Win7 نىڭ سېستىمىغا كىرىش كۆزنەك تەگلىكىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىش قورالى – Logon Changer
گەرچە سېستىما كىرىش كۆزنەك تەگلىكىنى ئالماشتۇرۇپ قويۇشنىڭ جىق زۆرۈرىيىتى بولمىسىمۇ، بىراق بىر قىسىم تورداشلار ئامراق سېستىمىسىنى يەنىلا ئۆزى خالىغانچە چىرايلىق بېزەپ ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ. Win7 نىڭ سېستىمىغا كىرىش كۆزنەك تەگلىكىنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن، ئادەتتە سېستىمىنىڭ تىزىملاش جەدۋېلى(RegEdit)گە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ، بىراق كۆپ قىسىم تورداشلار بۇنداق قىلىشنى بىلمەيدۇ ھەم ئاۋارىچىلىق كۆرىدۇ، ناۋادا تېخى خاتا مەشغۇلات قىلىپ قويساق، سېستىما پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالىدىغان ئىشمۇ چىقىدۇ. ناۋادا بىزدە Logon Changer بولسا، ئۇنداقتا بىز پەقەت بىر كۇنۇپكا بىلەنلا ھەرقانداق رەسىمنى Windows 7 نىڭ سېستىمىغا كىرىش كۆزنىكىگە تەگلىك قىلىپ بەلگىلىيەلەيمىز، مەشغۇلاتمۇ شۇنداق قولايلىق!
Logon Changer نىڭ مەشغۇلات ئۇسۇلى ئىنتايىن قولايلىق، پەقەت change logon screen نى بېسىپ، لازىملىق رەسىمنى تاللاپ بەرسەكلا بولدى. ئۈنۈمىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن Test كۇنۇپكىسىنى باسساق بولىدۇ. ناۋادا سېستىمىنىڭ ئەسلىدىكى تەگلىكىگە قايتۇرماقچى بولساق، Revert to default logon screen نى باسساقلا كۇپايە!
ھۆججەت تەپسىلاتى
ھۆججەت نامى: Logon Changer
ھۆججەت سىغىمى: 190KB
پرېستىن يېشىش پارولى: www.torhumar.com
چۈشۈرۈش مەنزىلى
Logon Changer نى چۈشۈرۈش | مەنبە: torhumar.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [windows,يۇمشاق دېتاللار]
- ھالقىلىق ســــۆز: win7,windows7,ئەلالاشتۇرۇش,گۈزەللەشتۈرۈش
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 924 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
- يازما مەنزىلى: logon-changer.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > چەتئەللىكلەر ئۆزى ياساپ چىققان كۆپ نۇقتىلىق سېزىمچان ئېكران سەپلەنگەن ئالاھىدە خىزمەت سۇپىسى
- كېيىنكى يازما > ئاجايىپ سىرلىق 3D چىراغ ماھارەت ئويۇنى! بۇ خىلدىكى ستېرېئولۇق تۇيغۇ ھەقىقەتەن قالتىسكەن!!!
ئېسىل قورالكەن
بۇگۇن دىۋان بىزگە كەڭ تاشا قاپتۇ !!!!!!!!!!!!ھا ھا ھا ……..
چۈشۈرۈش ئۈچۈن تىزىملاتمىسابولمايدىغان ئوخشىمامدۇ ؟
ئەزالىق نامىڭىزنى كۈرگۈزۈڭ دەپ تۇرۋېلىپ چۈشۈرەلمىدىم .
ھېچقانداق تىزىملىتىش تەلەپ قىلمايدۇ، ھۆججەتنىڭ بىۋاستە ئۆزىنى بېسىپلا چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ.
ئەگەردە بۇ يۇمتال ئۇقۇشماسلىقتىن ئۆچۈرلۈپ كېتىپ قالسىچۇ؟ تەگلىك ئەسلىگە كېلىپ قالامدۇ ياكى بۇ يۇمتال سېستىمىنىڭ تىزىملاش جەدۋېلى(RegEdit)گە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش رولىنىلا ئوينامدۇ؟
ئۆچۈرۈلۈپ كەتسىمۇ ئۆزگەرتىش داۋاملىق كۈچكە ئىگە. پەقەت بىز بەلگىلەپ بەرگەن رەسىمنى سېستىمىغا مۇۋاپىق ھالەتتە پرېسلاپ تەڭشەپ بېرىش رولىنىلا ئۆتەيدۇ.
xpئىشلەتكەندە مۇناسىۋەتلىك exe ھۆججەتنى يىشىپ، ئىمپورتلاپ…ئېكىسپورتلاپ دىگەندەك قىلىپ ئالماشتۇرۇشقا بولاتتى، مۇنۇ قورال يامان ئەمەسكەن، بۇنىمۇ ئشلىتىپ كۆرگۈلۈك…
ئېسىل تېمىلار تورخۇماردا بارجۇمۇ …………
رەھمەت جۇمۇ تورخۇماركا ، سىز ئۈچۈن بىر بىلەت كەتتى …
بەلەن قۇرالكەن. ھە راست، ئەگەر win7 دا يېڭىدىن ئابۇنىت قۇرۇپ ياكى ۋىندوۋۇس تەمىنلىگەن ئابۇنىتقا مەخپىي نۇمۇر ئورنۇتۇپ، مەخپىي نۇمۇرنى ئۇنتۇپ قالساق قانداق كېرىمىز؟
بولىدىكەن جۇمۇ بۇ دىتال!!