سەپەر چامادانىغا قانداق قىلىپ كىيىملەرنى ئەڭ جىق پاتقۇزالايمىز؟ ئايروخانقىزدىن ئوبدان ئۆگىنىڭ!
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەتىل قىلىپ بەس-بەستە ئۆيلىرىگە ئېغىر چامادانلىرىنى سۆرىشىپ مېڭىۋېتىپتۇدەك، يەنە قىشلىك كاماندروپكىغا چىقىدىغان خىزمەتچىلەرنىڭ كۈندە ئايرودرومغا ياكى قاتناش بېكىتىگە ئالدىراۋاتقانلىقىنى كۆرۈشمۇ ئانچە تەس ئەمەس. جاندىن ئۆتكۈدەك بۇ سوغۇق كۈنلەردە، ئېغىر سەپەر چامادانلىرىنى سۆرەپ بىر يەرگە چىقىشمۇ تازا بىر بىئەپ ئىش. گەپكە كەلسەك، ئامېرىكا لوس-ئانژېلىستىكى ئايروخانقىز Heather Poole نىيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى تور بېكىتىدە، قانداق قىلىپ بىر چامادانغا 10 كۈنلۈك كىيىملەرنى قاچىلاشنى كۆرسەتكەن، بۇ يەردە كۆپچىلىك بىلەن بۇ خانقىزنىڭ قانداق ئەپچىل چارىلىرى بارلىقىنى بىر كۆرۈپ باقايلى!
Poole قاچىلىماقچى بولغان كىيىملەر تۆۋەندىكىدەك: ئۈچ دانە قىسقا ئىشتان، ئۈچ دانە ئۇزۇن ئىشتان، بىر دانە يوپكا، ئۈچ دانە پادىچىلار ئىشتىنى، ئۈچ دانە ئۇخلاش كىيىمى، ئۈچ دانە سۇ ئۈزۈش كىيىمى، ئۈچ دانە تىۋىتلىق كۆڭلەك، تۆت دانە ئۇزۇن كۆينەك، 10 دانە راھەت تىپىدىكى كۆڭلەك، ئالتە دانە كۆينەك، بىر دانە قول سومكىسى، گىرىم بۇيۇملىرى ۋە ئىككى دانە ئاياغ.
تۆۋەندىكىسى قاچىلاش باسقۇچلىرى:
1. ئادەتتىكى قاتلاش ئۇسۇللىرى بەك چوڭ بوشلۇقنى ئىگەللەپ كېتىدۇ، شۇڭا Poole نىڭ ئۇسۇلى بويىچە ئاۋال كىيىملەرنى توغرىسىغا ئورىۋالىمىز.
2. ئاۋال ئاياقنى چاماداننىڭ گىرۋىگە ئورۇنلاشتۇرىۋالىمىز، ئاندىن ئۇزۇن ئىشتاننى ئاستى قەۋەتنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشتۇرىمىز.
3. ئوراپ تەييار قىلغان ئېغىرلىقى سەل يېنىكرەك بولغان كىيىملەرنى تەرتىپ بويىچە بىر قەۋەت ئۈستىگە تەرتىپ بويىچە جايلاشتۇرىمىز.
4. ئارقىدىن ئېغىرلىقى ئەڭ يېنىك بولغان كىيىملەرنى ئورۇنلاشتۇرىمىز، بۇ ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
5. ئەڭ چوققىسىغا شەخسى لازىمەتلىكلەر ۋە قول سومكىسى قاتارلىق پارچە پۇراتلارنى ئورۇنلاشتۇرىمىز، ئۈستىگە چىقىپ ئولتۇرۇپ سىغداش ھاجەتسىز، ئىنتايىن مۇۋاپىق كېلىدۇ.
ناۋادا دائىملىق كىيىم قاتلاش ئۇسۇلى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇنداقتا ئۈنۈمى تۆۋەندىكى رەسىمدەك بولۇپ قالىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، قىسقا سەپەرلەرگە چىققاندا، قانداق قىلىپ كىيىملەرنىڭ قاتلىنىشىنى ئەڭ كۆپ مىقداردا ئازايتقىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدىمۇ Poole ئۆزىنىڭ تەجرىبىسىنى بىزگە سۆزلەپ بېرىدۇ.
1. ئاۋال فورما ياكى ئۇزۇن ئىشتانلارنى چاماداننىڭ ئاستى قىسمىغا تەككۈزۈپ جايلاشتۇرىمىز، ئىككى تەرىپى چاماداننىڭ سىرتىغا چىقىپ تۇرسا بولىدۇ.
2. ئاسان قاتلىشىپ پۈرۈم چىقىپ كېتىدىغان كىيىملەرنى ئوتتۇرىغا ئورۇنلاشتۇرىمىز، شەخسى لازىمەتلىكلەر ياكى قول سومكىسىغا ئوخشاش نەرسىلەرنى يەنىلا ئەڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرىمىز.
3. ئەڭ ئاخىرىدا چامادان سىرتىكى ئىشتاننىڭ پۇشقىغىنى ئىچى تەرەپكە يۆگەپ قاتلايمىز.
