نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

مۇنەۋۋەر سۆھبەتلەشكۈچىگە ئايلىنىشتىكى توققۇز مەخپىيەت

كىشىلىك مۇناسىۋەتتە سۆھبەت ناھايىتى مۇھىم بىر خىل ئالاقە شەكلى ھېسابلىنىدۇ. بىر قېتىملىق سۆھبەتنىڭ غەلىبىلىك بولۇش-بولماسلىقى سىز بەزى ۋاقىتتا نۇرغۇن ئىشلارنىڭ ھەل بولۇش-بولماسلىقىغا بېرىپ چېتىلىدۇ. سۆھبەت ئارقىلىق باشقىلارغا ياخشى تەسىر بەرگىلى ۋە ئارىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىپ، ئورتاق نىشانغا يەتكىلى بولىدۇ. ئەگەر سىز بىر مۇنەۋۋەر سۆھبەتلەشكۈچى بولۇشنى ئارزۇ قىلسىڭىز، تۆۋەندىكى ئۇسۇللار سىزنىڭ سىناپ بېقىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ.

1. سۆھبەت داۋامىدا زۆرۈر بولمىغان تەپسىلاتلاردىن ساقلىنىڭ. باشقىلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، ئايىغى چىقماس پىكىر قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
دېمىسىڭىزمۇ بولىدىغان، قارشى تەرەپ ھېس قىلالايدىغان تەرەپلەرنى كۆچۈپ دەپ كېتىشىڭىزنىڭ، باشقىلارغا «مۇئەللىم» لىك قىلىشىڭىزنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. سىز قارشى تەرەپكە مەقسىتىمنى ئۇقتۇرىمەن، بەك چۈشەندۈرۈپ كەتسىڭىز، باشقىلار سىزنى خاتا چۈشىنىپ قېلىشى مۇمكىن. سۆھبەت داۋامىدا باشقىلارنىڭ سىزنى خاتا چۈشىنىپ قېلىشى ئىنتايىن خەتەرلىك، شۇڭلاشقا، سىز باشقىلار بىلەن سۆھبەتلىشىشتىن بۇرۇن، بەلگىلىك تەييارلىق قىلىشىڭىز، نېمە توغرىلىق سۆھبەتلەشمەكچى ئىكەنلىكىڭىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىڭىز كېرەك.

2. مەلۇم بىر مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشتىن بۇرۇن، باشقىلار باشقا بىر مەسىلىنى سورىماڭ.
ئەلۋەتتە، سىز قارشى تەرەپنىڭ بالىلىرىنىڭ قانداق تۇرۇۋاتقانلىقى سوراپلا، ئارقىدىن گەپ تېمىنى باشقا تەرەپكە بۇرىسىڭىز ھەمدە قارشى تەرەپنى قايمۇقتۇرۇپ قويسىڭىز، بۇ سىزنىڭ قارشى تەرەپ بولغان سۆھبىتىڭىزگە تازا ئەھمىيەت بەرمەيدىغانلىقىڭىزنى چۈشەندۈرىدۇ. شۇڭلاشقا، قارشى تەرەپنىڭ نېمە دەپ جاۋاب بېرىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىشىڭىز، تېمىنى يۆتكەش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغاندىمۇ، ئالدىراپلا يۆتكىمەستىن، شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان نەرسىلەر دەپ تۇرۇپ يۆتكىشىڭىز كېرەك.

3. باشقىلار سۆزلەۋاتقان ۋاقىتتا قوشۇق سالماڭ.
بۇ ھەقىقەتەن سۆھبەتلىشىشتىكى قىلىقسىزلىق بولۇپلا قالماستىن سىزنىڭ قارشى تەرەپنى كۆزگە ئىلمايدىغانلىقىڭىزنى چۈشەندۈرىدۇ. باشقىلار سۆزلەۋاتقاندا، سىز پۈتۈن زېھنىڭىزنى يېغىپ، قارشى تەرەپنىڭ ھەرىكەت ۋە چىراي ئىپادىسىگە دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. ئۇنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى، زادى نېمە مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشىڭىز كېرەك. قارشى تەرەپنىڭ سۆزى تۈگىمەستىلا، گەپنىڭ بېلىگە تېپىپ، قارشى تەرەپنى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ، سۆھبەتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ.

4. قارشى تەرەپنىڭ پىكرىگە نىسبەتەن رەت قىلىش پوزىتسىيىنى بىلدۈرمەڭ.
بەلكىم سىز قارشى تەرەپ بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، قارشى تەرەپنىڭ بەزى پىكىرلىرى سىز دېگەن يەردىن چىقماسلىقى مۇمكىن. بۇنداق ۋاقىتتا، سىز ئالدىراپلا رەت قىلىۋەتسىڭىز ياكى قارشى مەيدانىڭىزنى ئىپادىلىسىڭىز بولمايدۇ. قارشى تەرەپنىڭ پىكرى سىز ئويلىغان يەردىن چىقمىغاندا، سىز شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ئارقىلىق باشقا تېمىغا قەدەممۇ قەدەم ئۆتىشىڭىز، ياكى چىرايلىقچە ئۆزىڭىزنىڭ قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز كېرەك.

5. باشتىن ئاخىرى سىزلا گەپ قىلماڭ.
مەيلى ئىش سىز توغرىلىق بولسۇن ياكى باشقا كىشىلەر توغرىلىق بولسۇن، سىزلا گەپ قىلسىڭىز بولمايدۇ، چۈنكى سۆھبەت پەقەت «يۇمىلاق ئۈستەل» دە ئېلىپ بېرىلغاندىلا ئاندىن كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ، شۇڭلاشقا، باشقىلارغا گەپ قىلىش پۇرسىتى بېرىشىڭىز كېرەك.

