نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

شەھەرلىكلەردىن ئېشىپ كەتكۈدەكمىز( فېليەتون)

شەھەرلىكلەردىن ئېشىپ كەتكۈدەكمىز( فېليەتون)

ئۆتكەن يىلى، بىز سەھرالىقلار پۇتىمىزنىڭ ئۇچۇغا قاراپ مېڭىپ، « شەھەرلىكلەرگە يىتىشەلمىگۈدەكمىز» دەپ تەن بېرىپتىكەنمىز. ئەمدى بۇ يىل بەلنى رۇسلاپ، پۇتنى جۈپلەپ، كۆزىمىزنى يۈگۈرتكىنىمىزدە، شەھەرلىكلەرگە يىتىشىپ ھەتتا ئېشىپ كىتىدىغانلىقىمىزنى ھېس قىلماقتىمىز…

شەھەرلىك 7-8 قىز-ئوغۇل يوغان بىر يۇمىلاق شىرەنىڭ چۆرىسىگە ئولىشىۋالسا، چىراغنىڭ يورۇقىدا 5-6 سائەت ئولتۇرۇپ، تۇزدەك ئاچچىق ھاراققا دۈم چۈشۈپ، ئىچىگە ئوت كەتسىمۇ ۋايسىماي، 20-30 تەخسە قورۇمىنىڭ ئەخلىتى بىلەن دېنىنى ئايرىپ خەزىنىلەشتۈرۈپ، ئاخىرىدا يانچۇقىنى پۇكەيگە، قورسىقىنى كەمەرگە ئۆرۈپ بېرىپ قايتىدىكەن. بىز سەھرالىقلارمۇ بوش ئەمەس: بىر جۈپ ئەر-خوتۇن يۇملاق شىرەدىن 100ھەسسە يوغان بىر يۇملاق خاماننىڭ چۆرىسىدە ئارا، گۈرجەكنى ئوينىتىپ، ئوتتەك قوياش نۇرىدا 5-6سائەت چۆرگىلەپ، شاكىراپ تەرگە چۆمۈپ ئىچىمىزگە ئوت كەتسىمۇ ۋايسىماي، 20-30مو يەرنىڭ بۇغدىيىنىڭ دان- سامىنىنى ئايرىپ، پونكىت بىلەن سامانلىققا توشۇيدىغاننى توشۇپ بىكار بولىمىز دەيمەن!

شەھەرلىكلەر ئۆزلىرى بۇرۇن ئىشلىتىپ بولغان توك ۋە تېلىفۇن ھەققى توغرىسىدا قاقشاپ – غۇدۇراپ پۇلنىڭ سىنتىلىرىغىچە ھېسابلاپ تالۇن بەرمىسە قايىل بولماي، قىلدەك ئېگىز- پەسلىكنىمۇ ئىچىگە سىغدۇرالماي مۇنازىرلىشىپ كىتىدىكەن. بىزنىڭ سەھرادا بۇرۇنقى بىلەن كارىمىز يوق، كەلمەكچى بولغان سۇنىڭ ھەققى، ياسىماقچى بولغان پارنېكنىڭ سېلىقى ۋە ئۇنىڭ ھەق ھىسابلىمايدىغان ھاشىرى توغرىسىدا ۋايساپ قويىمىز، لېكىن تۆلىگەن پۇلغا تالۇن ئالىدىغان، بېرىدىغان ئىش يوق. تەرەققىياتىمىز شەھەرلىكلەردىن تۆۋەن بولسىمۇ، تۆلىگەن پۇلنىڭ ھېسابىنى قىلىپ چاكىنىلىشىپ زىغىرلاپ كەتمەيمىز. چۈنكى، ھىسابلاشقاننىڭ زىيىنى باركى، قىلچە پايدىسى يوقلىقىنىمۇ ئوبدان بىلىمىز. شۇڭا، شەھەرلىكلەردىن ئىچىمىز كەڭ. يۈكسەك ئىتائەتمەنلىكىمىز بىلەن كۆڭۈل – كۆكسىمىزنىڭ كەلڭىكىگە ھەرقانچە ئېگىز-پەسلىك بولسىمۇ پاتقۇزالايمىز دەيمەن!

