نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > تاغدىن-باغدىن > يازما كۆرۈش

فېليەتون(ئاچچىق كۈلكە) – ھاللىق سەۋىيە كۆۋرۈكى

فېليەتون(ئاچچىق كۈلكە) - ھاللىق سەۋىيە كۆۋرۈكى

غەربتىن شەرققە ماڭدىمۇ ياكى شەرقتىن غەربكىمۇ، ئەيتاۋۇر، لىققىدە كۆكتات بېسىلغان ئېشەك ھارۋىسىنى ھەيدەپ كېتىۋاتقان بىر دوپپىلىق دېھقان كەلكۈن بۇزۇۋەتكەن بىر كۆۋرۈككە دۇچ كەپتۇ. قايتىپ كېتىشنىڭ ئورنى يوق. دېھقان «تەۋەككۈل» دەپ ھارۋىنى ھەيدەپ مېڭىپتۇ. ئەپسۇس، مىڭلارچە ئەپسۇس. ھارۋىنىڭ بىر چاقى نىشاندىن ئېزىپ پاتقاققا پېتىپ قاپتۇ. تىرىكچىلىكتە بۇنداق ئىشلارمۇ بولۇپ تۇرىدۇ- ئەلۋەتتە. دېھقان ئېشەككە قامچا ئۇرۇپتۇ، ھارۋا قىمىرلىغانسېرى تېخىمۇ چوڭقۇر پېتىپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئادەمنىڭ ئەقلى ھەيران قالغۇدەك بىر قاتار ئىشلار يۈز بېرىپتۇ.

ئۇ تېخى بۈگۈنلا ئېتىزىدىن يىغىۋالغان يېسىۋېلەكلەرنى شەھەرگە ئەپكىرىپ پۇل قىلماقچى، پۇلىغا گۆش، چاي- تۇز دېگەندەك لازىمەتلىكلەرنى ئالماقچى بولغان ئىكەن.

«كۆزدىن ئايرىغان خۇدا ھاسىدىن ئايرىماپتۇ» دېگەندەك بىر چاغدا يىراقتىن بىر ئادەمنىڭ قارىسى كۆرۈنۈپتۇ. كاستىيۇم- بۇرۇلكىنى قاتۇرۇپ كىيگەن، قولتۇقىغا ھۆججەت سومكىسى قىستۇرغان، يېنىك دەسسەپ ماڭىدىغان بۇ كىشى يېزىدىكى بۆلۈم دەرىجىلىك كادىر ئىكەن. ئۇ دېھقاننىڭ ئەھۋالىنى كۆرگەندىن كېيىن، دېھقانغا ياردەملەشمەكچى بولۇپتۇ- يۇ ، دەرھال توختاپ قاپتۇ.«توختا، بۇ ئىشنى ئاۋال يېزىلىق پارتكومغا دوكلات قىلىشىم، يېزىلىق پارتكوم قارار قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن بۇ ئىشقا ياردەملىشىشىم كېرەك، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلىۋاتقان ۋەزىيەت ئاستىدا ئۆز بېشىمچىلىق قىلماسلىقىم كېرەك»

ئۇ دېھقاننىڭ چاقىرىشىغا پەرۋا قىلماي ھاسىراپ- ھۆمۈدەپ يېزىلىق پارتكومغا بۇ ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپتۇ. پارتكوم سېكرىتارى بۇ كادىرنىڭ خىزمەت ئىستىلى، سىياسىي سەزگۈرلۈكىگە يۈكسەك باھالارنى بېرىپتۇ. ئاساسلىق ئەمەلدارلارنى چاقىرىپ، ئېشەك ھارۋىسىنى پاتقاقتىن چىقىرىشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇش ھەققىدە يوليورۇق بېرىپتۇ. رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ مۇزاكىرە باشلىنىپتۇ. «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى» دېگەن شۇئار يېزىلغان يىغىن زالىدا ئېشەك ھارۋىسىنى پاتقاقتىن چىقىرىشنىڭ بىر قانچە خىل لايىھىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ.چارۋىچىلىققا مەسئۇل رەھبەر ئېشەكنى ئاۋۋال قۇتقۇزۇپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئوتتۇرىغا قويسا، يېزا ئىگىلىكىگە مەسئۇل رەھبەر ئاۋۋال كۆكتاتنى چۈشۈرۈۋېلىپ، ئاممىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق بولغان تويۇنۇش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ.