6. سىز باشقىلارنىڭ قىزىقىش نۇقتىسىنى تېپىپ چىقىشىڭىز كېرەك.
سىز باشقىلارنى بىلەن سۆھبەتلىشىشتىن بۇرۇن، ئۇلارنىڭ مەلۇم قىزىقىشى بىلىشىڭىز ۋە گەپنىڭ ئۇرانى ۋە يۆنىلىشىنى شۇ تەرەپتىن بەك يېراقلاشتۇرۇۋەتمەسلىكىڭىز كېرەك. قارشى تەرەپ شېئىرىيەت توغرىسىدا گەپ قىلغاندا، سىز سىياسىيدىن چۈشسىڭىز، تازا كۈلكىلىك گەپ بولۇپ قالىدۇ.

7. سۆز ئىشلەتكەندە نورماللىقنى ساقلىشىڭىز كېرەك.
قارشى تەرەپكە تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرىمەن، دەپ ئاجايىپ غارايىپ سۆزلەپ كېتىشىڭىزنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، سۆزلەرنى بەك تاللاپ كەتمەي، دېمەكچى بولغىنىڭىزنى قارشى تەرەپكە ئاددىي سۆزلەر بىلەن چۈشىنىشلىك قىلىپ بايان قىلسىڭىزلا بولدى. سىز يازغۇچى بولغان تەقدىردىمۇ شۇنداق قىلىشىڭىز كېرەك. بەك .ئەدەبىي ياكى يەرلىك سۆزلەپ كەتسىڭىز، ئاسانلا باشقىلارنى قايمۇقتۇرۇپ قويىسىز.

8. مەنبەسىنى بىلمەيدىغان ياكى خاتا نەقىللەرنى ئالماسلىقىڭىز كېرەك.
بەزىلەر باشقىلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە « بىرىدىن ئاڭلىشىمچە»، «كىمدۇر بىرىنىڭ ئېيتىشىچە»، «ئىسمى ئېسىمدە قالماپتۇ، ئىشقىلىپ …» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئېغىز ئېچىشقا ئادەتلەنگەن. بۇ سىزنىڭ ساپاسىزلىقىڭىزنى بىلدۈرۈپلا قالماستىن، يەنە بەلكى سىزنىڭ بىپەرۋا ئىكەنلىكىڭىزنىمۇ بىلدۈرىدۇ. شۇڭلاشقا، ئۆزىڭىز گۇمان قىلىدىغان نەقىللەرنى ئالماسلىقىڭىز، باشقىلارنى گۇمانلاندۇرىدىغان پاكىتلارنى كۆرسەتمەسلىكىڭىز كېرەك. شۇلارنى دەپ قويۇپ ئۆزىڭىزنى ئاقلىماقچى بولغانلىقىڭىز، ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھاڭغا ئىتتەرگەندىن ئۆزگە ھېچنېمە ئەمەس.

9. گەپ-سۆزدە سېلىق -سىپايە بولۇشىڭىز كېرەك.
سۆھبەتلەشكەندە سىز جىنايەتچىنى سوراق قىلىۋاتقان ياكى قەرز سۈيلەۋاتقان ئاھاڭدا گەپ قىلسىڭىز بولمايدۇ، گەپ-سۆزدە سېلىق-سىپايە بولۇشىڭىز كېرەك. گەپ-قىلغاندا باشقىلارغا چەكچىيىپ ياكى قولىڭىزنى چېنەپ تۇرۇپ سۆزلىمەسلىكىڭىز كېرەك. شۇنداق بولغاندا، باشقىلارغىمۇ ئەركىن پىكىر قىلىش مۇھىتى ھازىرلاپ بېرەلەيسىز، بىر قېتىملىق سۆھبەتنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلالايسىز.



无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 8 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. سەھرالىق 2011.03.29 , 00:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاۋۋال تۆر،ئاندىن يازما :idea:

  2. ...كەپسىز شۇم... 2011.03.29 , 00:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇمارغا يانفۇندا چىققانغا تۇيە !! ئىككىنچىستىنمۇ قۇرۇق قالدىم مانا!

    • سەھرالىق 2011.03.29 , 00:39

      كەمىنە ھەممىدىن كەپسىز ،لىكىن شۇم ئەمەس :cool:

    • ...كەپسىز شۇم... 2011.03.29 , 11:13

      يامانكەنلا… :wink:

  3. نۆل & بىر 2011.03.29 , 15:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇكەممەللىككە يىقىن بولغان شەخىسلەر…

  4. تۈرۈكزات 2011.03.29 , 19:40 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاللا بۇرۇن ئېككى نەپەر يولداش …گەپ سۆزدە سىپايە بولۇشنى ئۆگىنىۋاپتۇ….. :lol:

  5. روھچىن 2011.03.31 , 18:01 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇيازما ماڭا ھەقىقەتەن تېتىدى.
    تورخۇمارنىڭ بۇندىن كىيىنمۇ تەلىم- تەربىيە تۈرىدىكى يازمىلارغىمۇ بەكىرەك ئەھمىيەت بىرىشىنى سورايمەن :smile:

    • تورخۇمار 2011.04.01 , 00:39

      بولىدۇ، يوقاپ كەتمەي كېلىپ تۇرۇڭ :oops:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif