگەن. كومپيۇتېر تېخنىكىسى ھەممە ساھەگە سىڭىپ كىرگەن بۈگۈنكى دۇنيادا فوتوگرافلارمۇ بىكار قالمىدى. ئەمدى رەسمى گەپنى باشلاشتىن ئاۋۋال تۆۋەندىكى رەسىمگە نەزىرىڭىزنى بىردەم بېرىپ تۇرۇڭ.
شۇنداق، بۇ دەل دۇنياغا داڭلىق مودا مۇزىكا شاھى «مۈشۈك شاھ» ۋە ئۇنىڭ قىزغىن تاماشىبىنلىرى. بۇ رەسىممۇ قىممەتلىك تارىخى سۈرەت ھېسابلىنىدۇ. لېكىن بايقىدىڭلارمىكىن شۇ رەڭسىز زامانلاردىمۇ نەچچە مىليون پېكسىللىق فوتو ئاپپارات ئىشلىتىدىغانلار باركەن.
ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك : يېقىندا ئاۋىستىرىيىلىك ياش فوتوگراف Flóra Borsi ئۆزىنىڭ FACEBOOK بېتىدە«ۋاقىت ھالقىغان ساياھەت» نامىدىكى فوتو ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلغان. بارلىق ئەسەرلىرىدە فوتوگراف تارىخى داڭلىق سۈرەتلەردە پەيدا بولغان بولۇپ، قولىدىكى زامانىۋى فوتو ئاپپارات ۋە يانفوننى كۆرمىسىڭىز بۇنىڭ بىر پارچە كىرىشتۈرمە ئەسەر ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتەلمەيسىز. قارىماققا بۇ تەسەۋۋۇر تولىمۇ قىززىقارلىق بولۇپ بىزلەرنىڭمۇ سىناپ بېقىشىمىزغا ئەرزىگۈدەك.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نادىر لايىھەلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: رەسىم، سۈرەت، لايىھە، يېڭىلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 19,968 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 04-ئاينىڭ 22-كۈنى
- يازما مەنزىلى: photoshops-into.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ناۋادا مەن بىر كىچىك پاپا بولسام … | كانادالىق فوتوگىراف Joel Robison نىڭ بىر يۈرۈش ئۆزگىچە فوتو ئەسەرلىرى
- كېيىنكى يازما > داڭلىق قىستۇرما رەسسام Marko Manev نىڭ رەڭسىز ئۇسلۇبتىكى ھوللىۋود كىنولىرى مۇقاۋا لايىھەلىرى
- Google دىن چىققان ئەڭ يېڭى VR رەسىم سىزىش قورالى – Tilt Brush
- سىزما ھايات – فوتو-سۈرەت ۋە سىزما رەسىمنىڭ مۇكەممەل بىرىكمىسى
- سۈرەتكە جىق چۈشىدىغان قىزلار دىققەت | سۈرەتكە چۈشىمەن دەپ جېنىدىن ئايرىلغان كىشىلەر
- مىكروسوفت چىقارغان «سۈرەتكە قاراپ يېشىنى تېپىش» تور بېكىتى، ياش يوشۇرىدىغان قىزلار ئېھتىيات قىلىڭلار
- 20 پارچە ئاز ئۇچرايدىغان تارىخى سۈرەت
- ئەينى چاغدىكى دىسنېي كارتون ئوبرازلىرىنىڭ چىراي ئىپادىسى قانداق لايىھەلەنگەن؟
- 8 تال رەسىم سىزگە بۈگۈن قانچىلىك سوغۇق بولغانلىقىنى دەپ بېرىدۇ
- باشقىلار ماشىنىسىنىڭ ئەينىكى توپا بولۇپ كەتسە قانداق قىلىدىكەن، ئوبدان كۆرۈڭ
- ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە خادىملىرى ئىشلىتىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان
- قىزلارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىدىغان رەسىملىرى، يىغىپ كەلسە شۇ نەچچە خىل چىقىمىش
دىۋان دىۋان دىۋان
ئۇف….. خۇداغا شۇكرى پەگادا ئولتۇرماپتىمە …
پەگا پەگا پەگاھ
تىمىدا ئىملا خاتالىقى باكەن
قايسى بۆلەك قايسى نۇقتىدا قانداق ئىملا خاتالىقنىڭ بارلىقىنىلا يازسىڭىز ئىنكاسىڭىزنىڭ قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولاتتى.
ئاۋۇ‹‹ئاۋۋال نەزىرىڭىزنى تۆۋەندىكى رەسىمگە بىردەپ بىرىپ تۇرۇڭ ›› بوپ قاپتۇ. ئەسلى‹‹بىردەم بىرىپ تۇرۇڭ››مۇ ياكى مەن خاتا چۈشىنىۋالدىممۇ
رەھمەت، تۈزىتىپ قويدۇم
ۋىروس ئەپەندىمنىڭ مۇشۇ باش سۈرەت چىقىرىشىمغا ياردەم قىلىشىنى ،مىنىڭمۇ تورخۇماردا ئۆزگىچە باش سۈرىتىمنىڭ چىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .ياردەم قىلساڭلا چىقىرىدىغان رەسىمنى ئەۋەتىپ بەسەم توغۇرلاپ بەرسەڭلا .