قاتناش باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئەمەلدار، ئالدى بىلەن ئېشەك ھارۋىسىنىڭ ماتورسىز قاتناش ۋاستىسى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن، بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بۇندىن كېيىن ئېشەك ھارۋىلىرىغا نومۇر تاختىسى بېكىتىش، ئارخىپ تۇرغۇزۇش، ھارۋا ھەيدىگۈچىلەرنى شوپۇرلۇق سالاھىيەت ئىمتىھانىغا قاتناشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلەپتۇ. خەلق ئىشلىرىغا مەسئۇل رەھبەر بۇ ئىشتا چوقۇم «ئادەمنى ئاساس قىلىش» كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. مۇقىملىققا مەسئۇل رەھبەرنىڭ بىر ئېغىز گېپى بىلەن ھەممەيلەننىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كېتىپتۇ.

يەنى، ئاۋۋال دېھقاننىڭ ئىدىيىۋى ئەھۋالىنى، يۇقىرىغا ئەرز قىلىش ئەھۋاللىرىنىڭ بار يوقلۇقىنى، ئۇرۇغ- تۇققانلىرىنىڭ ئىچىدە گۇمانلىق كىشىلەرنىڭ بار يوقلۇقى، جىنايەت ئۆتكۈزۈش تارىخىنىڭ بار- يۇقلۇقى قاتارلىق جەھەتلەردە يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈشنىڭ زۆرۈرلىكىنى،نۆۋەتتە ، مۇقىملىقنىڭ ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ.

پەن- تېخنىكىغا مەسئۇل رەھبەر بۈگۈنكىدەك ئۇچۇر دەۋرىدە، ئېشەك ھارۋىسىنىڭ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى، بۇ دېھقاننىڭ قالاق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ.

بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا مەسئۇل رەھبەر بۇ ۋەقەنىڭ يېزىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىدە يەنىلا يوچۇقلارنىڭ ساقلانغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكىنى، دېھقانلارنى بىخەتەرلىك بويىچە تەربىيىلەشتە «ئىككىلا قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش» نىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ.

مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل رەھبەر، يېزا تەۋەسىدە چارۋىلارنىڭ يوللارغا تەرەت قىلىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىنى، بۇندىن كېيىن دېھقان ئائىلىلىرىدىكى چارۋا سانىغا ئاساسەن چارۋىلارغا كۈندىلىك تەرەت نورمىسى بېكىتىپ بېرىش، كۆرسەتكۈچتىن ئېشىپ كەتسە جەرىمانە قويۇش ئارقىلىق مۇھىت ئاسراش نىشانىغا يېتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ.

ئىشقىلىپ ھەممەيلەن ئۆز خىزمىتى دائىرىىسىدە بۇ ئىشنى تالاش- تارتىش قىلىشىپتۇ. ئاخىرى ھەممەيلەن بىردەك «خەلق ئاممىسى بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش» پىرىنسىپى بويىچە نەقمەيداغا بېرىپ ئىش بېجىرىش قارارىنى چىقىرىشىپتۇ. مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر «كالا بېشى» ماركىلىق نەچچە ئېسىل ماشىنىدا نەقمەيدانغا كەلسە، دېھقان يەنىلا جايىدا ئاھ ئۇرۇپ، دوپپىسىنى قاماللاپ ئولتۇرغان ئىكەن. سېكرىتار دېھقان بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا قىيىنچىلىق ئىچىدىن يول تېپىپ ئىلگىرلەشتەك ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، رەھبەرلىكنىڭ باشتىن- ئاخىر ئەڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەسەللىي بېرىپتۇ. دېھقان قورسىقى ئېچىپ، ھالىدىن كەتكەن بولسىمۇ، رەھبەرلىكنىڭ ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلگىنىدىن ئالەمچە شادلىنىپتۇ. مۇخبىرلارنىڭ تېلكامېرالىرى، ئاپپاراتلىرى ھەركەتكە چۈشۈپتۇ. تېلۋىزىيە مۇخبىرى نەقمەيداندا خەۋەر بېرىپ، پالانچى يېزا پۆكۈنچى كەنتتىكى ئېكىس ئاخۇننىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېزىنىڭ« ئورگانىڭ يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ھويلا- ئارام ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش»چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، كۆكتاتچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۆز تۇرمۇشىنى ياخشىلىغانلىقىنى، كۆكتاتچىلىقنىڭ دېھقانلار كىرىمىنى ئاشۇۇرشتىكى مۇھىم تەدبىر ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپتۇ.