ئاخىرلاشتى. بۇنداق قىلىشنىڭ ئارتۇقچىلىغى شۇكى، سەپەرگە چىققاندا، يۈك-تاقا خىراجىتىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، پەقەت بىرلا چامادان بولسا، بىر يەرگە بېرىشىڭىزمۇ قولايلىق، بىر توقاي چامادانلارنى سۆرەپ يۈرۈشنىڭ ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلىسىز. ئەلۋەتتە، سىز كېلىشكەن ستۇدېنت بولسىڭىز، بارلىق قىشلىق كىيىملىرىڭىزنى بىرلا چامادانغا قاچىلاپ ماڭالايسىزدە، يەنە بىر بىكار قولىڭىز بىلەن چىرايلىق قىزلارنىڭ چامادانلىرىنى سۆرىشىپ بەرگەچ، قەھرىتان سوغۇقتا گۈزەللەر بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيسىز شۇنداقلا يول بويىدىكى كىشىلەر تەرىپىدىن «تىرىك لېيفىڭ» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشىپ قېلىشىڭىزمۇ مۇمكىن!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئامال، تۇرمۇش، سەپەر
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,125 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 01-ئاينىڭ 14-كۈنى
- يازما مەنزىلى: packing-master.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > شەھەرلىكلەردىن ئېشىپ كەتكۈدەكمىز( فېليەتون)
- كېيىنكى يازما > KFC نىڭ قۇرغۇچىسى Harland Sanders: پەقەت بىرقېتىم مۇۋاپىقىيەت قازانسىڭىزمۇ كۇپايە
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- 22 پارچە سۈرەت | ياخشى كۆرۈش ۋە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى
- ئىنسانلارنىڭ 3000-يىلدىن كېيىنكى تۇرمۇشى (ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز)
- نېمىشقا تاماكا تاشلاش شۇنچە تەس؟
- بالدۇر بىلىشىڭىز زۆرۈر بولغان 10 ھېكمەت
- رېئاللىق ھەمىشە رەھىمسىز كېلىدۇ | كىنو ۋە رېئال تۇرمۇشتىكى پەرق(2)
ئوخخو يى باللا يى~~~ سافا ھە سافا!
ما خوتون شۇنچە بىر نەرسىنى كىچىك چامدانغا پاتتۇرۋەتتى دىسە،ھەقىقەتەن سەرەمجان چوكانكەن
ھىم،،،، ماۋۇ بولىدىغان ئامال ئىكەن، ئەتە مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە يىغۇشتۇراي،، شۇنداق قىلىپ تەتىل بولدى، ئاھ … ئۆي،،(ئېغىزدىن شالدام ئېقىپ، كۆزدىن يۈرەك چىققان چىراپ ئىپادىسى)
ھاجىم ‹‹يۇرىتقا قايتقان ئەرۋاھ››فىلىمىنى ئىشلەيدىكەنمىز،-دە…
جاپا چەككىچە ئاممايلا چىقسا بولدغۇ؟!
مەن پاتقۇچە قاچىلايمەن، پاتمىسا بۆلۈپ توشۇيمەن
مانا ماۋۇسىمۇ يانا جانغا ئەسقاتار تېما بوپتۇ، بولۇپمۇ مانا ھازىقىدەك قىش – قۇرۇن سوغۇقتا ، بىر سومكىنىڭ ئارتۇقلىقى جانغا ئېكەك. سەپەرگە چىقار تورداشلار بۇ يازمىدىن چوقۇم نەپ ئالغۇسى. ئۆيدىكىلەرگىمۇ كۆرسىتىپ قويسام بولغۇدەك بۇ يازمىنى …
بۇ ئۇسۇلنى ئىلگىرى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. بىزغۇ پۇرلىشىپ كېتىدۇ دەپ بىر ئىككى قاتلاپلاپ سالىمىز ئادەتتە. قارىسام بۇ ئۇسۇلمۇ بولۇپ قالغۇدەك.
تەدبىركار ئىنىقلا ئالدىن كۆرەردە…
بالدۇرراق بىلگەن بوسام بىي سومكىنى ئارتۇق ئامايتمىكەن
‘بالدۇرراق بىلگەن بولسام مۇشۇ خوتۇننىلا ئالىدىكەنمەن ‘… دەمدىكىن دەپتىمەن
ئەزەلدىنغۇ سەپەرگە بىر قۇر كىيىمدىن ئارتۇق بىر نىمە ئالماي چىقاتتىم .. ئەمما مانى ئۈگۈنۈپ قويۇشقا ئەرزىيدىكەن …
باللا ھە،تور دەھشەت ئاستا ھە…
پاھ،ئاخىرى ئېچىلدى،ئاچام ماڭا مۇشۇنداق قاتلاپ بىرەتتى
ۋاي ۋاي . جىق بىر چامدانلىق كىيىملىرىڭىزنى بىر قولىڭىزدا بىر قولقىڭىزدا قىزلارنىڭ چامدىنىنى سۆرىشىپ بەرگەچ قەھرىتان قىشتا ھەمراھ بولۇپ تىرىپ لىفىڭ دەپ ئاتىلىسىز دەيدۇ … تازا كۇلۇپ كىلىپتىمەن بۇ يەدە ..ھا ھا ھا
بولىدىغان ھۇنەركەن … بولسا ئۇزاقراق يەگە باساق قانداق قىلىمىز ئۇنىمۇ دىسە بوممامدۇ …10 كۇنلۇكلامنى دەپ
ئەجەپ بەلەن تېمىكەن~!بۇ تېمىنى ئۇرۇپ چېقىرىپ پويىز ئىستانسىنىڭ ئېشىكىگە چاپلاپ قويساق بولغۇدەك~!
ئايروخانقىز، ئەجەپ جايىغا چۈشكەن ئىسىمكەن ماۋۇ، بىلىۋالدىم.