ئالدىنقى تېمىدىمۇ ئىملا خاتالىقى بار . ئاشۇ ۋاقتىدا يېزىپ قوياي دىگەن لېكىن قايسى بىر چاغدا ئىملا خاتالىقى بارگەن دىگەن گەپكە ئالدىمغا بىر پاي ئاياق ئۇچۇپ كەلگەن ،شۇنى ئەسلەپ يازمىغان
بولىدۇ مەن ياردەم قىلاي !
«قارا كىيىملىك كىشىلەر»دە «مۈشۈك شاھ»نى تاشقى پىلانىت ئادىمى دەۋاتقان
ماڭا ئۆزىڭىز بىر باش سۈرەت توغۇرلاپ بەرسىڭىز بوپتىكەن .مۇشۇ تورخۇماردا ئويناۋاتقىلىمۇ ئۇزۇن بولدى لىكىن مۇشۇ باش سۈرىتىمنى چىقىرالماي بوغۇلۇپ قالايلا دىدىم .مۇمكىن بولسا qq: 1549576034 .بولسا چچ رىمنى قوشۇۋىلىڭە .
ياخشى كىرىشتۈرۈپتۇ. ئەمما، ۋاقتىنى مۇشۇنداق ئىشلارغا سەرىپ قىلغۇچە ئېرىگە لەغمەن ئېتىپ بەگەن بوسا، ئېچ بولمىسا قېيىن ئاپىسىغا ئۇماچ ئېتىپ بەگەن بولسىمۇ دۇئاسىنى ئالا بوغىيتى بۇ چوكان.
ئو، مەن ياردەم قىلاي دىمەكچىتىم، ما يېنىمدىكى ئاداش گەپكە تۇتۇپ، رەسىم توغرىسىدا گەپ قىپتىمە، توۋا… چارچاپتىمە، ھەقىقەتەن چارچاپتىمە…
SAMSUNG نىڭ galaxy ئاپپىراتلىرنى كىرىشتۈرمەي..ئ
مەنمۇ شۇ باش سۈرەتنى چىقىرالماي ئاۋارە …
باش سۈرىتى يوق ئادەم دىۋانغا چىقىۋالسا بەك سەت تۇردىكەن دەيمە ….. ئۇنداق قىلماي ماڭىمۇ ياردەم قىلساڭلا …
مەنمۇ شۇڭا دىۋاندا ئولتۇرمايمەن. ئەمما ساقلاپ كىتىمەن- دە، نەچچە ئون- نەچچە يۈز دەقىقىلەپ، قاچان بىرەرسى كەپ ئولتۇرا دەپ!
مەنمۇ شۇ ئامالنىڭ يۇقىدىن چىقىپ سالدىم دە ……دىۋانغا
بىزمۇ ئادەتتە بىكار تۇرغاندا نۇرغۇن نەرسە كاللىمىزغا كىلىدۇ ، لېكىن شۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلمايمىزدە ..
بولمىسا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئىجاد قىلۋىتەتتۇق ..
كەينىدىن سانىغاندا ئىككىنجى رەسىمدە چېنىپ قالدىمۇ قانداق،ئەينەكتە ئەكىسى كۈرۈنمەپتۇ…
مۈرىسى كۆرەنگەندەك قىلامدۇنىمە .
بۇيەر ، بۇيەر ،يەنە بۇيەردىمۇ ئېملا خاتالىقى باركەن
مۇشۇ باش سۈرىتىڭلارمۇ كاتتىكەنغۇ؟ رەڭسىز ، بىر خىل زاماندىن ھالقىغان چىراي
باش سۈرەت چىقىراي دىسەم ھېلىقى توردىكى سن ۇپ دىگەن يەرنى باسسام ئۇلانمايۋاتىدۇ دەيمنا… بولدىلا يەنىلا ئاپوللوغا ئولتۇرۇپ دىۋانغا ھۇجۇم
بەزىلىرىگە ئىنچىكىلەپ قارىمىسا بىلگىلى بولمايدىكەن جۇمۇ
مەنمۇ بىر نەچچە قىتىم سىناپ بېقىپ باش سۇرەت چىقىرالمىدىم …. مەشخۇلاتنى سەل ئاددىلاشتۇرۇلسا بوپتىكەن ئەسلى …
مۇھەببەت توغورلۇق ۋە دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت iphone 5 توغۇرلۇق تىما يازسام ھىچ قايسىنى تەستىقلىماپتۇ ياكى مىنىڭ ئىلخەت ئادرىسىمغا كۆرسەتمە ۋە ياكى ئەسكەرتىش كەلمىدى دەيمە . ۋىرۇسجان بىلەن تەدبىركار ياراتمىدىمۇ يازغان تىمامنى . ياكى نىمە سەۋەپكىن زادى بىلەلمىدىم
باياتىن بىرى ئنكاس يازسام يىزىلمايدۇ يا ، ئۇيغۇرچە چىقماي بەك ئاۋارە قىلدى
باش سۈرەتنى زادىلا چىقرالمىدىم
ئۇندا مۇھاببەت تېمىلىرى تورخۇمارغا ياراشماس ! ھېلىقىندەك ئەڭ قىممەت ئۇ ئەڭ يوغان بۇ دېگەندەك ئادەمگە ھېچقانداق پايدىسى يوق تېتىقسىز تېمىلار ساپاسىز ، ساۋاتسىز بىر ئوچۇم ئىشچان تەرجىمانلارغا لىق تولغان نۇر تورىغىلا يارىشىدۇ ! ئۆزۈم لازا ئاچچىقسۇغا ئامراق بوغاچ گەپ سۆزلىرىممۇ شۇ سەل تاتلىقتىن ئاچچىغاراق چىقىپ سالىدۇ ! ئېغىر ئامماسسىز …..
