نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > يۇمشاق دېتاللار > يازما كۆرۈش

Windows 7 نىڭ ئۆزىدىكى رەسىم كۆرگۈچتە GIF فورماتىنى نورمال كۆرسىتىش يامىقى

Windows 7 نىڭ ئۆزىدىكى رەسىم كۆرگۈچتە GIF فورماتىنى نورمال كۆرسىتىش يامىقى

ئادەتتە Windows 7 نى قاچىلىغان چېغىمىزدا، رەسىم كۆرۈش ئۈچۈن سېستىما ئۆزى تەمىنلىگەن رەسىم كۆرۈش قورالىنى ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ، ئايرىم تورداشلار XnView، ACDSee غا ئوخشاش كەسپىي رەسىم كۆرۈش يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىشلەتسىمۇ، بىراق يەنىلا خېلى كۆپ قىسىم تورداشلار Windows ئۆزى تەمىنلىگەن رەسىم كۆرۈش قورالى بىلەن رەسىم كۆرۈشكە ئادەتلەنگەن. بىراق Vista ۋە Windows 7 ئۆزىدە تەمىنلەنگەن رەسىم كۆرۈش قورالى GIF فورماتىدىكى ھەرىكەتچان رەسىملەرنى نورمال كۆرسىتەلمەيدىغان بولۇپ، ھەرىكەتلىك GIF فورماتىدىكى رەسىملەرنى كۆرۈش ئۈچۈن Internet Explorer(ھېچقانداق كەسپى رەسىم كۆرۈش قورالى قاچىلانمىغان ئەھۋالدا) دەك يۇمشاق دېتاللارغا مۇراجىئەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، تۆۋەندىكىسى Windows 7 نىڭ ئۆزىدىكى رەسىم كۆرگۈچتە GIF فورماتىنى نورمال كۆرسىتىش يامىقى ImageViewer for Windows7 بولۇپ، سېستىمىدىكى بۇ ئاجىزلىقنى ناھايىتى ياخشى ھەل قىلغان.

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا Microsoft مونوپوللۇق قىلدى دېگەن ئەيىپلەشتىن ئەنسىرەپ، Windows 7 دە GIF رەسىم كۆرۈش ئىقتىدارىنى ئېلىۋەتكەنمىش، ImageViewer for Windows7 نى قاچىلىغاندىن كېيىن GIF فورماتىدىكى رەسىملەر ئاپتوماتىك ھالدا سېستىما ئۆزىدە تەمىنلىگەن رەسىم كۆرگۈچتە كۆرۈنىدىغان قىلىپ تەڭشىلىدۇ، ناۋادا تەڭشەلمىسە رەسىمنىڭ ئۈستىدە مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، 打开方式 دېگەن قىسىمدىن سېستىما رەسىم كۆرگۈسىنى تاللاپ بەرسەك بولىدۇ.

Windows 7 نىڭ ئۆزىدىكى رەسىم كۆرگۈچتە GIF فورماتىنى نورمال كۆرسىتىش يامىقى

ناۋادا سىز باشقا رەسىم كۆرۈش قوراللىرى بىلەن GIF رەسىم كۆرۈۋاتقان بولسىڭىز، قاچىلاشتىن بۇرۇن GIF رەسىمگە بولغان باغلىنىشنى ئەمەلدىن قالدۇرىۋېتىڭ، بۇنداق بولغاندا ImageViewer for Windows7 نىڭ GIF رەسىمگە ئاپتوماتىك باغلىنىشىنى توسالغۇسىز ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

پرېستىن يېشىش پارولى: www.torhumar.com

ImageViewer for Windows7 نى چۈشۈرۈش | مەنبە: torhumar.com

无觅相关文章插件

[ئاللىقاچان 3 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن:
  1. پېرخون : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇف ! :???:
    بۇگۈن ئاخىر قايتىپ كەپسىزدە … مىكرو بىلوگىڭىزدا 3 كۈندىن 7 كۈنگىچە دەپتىكەنسىز …. ۋاي ۋاي 3 كۈنمىدۇ 7 كۈنمىدۇ دەپ كۆزۈپ تېشىلەي دېدى ،،، بەلكىم بۇمۇ سىزنىڭ ئۇتۇقىڭىزدۇ .. يازمىلىرىڭىز توختاپ قالمىسۇن …

  2. prestan : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    win7 نى قاچىلىغاندا ئىشلىتەرمەن، ھازىرچە ساقلاپ قوياي.

  3. سەھرالىق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ مۇشۇ يىرىدىن زىرىكتىم، مانا ئەمدى ياخشى بولدى ، رەھمەت ھە!!!

 汗