كۇڭمىڭ قۇلۇپى interlocked : كىشىنى رازى قىلىدىغان كىچىك 3D ئويۇن
بۈگۈن ئارام كۈنىدە تورغا چىقىۋاتقان تورداشلار ئۈچۈن، ئىنتايىن ئۆزگىچە لايىھەلەنگەن بىر Flash ئويۇن – كۇڭمىڭ قۇلۇپى(interlocked) ناملىق ئويۇننى ئېلىپ كەلدىم. ئويۇندا بىز زىچ جىپسىلاشتۇرىۋېتىلگەن زاپچاسلارنى ستېرولۇق تۇيغۇغا ئاساسەن ئەپچىللىك بىلەن ئايلاندۇرۇش، يۆتكەش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا بىر-بىرىدىن ئاجرىتىپ ئۆتكەل ئاتلاش مەقسىدىگە يېتىمىز، يېنىك ئويۇن مۇزىكىسى قوشۇلۇپ كىشىگە تېخىمۇ ئازادە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ…
ئويۇن جەمئىي 20 ئۆتكەل بولۇپ، 14 ئادەتتىكى ئۆتكەل ۋە 6 ئالاھىدە قىيىن ئۆتكەلدىن تەركىب تاپقان. ئويۇننى ئويناش ئۇسۇلىمۇ ناھايىتى ئاددى، Play كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، تەرتىپ بويىچە ئۆتكەلنى تاللاپ باشلاپ كەتسەكلا بولىدۇ. بوشلۇق كۇنۇپكىسى ئارقىلىق كۆرۈش بۇلىڭىنى ئالماشتۇرۇش ۋە زاپچاسلارنى تۇتۇپ يۆتكەش ھالىتى ئوتتۇرىسىدا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا بۇ ئۆتكەللەرگە بىرلىكتە بىر جەڭ ئېلان قىلىپ باقمامدۇق؟
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: Flash ئويۇن
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 714 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 05-ئاينىڭ 22-كۈنى
- يازما مەنزىلى: interlocked.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئاپتوموبېل ئېلانىنى مۇنداقمۇ ئىشلىگىلى بولىدىكەن! KIA نىڭ يېڭى ئېلانى: One Epic Ride
- كېيىنكى يازما > ئۆزگىچە لايىھەلەنگەن QQ نىڭ سۈزۈك تېرىسى QQ رىڭىزنى تېخىمۇ گۈزەل تۈسكە ئىگە قىلغۇسى!
قانداق ئويۇن دېدىڭىز؟
توۋا، بۈگۈن ‹‹دىۋان››ەلەر ئارام ئالغان ئوخشىمامدۇ؟
ھىچ بولمىغاندا ئىككىنچىدى ئورۇندىن ئورۇن چىقتى … مۇشۇ يەدە تۇرۇپ يازمىنىڭ ھوزۇرىنى سۇرەي …
بازا چاققاننىڭ دەڭلا؟!
توۋا ما خەقنى، تېما نەدە قالدى …. بولىدىغان ئويۇنبۇ ، بۇرۇن ئويناپ باققان. رەخمەت سىزگە.
ئەسسالام دوستلار، كەچۈرۈڭلار تېمىغا مۇناسۋەتسىز گەپ قىلغىنىم ئۈچۈن خىجىلمەن ، ياپۇنيەنىڭ naruto دىگەن كارتۇن فىلىمگە ئوخشاش كارتۇن بار تور مەنزىلىنى قايسىڭلار بىلسىلەر؟، بىلسەڭلار دەپ بەرگەن بولساڭلار ،
火影忍者 دەپ ئىزدىسىڭىز، ساماندەك
ۋاي مانا بۇ كىنونىڭ يەنى ناروتونىڭ مەستانىسى يىڭى قىسمىنى ھاماي تولۇق كۆرىمەن … بەك ۋەھشى …بۇ ياپۇنلۇقلارمۇ زە ۋەھشى ئويلاپ قويىدا ھەممە نەسىنى …
قانداق چۇشۇرىمىز
مۇنداق ئىزدەپ بىقىڭ! baidu.com/动画片 日本
بولىدىغان ئويۇنكەن!
6- سىدىن ئۆتەلمىدىم …. دۆتلىشىپ قاپتىمەن .
ئاپلا ماۋۇ بىپەرۋالىقىمنى
مەن 11- ئۆتكەلگە كەلدىم،
ئۇنچىۋالا قىيىنمۇ ئەمەسكەنغۇ… ئاخىرىنى ئەتە ئويناي… بېشىغا يېنىپ كەتمىسىلا…
مەن 火影 ئۇسلۇبىدىكى كارتۇن فىلىم دىگەن ئىدىم، ۋەقەلىكى شۇ 火影 غا ئوخشايدىغان ياپۇنيەنىڭ كارتۇن فىلىمى
One Pice نى كۆرۈپ بېقىڭ.
رىۋايەتلەردىكى تەدبىركارمۇ كارتونغا ئامراق ئىكەندە
______________
7-مەيدانغا چىقىپ ئىچىم پۇشۇپ كەتتى
رەھمەت سىزگە تورخۇمار ، One Pice بولدىغان كارتۇن فىلىم ئىكەن بىلدىغىنىڭىز بولسا يەنە ئايمىغايسىز
خەپ ، 14- مەيداندىن چىقالمايۋاتىمەن، كېيىنكى 6 سىدە ئىشبا ئوخشايدۇ.