كۆرۈۋاتقىنىڭىز Mac OS، بىراق ئۇ Mac OS ئەمەس! Win7 نىڭ كۆرۈنمە يۈزىنى Mac OSX Lion غا ئايلاندۇرۇش
ئالما Mac OSX نى ئېلان قىلغاندىن بېرى، كىشىلەر Windows 7 نىڭ Mac ئۇسلۇبلىرىنى ياساشتىن ئەزەلدىن توختاپ قالمىدى. چۈنكى، Mac OSX نى كۆرگەن ۋە بىر ئىشلەتكەن ھەرقانداق ئادەمگە بېرىدىغان تەسىرى: نەپس ۋە گۈزەل! گەرچە Windows نىڭ Mac ئۇسلۇبلىرى توختىماي ياسىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئىزچىل ھەقىقى تۈردە Mac OSX نىڭ ئۈنۈمىگە يېتىدىغان بىرەر ئۇسلۇب يوق ئىدى. بۈگۈن كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلماقچى بولغىنىم Windows 7 نىڭ Mac OSX Lion ئۇسلۇبى، ئىشىنىمەنكى سىزگە ئالمىنىڭ سېھرى كۈچىنى ھەقىقى ھېس قىلدۇرىدۇ، بىر سىناپ بېقىشقا ئەرزىيدىغان ئۇسلۇب…
ئۇسلۇبنى ئورناتقاندىن كېيىنكى Windows 7 نىڭ كۆرۈنمە يۈزى:
قانداق؟ سۈرەتكە قاراپ Windows 7 ئىكەنلىگىنى ئايرىماقنىڭ ئىنتايىن تەسلىكىنى ھېس قىلدىڭىزغۇ دەيمەن؟ تەدبىركارمۇ ئىلگىرى قوشۇمچە بىر دانە Mac OSX ئۇسلۇبىنى تەمىنلىگەن ئىدى، بىراق ئۇ ئۇسلۇبنى قاچىلاش ئۇسۇلى سەل مۇرەككەپ بولۇپ، سېستىمىنىڭ ئۇسلۇب چەكلىمىسىنى يېشىشكە توغرا كېلەتتى. بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغان Mac OSX Lion Skin Pack بولسا، ئۇسلۇب چەكلىمىسىنى يېشىش، سېستىما ئاۋازلىرى ۋە قوشۇمچە قوراللار ھەممىسى بولاقلانغان بىر دانە exe ھۆججىتى بولۇپ، سىز پەقەت چۈشۈرۈپ پرېستىن يېشىپ قاچىلاش ئېلىپ بارسىڭىزلا، ئالدىڭىزدا پۈتۈنلەي Mac OSX ئۈنۈمىدىكى Windows7 پەيدا بولىدۇ!
مەزكۇر قاچىلاش بولاقچىسىنى ئورنىتىشمۇ ئىنتايىن قولاي بولۇپ، قاچىلاش جەريانىدا ئۆزىڭىز لازىم قىلمايدىغان جايلارنى چىقىرىۋېتىشكە بولىدۇ. ناۋادا ئورنىتىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن ئەسلىدىكى Windows 7 ئۇسلۇبىغا قايتماقچى بولسىڭىز، مەزكۇر ئۇسلۇبنى پۈتۈنلەي ئۆچۈرىۋېتىشكىمۇ بولىدۇ!
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
Windows 7 نىڭ Mac OSX Lion ئۇسلۇبىنى چۈشۈرۈش | مەنبە: torhumar.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [windows,نادىر لايىھەلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: mac,windows7,ئۇسلۇب,گۈزەللەشتۈرۈش
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 763 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 05-ئاينىڭ 13-كۈنى
- يازما مەنزىلى: mac-osx-lion-skin-pack.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئاڭلىمىدىم دېمەڭلار! چەتئەللىك بىرسى بەدىنى مىدىراتماي تۇرۇپ بېشىنى 180 گرادۇس بۇرىيالايدىكەن!!!
- كېيىنكى يازما > گۈزەللىگىدىن ئادەمنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان نورۋېگىيە ئاۋرولا مەنزىرىسى…
ياخشى دورالماپتۇ…
فەچەت دوراپ قويۇپتۇ، ئەمما لېكىن بىراق يەنىلا ئۆزىنىڭ ئۇسلۇبىغا يەتمەيدىكەن.
IBM Thinkpad تا ناۋادا كىچىك قىزىل چېكىت بولماي قالسا، ئۇ چاغدا بۇ IBM Thinkpad بولماي قالىدۇ. MACBook قا ناۋادا كىچىك قىزىل چېكىت قوشۇلسا، ئۇ ھالدا ئۇ يا IBM Thinkpad ئەمەس، يا MACBook ئەمەس.
ياخشى تەھلىل …
قاچانمۇ مەكنى قاچىلارمەن
مەن سىناپ بېقىپ يازاي ئىنكاسنى
ۋاھ، ئالامەتكەنغۇ راستىنلا ئالمىنىڭ ئۇسلۇبىغا ئالماشتى. تىزىملىكنى ئۈستىگە يۆتكەپ، ئارقا تەگلىك رەسىمنى ئالماش تۇرۋەتسىلا بەئەينى ئالمىغا ئوخشىشىدىكەن. بىر قىسىم ئۈنۈملىرىمۇ باركەن تېخى
ئۆچۈرۈش|چوڭايتىش|چۈشۈرۈش قاتارلىق ئورۇنلار سول تەرەپكە ئۆتىدىكەن. FireFoxنىڭ چىقمىدى. قارىغاندا بۇنىڭدىمۇ ئازىراق مەسلە باركەن
http://www.win7china.com ماۋۇ تور بىكەتتە بۇنداق نەرسىلەر خېلى كۆپ ئىكەن ، مەنمۇ مۇشۇنداق قىلىپ ئىشلىتىۋاتىمەن ، ئۈنۈمى ھەقىقەتەن قالتىس ! ….
ئازراق ئېلان سۆزىگە ئوخشاپ قالدىمۇ نېمە
ئالدىنقى قېتىم تەمىنلىگەن سۈزۈك ئۇسلوبنى چۈشۈرۈپ ئىشىلتىپ كۆرگەن ئىدىم ، سىرتىدىن بىر قارىماققا شۇنداق چىرايلىق كۆىنگەن بىلەن نۇرغۇن جايلىرىدا كەمچىلىك بەك كۆپكەن .. خەتنىڭ رەڭگى ،يەنە textbox دىگەندەك جايلارنىڭ ئارقا رەڭگى تازا ياخشى تەڭشەلمەپتىكەن .. يا باشقا تەڭشەيدىغان جايلىرىنى مەن تاپالمىدىممۇ بىلمىدىم . يەنىلا win7
ئۇنداقتا مەزكۇر ئۇسلۇبنى چۈشۈرۈپ بىر سىناپ باقمامسىز؟
ئۆزىنىڭ ئۇسلوبى بولىدىكەن .. ئىنكاس يوللاپ بولغاندىن كېيىن تەھرىرلىگىلى بولمايدىكەن ھە ؟؟ ئالدىنقى ئىنكاس يېزىلىپ بۇلۇنمايلا يولىنىپ كەتتى ..
خېلى ياقتۇرۇپ قالدىم، ئەمما مەن ياقتۇرىدىغان نۇرغۇن جايلىرىنى دورىيالماپتۇ…
win XP غا ماس كىلىدىغانلىرى بارمىدۇ؟ بولسا تەمىنلسەڭلار بوپتىكەن باللا
بازاردا ھازېر ۋىندوۋىس 7 قاچىلانغان مەك كومپىيۇتېرلىرى كۆپلەپ قاپتۇ …ۋىندوۋىس 7 يەنىلا پ س دە ياخشى…
كۆيگەن يەمەنمۇ كۆنگەنمۇ دىسە كۆنگەن يامان دەپ مىنىڭ مۇشۇ xp غا كۆنۈپ قاپتىكەنمەن win7 غىمۇ ئۆتكۈم كەلمەيۋاتىدۇ قانداق قىلامەن
ئىيىق مېيىدا مايلىنىپ كىيىمنى تەتۈر كىيىپ يۈرۈڭ
ۋېن7نى قانداق ئەسلىگە كەلتۈرىمەن؟
ماۋۇ Win7 غا تېزراق كۆچەي جۇمۇ ..