Adobe Photoshop CS5 ئىخچاملاشتۇرۇلغان نۇسخىسى(ئاكتىپلاش ھاجەتسىز)
يېقىندا Adobe شىركىتى مەھسۇلاتلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك يېڭىلاپ، ئەڭ يېڭى CS5 نۇسخىلىرىنى ئېلان قىلدى، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئىچىدە كۆپچىلىككە تونۇش بولغان Adobe Photoshop مۇ بار بولۇپ، بۈگۈن كۆپچىلىككە ئېلىپ كەلگىنىم، Photoshop CS5 نىڭ ئىخچاملاشتۇرۇلغان ۋە ھەقسىز ئاكتىپلىنىدىغان نۇسخىسى. بىر قىسىم زىيادە چوڭ سىغىمدىكى يۇمشاق دېتاللارنى ياقتۇرمايدىغان، چۈشۈرۈشكە ھورۇنلۇق قىلىدىغان ۋە ئاكتىپلاش ئاۋارىچىلىقىدىن قورقىدىغان تورداشلار ئۈچۈن ياخشى تاللاش بولالايدۇ.
بۇدا Photoshop مۇ CS ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن قوشۇلۇپ CS5 دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، نۇرغۇن يېڭىچە ئىقتىدار ۋە خاسلاشتۇرۇلغان مەشغۇلات ئۇسۇللىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن. ئەلۋەتتە بۇ ئىقتىدارلارنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، Photoshop نىڭ سىغىمىمۇ زورىيىپ بېرىشى ئېنىق. مۇتلەق كۆپ قىسىم ساندىكى تورداشلار Photoshop نىڭ كۆپ بولسا %30 ئىقتىدارىنى ئىشلىتەلەيدۇ، كەسپى لايىھەلەش خادىملىرى بولمىغان تورداشلارغا نىسبەتەن، بۇنچە كۆپ ئىقتىدارلارمۇ ئارتۇقچە بىلىنىشى مۇمكىن. تۆۋەندە چۈشۈرۈشكە تەمىنلەيدىغىنىم، Photoshop CS5 نىڭ ئىخچاملاشتۇرۇلغان نۇسخىسى بولۇپ، سىغىمى پەقەت 125MB كېلىدۇ، ناۋادا سىز ئۆزىڭىزنى كەسپىي لايىھەلىگۈچى دەپ قارىمىسىڭىز، بۇ نۇسخا سىزنىڭ ئادەتتىكى سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش ئېھتىياجىڭىزدىن تولۇق چىقالايدۇ دەپ ئويلايمەن.
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار:
يۇمشاق دېتال نامى: Photoshop CS5 ئىخچاملاشتۇرۇلغان نۇسخىسى
يۇمشاق دېتال سىغىمى: 125.1MB
چۈشۈرۈش مەنزىللىرى(迅雷دا چۈشۈرىسىز):
Photoshop CS5 ئىخچاملاشتۇرۇلغان نۇسخىسى | مەنبەسى: torhumar.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يۇمشاق دېتاللار]
- ھالقىلىق ســــۆز: photoshop,سۈرەت,لايىھەلەش
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 776 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 09-ئاينىڭ 07-كۈنى
- يازما مەنزىلى: photoshop-cs5-lite.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە ئېلان قىلسىڭىز، مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىڭ.)
- ئالدىنقى يازما > 25 پارچە تاللانغان ئۈستەل يۈزى تەگرەسىملىرى – Wallpaper
- كېيىنكى يازما > ئەسلىدە ھىندى چولپىنى شاھرۇھخان ئۇيغۇرچە ناخشىنىمۇ سويىۋېتىدىكەن!!!
بۇنىڭ photoshop7.0 پەرقى بارمۇ
ماۋۇ Photoshop CS5 دېگەن ئاداشنىڭ ئاكتىپلاش ھاجەتسىز قاچىلىنىدىغان نۇسخىسىنى تاپالماي بەك جىلە بولۇپ كېتىۋاتىمەن. ئاشۇنداق نۇسخسى ئۇچراپ قالسا گاچچىدە خەۋەرلەندۈرىۋىتەرسىز. يەنە كېلىپ ماۋۇ يېشىل ئاغىينە Win7 نورمال ئىجرا بولىدۇ لېكىن WinXP دە نورمال ئىشلىمەيدۇ.
مۇشۇ بولاتتىغۇ ئەسلى؟
15 GB ئەتراپىدىكى Adobe CS5 ME 大师版 تاپالىسام بولىتى قايسىڭلاردا بار ،破解 قىلغىنى ھە .