قارىغاندا قەشقەرلىك ئوخشايسىز . خاپولمۇدۇم ئازراق كۆڭلۈمگە كەلدى شۇ . مەنغۇ مۇھەببەت ىسى دەپ ئاھ پاھ ئىشقى مىشقى دەپ يازمىغانتىم . شۇ قىزىقارلقلا بىر نەرسىلەرتى. دىمەپتىمە بولدى. ھىلى يەنە قىزىلمۇچ خالتىسىدىن بىرسى چىقىپ تويغۇزۋەتمىسۇن ئادەمنى
يا يا مەن قاشقالىق ئەمەس ، ئاقسۇنىڭ توقسۇ دېگەن يىرىدىن ، كونىلار دېدىمۇ ياكى يېڭىلارمۇ ئىشقىلىپ بىر كىم : قالغان كۆڭۈلنى ئالتۇن ياكى قەلەي بېرىپمۇ ئالغىلى بولماس دەپتىكەن ….. ئاخشام تېلفۇندا چىققاچقا ئېقىم تېجەيمەن دەپ قىسقىلا پەقەت ئاچچىقلا ئىنكاس يېزىپ قويۇپتىمە …. ئوتتەك ئىلھامىڭىزغا دوغاپ تۆكۈپ سالغىنىمدىن ئەپسۇسلىنىمەن دېمەكچىمەنكى تېمىلار ئۆزگىچە چىقسا دەپ ئويلايمەن ،بۇرۇن رەھمەتلىك دىيارىم تورى بەك يارايتى ئانچە مۇنچە يېزىپمۇ قوياتتۇق ، شۇندىن كىيىن ئۇيغۇر تورلىرى پەقەتلا يارىماس بولۇپ قالدى ….. تورخۇماردىن باشقا
ئەمما تورخۇماردا دەششەت گەپتانلار بار جۇمۇ . بىر ئېغىز گەپ مىللىگىرام ئۇيان بۇيان بوپ كىتىپ قالسا ئادەمنى ئىككىنجى سۆزلىيەلمەس قىپ قۇيىدۇ .
شۇڭا ئىنكاس يازىدىغان چاغدا يۈرەك دۈپىلدەيدۇ ….
خاتىرجەم يېزىۋېرىڭ ! بىلمىگەننى تولۇقلايدىغان سۇرۇن بۇ ، دائىم تاتلىق يەۋەرسىمۇ زىيان قىلىدۇ ! شېكەر ياكى ھەسەل سىيىدىغان قىلىپ قويىدۇ
ئىنكئس يېزىش كېرەكمۇ
سىناق
دىۋانىلەر يوقما؟
سىزمۇ دىۋانە بولاي دىگەنما
مەن نەچچە كۈن بولدى ،ئۇيەگە چىقىپ باقمىغىلى!
ھە ھە ھە ئەمىسە دىۋان مىنىڭ بولدى. ئۆزگىچە چىقىپتۇ بۇ رەسىملەر.
دىۋان دەپ قاپسىلە مەن شاھ ئۇيغۇر بىلوگىدىمۇ 2 قىتىم دىۋانغا ئىرىشتىم لىكىن تورخۇماردا بىر قىتىممۇ ئىرىشمىدىم لىكىن تىرىشىمەن ئالامەت ئۆزگىچە چىقىپتۇ بۇ رەسىملەر دىۋاندا مىخ با مەندە بولقا ھە ئابومجون ئىدېش قىنى سىلە
ئامبۇجان مىخ تارتىپ،ئىدىشجان بىرنى قوينىغا ئېلىپ ئارام ئالغان چېغى (چاخچاق)
رەسىملەر ناھايتى ئۆزگىچە ئىكەن،شۇنداراق ماھارتىم بولسا،ما ياندىكى رەسىم ھەجەپ قاراتتى يا…