شەھەرلىكلەر « چاي » نۆۋىتى كەلگەندە شىرە ئورۇندۇقلارغا مۆكچىيىپ ئاران يېرىم كىچىگىچە تۈنەيدىكەن. بىز سۇ نۆۋىتىمىزنىڭ شەپىسىنى ئاڭلىغاندىن باشلاپ، ئاچما-تاقاقلارنىڭ بويلىرىدا بەزى سۇكۇلداپ، بەزىمۈكچىيىپ، سۇنىڭ قارىسىنى كۆرگىچە ئۇخلىماي نەچچە تاڭنى ئاتقۇزىمىز دەيمەن!

شەھەرلىكلەرنىڭ قاچىسىدىن ھەركۈنى گۆش پارچىسى كەم بولمىغىنى بىلەن، ھويلىسىدا بىر تۇخۇسى يوق ھەم توخۇ باققۇدەك يېرىمۇ يوق. بىزنىڭ قاچىمىزدا ھەركۈنى گۆش پارچىسى بولمىغىنى بىلەن ھويلا، ئېغىللىرىمىزدا تېرىك قوي- كالىلار بار دەيمەن!

شەھەرلىكلەر كالا باقماي سۈت ئىچىپ سېمىز يۈرگىنى بىلەن، بىز سۈت ئىچمەي ئورۇن يۈرسەكمۇ، سۈتلۈك كالىنى سېمىز باقىمىز دەيمەن!

شەھەرلىكلەرنىڭ بالىلىرى مەكتەپتىن كېلىپ يەنە كۇرۇسقا بارمىسا، ئىمتىھاننىڭ بوسۇغىسىدىن ئىچىكىرىگە ئۆتەلماي، « تاشقىرى» دا قالىدىكەن. بىزنىڭ بالىلىرىمىزمۇ مەكتەپتىن كېلىپ توخۇغا دان بېرىپ، قوي – كالىلارغا ھەلەپ ئېتىپ، ئېغىلنى قۇرۇغداپ، ھەممىنى جايىغا سولاپ بولالمىسا، يوتقانغا كىرەلمەي، تاشقىرىدا قالىدۇ دەيمەن!

شەھەرلىكلەرنىڭ قان بېسىمى ئۆرلەپ تۇرسا، بىزنىڭ خان ۋە غوجۇلىرىمىزنىڭ ئىشتان، چاپان بېسىمى بەسلىشىپ ئۆرلەپ تۇرىدۇ دەيمەن!

شەھەرلىكلەر رېستۇراندا ھاراق ئىچسە، ئولتۇرغاندا ھاراق بەك تۇتمىغان بىلەن، ھېسابلاشىشقا بارغاندا قاتتىق تۇتۇپ كېتەرمىش. بىزنىڭ سەھرادا ھاراق ئىچسەك، ھاراق تۇتمىسا ھېچگەپ يوق، لېكىن كوچىدا ھاراق تۇتىۋالغانلارنى ساقچىلار قوشلاپ تۇتىدۇ دەيمەن!

شەھەرلىكلەر چوڭ زالدا يىغىن ئاچسا، بىز كەڭ سايدا يەر ئاچىمىز. شەھەرلىكلەر بوراندەك بۇيرۇق چاچسا، بىز مارجاندەك ئۇرۇق چاچىمىز. شەھەرلىكلەر ۋارقىراپ دوكىلات ئالسا، بىز تاغارلاپ مەھسۇلات ئالىمىز.

شەھەرلىكلەر ئىنچىكىلەپ سان يىغسا، بىز ئىنجىقلاپ دان يىغىمىز.

پۇلنىڭ بۇلىڭىدا سان بولسا تاغارنىڭ بۇلىڭىدا دان بار دەيمەن!