بۇ چاغدا يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسىنىڭ كۆزى دېھقاننىڭ دوپپىسىغا چۈشۈپ قاپتۇ. ئۇ دوپپىدىكى گۈل نۇسخىلىرىنىڭ ئېستېتىك قىممىتى، بوستانلىق مەدەنىيىتى مۇھىتىدىكى كىشىلەرنىڭ باش كىيىم كىيىش ئادىتىنىڭ تارىخىي كېلىپ چىقىشى، يېڭى يۈزلىنىشى ھەققىدە تەتقىقات تېمىسى باشلاشنىڭ ئەھمىيىتىنى ھېس قىلىپ نەقمەيداندا تەكشۈرۈشكە كىرىشىپتۇ. بۇ چاغدا بىر نەپەر ئوزۇقلۇقشۇناسمۇ يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئىكەن. ئۇ دېھقاننىڭ 80 ياشقا كىرگەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىنىڭ سىرىگە قاتتىق قىزىقىپتۇ ۋە دېھقاننىڭ ئەتىگەندە قوناق ئۇمىچى ئىچىش ئادىتىنىڭ بارلىقى،قانائەتچانلىقى، ئاسان ئاچچىقلانمايدىغانلىقى، ئاساسەن گۆشسىز تاماق يەيدىغانلىقى، ئەمگەكتىن ئايرىلمايدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىپتۇ. ئادەملەر بارغانسېرى كۆپىيىپتۇ. فوتۇ ئاپپارات چاقمىقىنىڭ كۈچلۈك نۇرى، چېكىلىۋاتقان تاماكىنىڭ قاڭسىق ھىدى، ئادەملەرنىڭ قىيا- چىيالىرى، قورساقنىڭ ئاچلىقى بىچارە ئېشەكنىڭ ھېچ ھالىنى قويمىغان ئىكەن. بىر چاغدا ئېشەك قاتتىق ھاڭرىغىنىچە بىر يۇلقۇنۇپتىكەن، پاتقاقتىن ھارۋىنى تارتىپ چىقىپ كېتىپتۇ. دېھقان ئېشىكىنى ھەيدىگىنىچە بۇ يەردىن بارا- بارا يىراقلاپ ئاخىرى چېكىتكە ئايلىنىپ كېتىپتۇ.

ئەتىسى گېزىتتە : «پالانچى يېزا، پۆكۈنچى كەنتتىكى ئېكىس ئاخۇن يېزىلىق پارتكومنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، خەلق ئاممىسىنىڭ خوجايىنلىق روھىنى جارىي قىلدۇرۇپ، پاتقاقلىق يوللارغا پەرۋا قىلماي، ھاللىق سەۋىيە بەيگىسىدە ئالغا قاراپ ئىلگىرلىمەكتە» دېگەن مەزمۇندا خەۋەر ئېلان قىلىنىپتۇ. ئاڭلىشىمچە، ھېلىقى ئوزۇقلۇقشۇناس ۋە مەدەنىيەتشۇناسمۇ كېيىن ئۆز تەتقىقاتلىرىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغانمىش، ھارۋا پېتىپ قالغان كۆۋرۈك رېمونت قىلىنغاندىن كېيىن، مەخسۇس لېنتا كېسىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، «ھاللىق سەۋىيە كۆۋرۈكى» دەپ نام بېرىلگەنمىش.

无觅相关文章插件

[ئاللىقاچان 4 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
ماۋۇسى تاللاپ كۆرىدىغان يازمىلار
  1. سەھرالىق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىسىت… ئاۋۇ ئىشەك ئكلۈۋاتسا خەقنىڭ بىر يەرلىرى غىجەك تارتىپتۇ… دېمىسىمۇ ھازر باراڭنى پۇلغا ئالىدىغان چاغ‹‹تۆت كۈندە باي بولالمىدىڭ دەم بىر ئىككەيلەننى ئاتامدۇ تېخى›› -ئالتۇن چىشلىق ئىت دىن…

  2. ۋېرۇس : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    :mrgreen: مۇشۇندا ساتېرادىن بۇرۇن بىرنى ئوقۇغانتىم ….. نىمە دىگەن تىلى ئۆتكۈر ئاپتور دەيمەن ،،، سىز يازدىڭىزمۇ يا؟

  3. پرېستان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قۇيۇق جۇڭگو پۇرىقى بار ئىكەن،،،ھا ھا….ئامال قانچە…. :evil:

  4. ئىشىڭ يوقما : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھا ھاھا …. :mrgreen:
    پىلالىق تۇغۇت كومتىتى قالدىمۇ نىمە ؟ :lol:

 汗