شەھەر رەستىلەردە ساختا مال بىلەن ساختىپەز تىجارەتچىلەرنىڭ قىلتىقى ھەر قەدەمدە ئۇچراپ تۇرىدىكەن. يۈزىنى داپتەك قىلىپ، ئۆزئاغزى بىلەن « ماۋۇسى راستى، ماۋۇسى ساختىسى» دەپ باھا پەرقى بىلەن بابلاشلىرى، پىسخىكا مۇتەخەسسىدەك خېرىدارنىڭ رايىغا، سالاپىتىگە، سالاھىتىگە يارىشا سۆزلەشلىرى بىزنىڭ سەھرالىق بىدىكلەردىن قېلىشمىسىمۇ، بابلاش جەھەتتە يېتىشەلمەيدىكەن: بىزنىڭ سەھرادىكى چارۋا مال بازىرىغا كىرسىڭىز، ھىلە – مىكىردە ئۇچىغا چىقىپ، ئېپى كەلگەندە ئۆز دادىسىنىمۇ ئالداشتىن يانمايدىغان قاقۋاش، مەككار بېدىكلەرنىڭ ياغلىما، ناتىق زۇۋانى سىزنى ئۆزىگە ماگىنىتتەك تارتىدۇ.

تەپسە تەۋرىمەيدىغان لومپا ئېشەكنى ئەرزان ئېلىپ، قاراڭغۇ ئېغىلغا سولاپ، ئۇنىڭ قۇلىقىغا بېگىز سانجىپ قورقۇتۇپ، بازاردا قۇلىقىغا قول ئۇزىتىپ بولغىچە قورقۇپ سەكرەيدىغان قىلىپ، دېھقانلاردىكى « ياخشى ئېشەك قۇلىقىنى تۇتقۇزمايدۇ» دەيدىغان قارىشىغا ماسلاشتۇرۇپ قىممەت باھادا سېتىشلىرى: ھارۋىغا كۆنمىگەن قېرى تەخەينى ئېلىپ، ئارقا يوتىسىنىڭ تۈكىنى قىرقىۋىتىپ كۆندۈرۈلگەن قىياپەتكە كەلتۈرۈپ سېتىشلىرى؛ ئۇرق توختىمىغان ئىنەكنى ئېلىپ، ساتىدىغان كۈنى ئاش سۈيى بىلەن قورسىقىنى ئېسىلدۈرۈپ، قۇيرىقىنىڭ ئاستىغا ئاياقنىڭ چەمى بىلەن ئۇرۇپ قىزارتىپ، ئىششىپ، بوغاز قىياپەتكە كەلتۈرۈپ قىممەت سېتىشلىرى، بىر ھەپتىدىن كېيىن ساختىلىقى ئاشكارلانغاندا بولسا: « ئاۋۇ شەھەردىكى زاۋۇتنىڭ مېلىغا ئىشەنگىلى بولمايۋاتسا، ھايۋاننىڭ خۇيىغا ھۆددە قىلغىلى بولامتى!» دەپ ھۆرپىيىپ ئۆزىگە ئالماسلىقى شەھەرلىك تىجارەتچىلەرنى بېسىپ چۈشىدۇ دەيمەن!

شەھەرلىك زىيالىلار بالىلىقتىن باشلاپ 10-20 يىل نەزىرىيە ئوقۇمىسا ئەمەلىيەتكە كىرىشەلمەيدىكەن ھەم كۈتكىنىگە ئېرىشەلمەيدىكەن. خىزمەتكە ئېرىشىپ ئەمەلىيەتكە كىرىشكەندىمۇ، كۈنىگە ئاران سەككىز سائەت مىدىرلاپ قويۇپ، ھەپتىدە ئىككى كۈن، ھېيىت بايرامدا نەچچە كۈن ئارام ئېلىپ، يەنە يېشى 60 قا بارغىچە تاقىتى تاق بولۇپ پىنسىيىگە ئىلتىماس يازىدىكەن. بىز مەكتەپتىمۇ تۈزۈك ئوقۇمايلا، بالىلىقتىن باشلاپ تۇغما تالانتىمىز بىلەن ئەمەلىيەتكە بىر كىرىشىپ كەتسەك، سەككىز سائەت، 60 ياش،  ھېيىت – بايرام دېگەن نېمە ئۇ؟! ئۆمۈر بويى كالىدەك ئىشلەپ، ئەزرائىل پىنسىيىگە چىقىرىپ قوياي دېسىمۇ ئېتىزىنىڭ ئالىسىغا، قەرزنىڭ چالىسىغا كۆزىمىز تويماي ئاخىرىغىچە تىركىشىمىز دەيمەن!

ئۆسۈپ يىتىلىش، ياش- قۇرام جەھەتتىمۇ شەھەرلىكلەر بىزگە يەتمەيدۇ؛ ئۇلارنىڭ چوڭلىرى كىچىكتەك، يەنى 50 ياشلىقىلىرى 30 ياشلىقتەك كۆرىنىدىكىن. بىزدە ئونداق سويما ھالىتىگە يېنىپ قالىدىغان ئىش يوق. ئەكسىچە كىچىكلىرىمىز چوڭدەك؛ يەنى 30 ياشلىقلىرىمز 50 ياشلىقىتەك كۆرىنىمىز دەيمەن!

شەھەرلىكلەر ئۆزىدە كىسەللىك ئالامىتى كۆرۈملىسىمۇ دوختۇرخانىغا تەكشۈرتىپ چاتاق تېپىپ، دەپتىرىنى كۆتۈرۈپ دوختۇخانىغا ئۆزى مېڭىپ بېرىپ يېتىۋېلىپ داۋالىنىدىكەن. بىز سەھرالىقلارغا كېسەللىكلنىڭ يامىنى چاپلاشسىمۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئىش ئۈستىدە نەچچە يىل ئېلىشىپ – چېلىشىپ، ئۇ بىزنى قاچان يىقىتىپ ماڭالماس قىلىپ قويالىسا، ئۆىمىز چارىسىنى قىلىپ بېقىپ، پەقەت ئامال بولمىغاندا ئاندىن ھېلىقى پۇل تۈگۈل، تېرەكنىڭ غازىڭىمۇ توشىمايدىغان دوختۇرخانىغا بارىمىز. دېمەك شەھەرلىكلەرنىڭ جېنى گۆش بولسا، بىزنىڭ جېنىمىز تۆمۈر دەيمەن!

زېمىننىڭ ئادەمسىز جايلىرى شور بېسىپ يېيىلىپ ياتسىمۇ شەھەرلىكلەر شەھەرنى تار قۇرىۋېلىپ، يەنى كۆۋادېراتمېتىر بويىچە ھېسابلاپ، ئۇچالايدىغان قانىتى باردەك، ئۆز بويىدىن نەچچە ئون ھەسسە ئېگىز، تېگىگە كۈن نۇرى چۈشمەيدىغان قۇيۇق تاش ئورمانلارنى ئاپىرىدە قىلىۋالىدىكەن. ئاندىن ئۇنى بويسۇندۇرالماي لازىمەلىكلەرنى يۈدۈپ، ئەگرى – توقاي پەلەمپەيلەردىن قاناتسىز قوشتەك ھاسىراپ چىقىپ، شاخ – شاخلىرىغا قىستىلىپ ئۇۋا تىزىۋالىدىكەن. بىر چىقىۋالسا، پەقەت چۈشمەمدىكىن دىسەك، تۈرلۈك يىمەك- ئىچمەكلەرنى يەنە ھەركۈنى پەستىن ئېلىپ چىقىدىكەن. بىز سەھرالىقلار قانىتىمىز يوقلىقىغا باشتىلا تەن بىرىپ، زېمىندىن كۆككە ئىنتىلمەي، يېقىندىن يىراققا، يەنى ئېقىن بويلاپ بوستانلىقتىن چۆللۈككە قاراپ ئىلگىرلەپ، يەرنى مو، گېكتار بويىچە ھېسابلاپ ئېچىپ كېڭەيتىپ، يىشىل ئورمان بىنا قىلىمىز. لازىم بولغاندا، شاخلىرىغا يامىشىپ چقىپ ئۇۋا تىزىپ يۈرمەي، ئارلاپ تاللاپ پالتا بىلەن يىقىتىپ، يەر يۈزىدە ئۇۋا ياسايمىز. ئۇۋىمىزنىڭ چۆرىسىگە نان تېرىيمىز. بىزدە ئاقساق-چولاق ئادەم بولسىمۇ ئۆي – ماكانى، ئاش-نېنى قولايلىق. ئىشىنىمەنكى، شەھەرلىكلەر ھامان بىر كۈنى ئۆز ياراتقان ئېگىز تاش ئورمان، ئىس-تۈتەك، شاۋقۇن-سۈرەنلەردىن زېرىكىپ بىزنىڭ يېشىل ئورمانلىققا پاكار داچا سېلىشقا ئىجازەت سوراپ كېلىدۇ دەيمەن!

شەھەرلىكەر يىلدىن – يىلغا تەرەققىي قىلىپ « سانتانا» نى ياراتماق مودا قوغلىشىپ تېخىمۇ يۇقۇرى سۈرئەتلىك پىكاپلارغا ئېرىشكەنسىرى يولدا قىستاڭچىلىققا ئۇچراپ، ماڭدامدا بىر قىزىل چىراغ بىلەن ساقچىغا تەزىم قىلىپ، پىكاپنىڭ ئىقىتدارىنى كۆرسىتەلمەي پىيادە ماڭغۇچىلاردىنمۇ ئارقىسىدا قالىدىكەن. بىزنىڭ مۇشۇ ئۇزاق تارىخقا ئىگە « ئېشەكلىك سانتانا» مۇشۇ پەيتىدە مەڭگۈ قولىمىزدىلا بولىدىكەن، شەھەرگە كىرمىسەكلا ئۆز يولىمىزدا ھېچكىم توسىۋالمايدۇ! ئۇنىڭىغا يول ھەققى تۆلەپۇ يۈرمەيمىز! ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز توپا توزۇتۇپ چېپىپ كەتسەك، پىيادە ماڭغۇچىلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ كېتىمىز دەيمەن!

شەھەرلىكلەر بىلىمگە، كىرىمگە باي بولسا بىز بالىغا، كالىغا، شادىغا باي، ئۇلارنىڭ بايلىقى مەكتەپتە، بانكىدا، بازاردا بولۇپ، ئالدىغا تەلمۈرۈپ بارمىسا كەلمەيدۇ! بىزنىڭ بايلىقىمىز ھويلىمىزدا يىغلاپ، مۆرەپ، پۇتلىشىپ دېگەندەك قولىمىزغا تەلمۈرۈپ تۇرۇدۇ دەيمەن!

شەھەر دە كەسىپلەرنىڭ تۈرلىرى كۆپىيىپ، شەھەر مەركىزىدىن سىرتىقا قاراپ تەرەققىي قىلىپ پۇلنى چويلىدا سۈزسىمۇ، دەرىجىسى ھامان بىزدىن ئارقىدا بولۇپ، 2-، 3- كەسىپ ھىسابلىنىدۇ. بىز دېھقانچىلىق كەسپىمىز جاڭگال تامان كېڭىيىپ، چۆلنى بوستان قىلىپ بايلىق قالپىقى كىيىۋاتىمىز. كەمبەغەل بوپكەتسەكمۇ، كەسپىمىز ھامان 1- كەسىپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، شەھەرنىڭ بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىغىچە قارىسىڭىز، پۇلغا چوقۇقغان ئىشرەت سودىسى؛ سەھرانىڭ قايسى بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا قارىسىڭىز، يەرگە چوقۇنغان مېھنەت سودىسى. تاپاۋىتىنى قويۇپ، دىيانەتكە قارىساق، ھالاللىقتا يوق بىزدىن نوچىسى!

شەھەرلىك  قىزلار يۇقۇرى سەۋيىگە ئىنتىلىپ، دىپلومغا چوقۇنۇپ خاتىرىسىگە مۇنداق يازىدىكەن:

ئون سەككىز ياش قىزلىققا نىقاپ ئەمەس،

دوكتۇرلۇقنى ئالمىسام ھىساب ئەمەس.

ئانام مېنىڭ تويۇمغا ئالدىرىمىسۇن،

مەن مودىدىن قالىدىغان بىتاپ ئەمەس.

سەھرا قىزلىرى تەبىئەت ھۆكۈمى بويىچە تۇرمۇش قانۇنىيىتىگە ئىنتىلىپ ساددا تەبئىي بىلەن خاتىرىسىگە مۇنداق يازىدۇ:

ئون سەككىزگە كىرىپتىمەن، بولدى بەس،

مېنىڭ كۈچۈم ئانامغا ھالال ئەمەس.

ماڭا كۆيگەن يىگىتلەر ئەلچى قويسۇن،

مېنىڭ ئانام ياخشىدۇر، ئوسال ئەمەس.

دېمەك، شەھەرلىك قىزلار غايە كۆكىدە ئۇچۇپ، چوڭ بولسىمۇ چوڭ ئۆيدىن ئايرىلماي، ئاتا-ئانىسنى ئېمىۋىرىدىكەن. بىزنىڭ سەھرا قىزلىرى غايىپەرەس بولالمىسىمۇ، مۇستەقىللىققە ئىنتىلىپ، ئاتا-ئانىسىدىن ئۆي ئايرىپ پاتىراق ئۆز بالسىنى ئىمىتىشكە ئالدىرايدۇ دەيمەن!

شەھەرلىكلەر بۆشۈكتىن قەبىرىگىچە ھەممنى پۇلغا سېتىۋالىدىكەن. بىز ئارلىقىتىكى جەبرىدىن خاتىرجەم ئۆتىۋالساق قەبرە دېگەن ھەقسىز دەيمەن!

ھايۋان تېرىسىدىن پايدىلىنىشتا شەھەرلىكلەر« سۆلەت، سالاپەتنى ئاشۇرىدۇ» دەپ ھايۋان تەبىئىيىتى بويىچە تۈكنى تېشىغا قىلىپ پەلتۇ، توماق كىيىدىكەن. بىز راھىتىنى دەپ ئادەم تەبىئىيىتى بويىچە تۈكنى ئىچىگە قىلىپ تېشىغا رەخىت قاپلاپ كىيىمىز دەيمەن!

پاختا بىزنىڭ سەھرادىن چىققان بىلەن، پاختا رەخت بىزگە ئاشمايدۇ، ئاشسىمۇ چارەكنىڭ پۇلى مىتىرغا يەتمەيدۇ. بىراق، ھەممە رەخت شەھەرىدىن چىققان بىلەن شەھەرلىكلەر كۆڭلەك كىيگەن رەخىتتە بىرگە كالتە ئىشتان چىقمايدۇ دەيمەن!

شەھەردە ئاخشىمى بىر دەم توك توختاپ قالسا، تۇرمۇشنىڭ ھەممە يوللىرى ئۈزۈلۈپ قالغاندەك، قاراڭغۇلۇنى پەقەت كۆرۈپ باقمىغاندەك ھەممە ئادەم تالاغا چىقىپ غۇغۇلا قىلىشىپ، يوك كەلگۈچە ماكانسىزلاردەك تۇرىشىدىكەن. بىزنىڭ سەھرادا ئاخشىمى توك توختاپ قالسا، ئۇ زادى بۇرۇندىن بار نەرسە بولمىغاندىكىن، بىزمۇ قاراڭغۇغا كۆنۈك، بىز شەھەرلىكلەردەك چۈمۈلىسىمان يۈرمەي، يوتقانغا بىر كىرىۋالساق، توك بولمىسىمۇ بولىۋىرىدۇ دەيمەن!

شەھەرلىكلەر سورۇنغا بارسا، ئۆزى بىلىدىغان ناخشا-مۇزىكا چىقىمىسا ئۇسسۇل، تانسا ئوينىيالماي چالغۇچىلارغا بۇيرۇق سوقۇپ سەھنىنى ئاۋارە قىلىدىكەن. ئوينىسىمۇ 1-2 سائەتتە ھېرىپ چارچاپ، ئويۇنغا تۇيۇپ تارقىلىدىكەن. بىزنىڭ سەھرانىڭ ھەممە يېرى سورۇن بىلەن سەھنە بولۇپ، چالغۇچى غوجاملارنىڭ ئاغزىدىن نېمە چىقسا شۇ بىزگە بۇيرۇق؛ بالىنىڭ يىغلىشى، كالىنىڭ مۆرىشى، سۇنىڭ شارقىرىشى، مۇدىرنىڭ ۋارقىرىشى قاتارلىقلارنىڭ بىرىسى ئاڭلانسىمۇ، بىرقانچىسى تەڭ ئاڭلانسىمۇ، قولىمىزدىكى قاچا- قوشۇقنى جايىدا قويۇپ، پۇت-قولىمىزنى قايماقتەك كەلتۈرۈپ ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كەتسەك ئايھاي! ئېتىز – ئېرىقىنى چاڭ كەلتۈرۈپ، ھايۋان، سايمانلارمۇ تەڭ كەلتۈرۈپ، كۈن پاتسىمۇ ئاي پاتمىغىچە ئويناۋېرىمىز دەيمەن!

شەھەرلىكلەر ھەركەت قىلمىسا سەمىرىپ كېتىپ، ئورۇقلاش ئۈچۈن بكارغا ھەركەت قىلىپ جاپا چېكىدىكەن. بىزنىڭ سەھرادا ھەركەت قىلماي بىكار يېتىپ قويساقلا قازانمۇ تەڭ يېتىپ، ئۆزىمىزمۇ ياداپ ياغاچقا قوراشتۇرۇپ قويغاندەك زىلۋىلىشىپ قالىمىز دەيمەن!

شەھەرلىكلەرنىڭ ئۆتكەن يىلى كىيگەن كىيىمى بۇ يىل مودىدىن قالسىلا قىرى بۇزۇلماي تۇرۇپ كېرەكتىن چىقىدىكەن. بىزنىڭ سەھرادا ئىگىسى ئۆلۈپ موردىدىن قالغان كىيىملەرمۇ يىرتىلىپ، يامىلىپ، يەنە يىرتىلىپ كېرەكتىن چىقمىسا ئالدىراپ مودىدىن قالمايدۇ دەيمەن!

شەھەرلىكلەر تېىلىفۇندا ، توردا نەچچە ئاي مۇھەببەتلىشىپ توينىڭ گىپىنى ئېغىزدىن چىقىرىپ بولغىچە، بىز سەھرالىقلار ئاللىبۇرۇن تورنى يىغىپ تويلىشىپ بىر بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى بولىمىز دەيمەن!

شەھەرلىكەر زاماننىڭ يېتىلەپ مېڭىشىغا يېڭىدىن كۆنۈۋاتقاندەك ياكى سۆلەت ئۈچۈن بوينىنى گۈللۈك لاتىغا باغلىۋالىدىكەن. بىز سەھرالىقلار ئۇلاردىن خېلى بۇرۇن ياكى ئەزەلدىن يېتىلەشكە كۆنۈك بولغاچقا، بوينىمىزدىن باغلاش ھاجەتسىز. بىز پەقەت جاپا-مۇشەققەتكە لايىق ھەم سادىق قىياپەتتە ئىسسىق – سوغۇق، بوران- چاپقۇنغا تەييار تۇرۇش ئۈچۈن بېلىمىزنى مەھكەم باغلاپ يۈرۈشكە ئادەتلەنگەنمىز. بۇ ئادىتىمىز بىلەن قەۋەتلىك بىنا، ئۇچقۇر « سانتانا» يارتالمىساقمۇ، ئۇلۇغۋار غايە، يۈكسەك ئىرادىنىڭ سىموۋولى بولغان « بەل باغلاش» دېگەن ئوبرازنى ياراتتۇق. لېكىن ھازىرغىچە بىرەر ئىشقا قارىتا « گال باغلاش » دېگەن گەپنى ئاڭلىمىدۇق. بىز سەھرادا يىتەلەككە مايىل بولمىغان تۆت پۇتلۇقلارنىڭ بېشىنى باغلاپ يىتىلەيمىز. دېمەك، بىز شەھەرلىكلەردەك يىتىلەنگۈچى ئەمەس، يىتىلىگۈچى دەيمەن!

شەھەرلىكەر سەھرالىقلارنى دوراپ رول ئېلىپ كىنو، ئىتوت ئىشلىسە بىزنى گالۋاڭ، ئەخمەق، تومپاي كۆرسىتىشنى 30 قېتىم قايتا-قايتا ئېلىپمۇ كۈلكىگە پاس چىقىرىپ بولالماي قىيىلىنىپ كېتىدىكەن. ئەسلىدىمۇ بىزنىڭ يۇمۇرلۇق تەكىبىمىز كەم بولۇپ، ئۆيدە، تالادا تەييارسىزلا تەبىئىي ھالدا قويۇلىۋتقان « ئۈمەس ئۇرۇق»، « ئوسما قۇرۇق»، « پىشماس قوناق»، « يىتىم بوۋاق» قاتارلىق تېمىلاردىكى كومىدىيە، ئېتوتلارنى كۆرسىڭىز، بىر كۈلۈپ، بىر يىغلاپ ئۆزىڭىزنى توختىتالماي قالىسىز دەيمەن!

بىزنىڭ شەھەرلىكلەردىن ئېشىپ كەتكەن تەرەپلىرىمىز يەنە بار، بۇيەردە ھەممىسىنى يېزىپ ئولتۇرسام، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ بولىدۇ دەيمەن!

بۇيەردىكى ئىككى كۇپلىت قوشاقنى ئاپتۇر ئەل ئارىسىدىن ئاڭلاپ خاتىرلىۋالغان.

( ئاپتور: قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدە)

مەنبە: جۇڭگو مىللەتلىرى ژورنىلى

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 11 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
  • ھالقىلىق ســــۆز: ،
  • يازمــا مەنبەســى: [ مەنبە: UYABC ]
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 01-ئاينىڭ 13-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: beyond-the-urban.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
  1. mac : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان ،يەنە دىۋان

  2. كەكلىك : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھاللىق سەۋىيە كۆۋرۈكى دىگەن نىمە ئۆزى؟ بازارلاردا مال باھاسى باغانسىرى يۇقۇرلاپ بېرىۋاتسا ،يا ئۆي ئالالماي …….

  3. ياۋايى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋوي ۋوي دىۋانغا بىر قىتىم چىقىپ يەنە چىققىم كەپلا تۇرىدا ..لىكىن ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوقتە … مۇشۇنداق ئىشلارمۇ بامىدۇ …

  4. يۈكسەل : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    چوڭ شەھەرنىڭ ۋاي دېگۈدەك ھېچ يېرى قالمىغىلى تۇردى جۇمۇ راست گەپنى قىلغاندا. سەھرايىمنى ئالامەت سېغىندىم … :evil:

  5. سەھرالىق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنى سېغىنمىدىڭلارما؟
    ماۋۇ يازمىنى كۆرۈپ بولغىچە ئۆزەمگە ئىچىم ئاغرىپ قالدى، سەھرالىق بولغان گۇناھمۇ؟(چاقچاق)
    شۇ سەھرالىقلار بولمىسۇنچۇ،شەھەرلىكلەر نىمە قىلالايدىكىن :sad:

  6. قاينۇق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سەھرانىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى جايىدا كەلتۇرۇپتۇ جۇمۇ ، ھېلىمۇ بىزنىڭ دېھقانلار شۇ ئارتۇقچىلىقلىرى بولغاچقىمۇ بارغانسىرى باي بۇلۇپ ، ئويلىرى كاڭجىنغاڭ ، يەرلىرى گۇيخۇا ، ئوغۇت ، ئۇرۇقلىرى ئىشىك ئالدىغىچە تەييار ، قەرىزلىرى گەدەنگىچە ……..

  7. ئۇيغۇربەگ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەمما لېكىن،سەھرانىڭ ھاۋاسىنى ياقتۇرىمەن جۇما…
    شەھەرلىكدىن ئېشىپ كەتكۈچە،توغاچ غاجىلاپ كەتمەن چاپقان ياخشى ھە سەھرالىق! :smile:

    • سەھرالىق :

      بىزنىڭ سەھرادا توغاچ ئوخشىمىغىلى 10 يىلچە بولدى، ھاۋا بۇلغىنىپ شاپتۇل-توغاچلار يىلىملىشىپ(بىرخىل كىسەللىك، دەل-دەرەخلەردە كۆرۈلىدىغان)پەقەتلا مىۋە بەرمەس بولدى، بىزمۇ پارنىكتا يىتىشتۈرۈلگەن ‹‹شەھەر››توغاچلىرىنى يەۋاتىمىز…ئامال يوق :arrow:

  8. ئىخۋان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇ شەھەر دېگەن جايدىن ئىجارە ئۆي تاپالماي ،سەھرادىكى بىكار قالغان ئۆينى ئەجەپمۇ سېغىندىم جۇما ….

  9. تۇغيار : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەرئىككىلىسى ياخشى.

  10. سېزا : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي دىمىسەم بىكاردە!ھازىر تەڭسىزمىز بىراق گۆر ئالدىدا ھەممىمىز تەڭمىز!كەچۈرسىلەر بۇ تېمىنى كۆرۈپ سەل كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ قالدى!






باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)