نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > نـادىـر ئـويـۇنـلار > يازما كۆرۈش

3D ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى ئويۇن – يوقالغان پلانېتتىكى مۇستەملىكە(Lost Planet)

3D ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى ئويۇن - يوقالغان پلانېتتىكى مۇستەملىكە(Lost Planet)

3D تېخنىكىسىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، كومپيۇتېر ئويۇنلىرىمۇ ئاجايىپ نادىرلىشىپ كېتىپ بارىدۇ دېسە، مەزكۇر ئويۇندا سىز بىر مەۋھۇم پلانېتتىكى سان-ساناقسىز تاشقى پلانېت ئالۋاستىلىرى ۋە قاراقچىلار بىلەن جەڭ قىلىسىز، ئويۇننىڭ ئىچكىرىلىشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ سىرلىق تۈسكە تولغان بىر سۈيقەست سىزنىڭ يولىڭىزنى توسماقچى بولىدۇ. Lost Planet ئويۇنىنىڭ گەرچە كومپيۇتېر سەپلىمىسىگە بولغان تەلىۋى بىر ئاز يۇقىرى بولسىمۇ، بىراق ناھايىتى قالتىس ئويۇنلارنىڭ بىرى دېيىشكە بولىدۇ، بولۇپمۇ كۆرۈنمە يۈزى كىشىنى تېخىمۇ جەلپ قىلىدۇ، دەششەتلىك جەڭ مەيدانى سىزنى چوقۇم ھاياجانغا سالالىشى مۇمكىن، ئويۇن مەستانىلىرىنىڭ ئويناپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئاۋال ئويۇندىن بىر كەسمە كۆرۈپ باقايلى:



كومپيۇتېر سەپلىمىسىگە بولغان تەلەپ:
مەشغۇلات سېستىما: Windows XP / Windows Vista / 7
مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ: Pentium 4 HT دىن يۇقىرى
ئىچكى ساقلىغۇچ: 2G
قاتتىق دېسكىدىكى بوشلۇق: 8.0GB دىن يۇقىرى ئورۇن بىكار بولۇشى كېرەك
ئېكران رەزمېر ئېنىقلىقى: 640 × 480 دىن يۇقىرى
سىنكارتا: DirectX 9.0c/Shader 3.0 ھەمدە NVIDIA Geforce 6600 دىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك، بىر قىسىم NVIDIA Geforce 7300 تىپىدىكى سىنكارتىلارنى قوللىمايدۇ.
ئۈنكارتا: DirectX 9.0c دىن يۇقىرى

قاچىلاش باسقۇچلىرى:
0. ئويۇن ئەڭ تولۇق نەشىرى بولۇپ، ئۆچۈرىۋېتىلگەن ئېلىمېنتلار يوق
1. چۈشۈرگەندىن كېيىن پرىستېن يېشىمىز، 15G دەك ئورۇن بىكار بولۇشى كېرەك، قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن 8G ئورۇن ئىگىلەيدۇ
2. setup.bat ھۆججىتىنى قوش چېكىپ قاچىلاش ئېلىپ بارىمىز
3. ئېكران يۈزىدىكى تېزلەتمە ئايكون ئارقىلىق ئويۇننى باشلىساق بولدى

ئەسكەرتىش: ناۋادا ئويۇن ئوينىغاندا Live ئەسكەرتمىسى سەكرەپ چىقىۋېلىشى مۇمكىن. شۇڭا xlive.dll ھۆججىتىگە چوقۇم 3.0.19.0 نەشىرىنى تېپىپ قاپلىۋېتىش كېرەك. بۇنداق ئەسكەرتىش چىقمىسا كېرەك يوق.

چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دا چۈشۈرۈڭ):

يوقالغان پلانېتتىكى مۇستەملىكە(Lost Planet) | مەنبەسى: torhumar.com

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 5 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن:
  1. ئۇيغۇربەگ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قارىسامغۇ سەت ئاقسادەك قىلىدۇ…

  2. مۇرات باتۇروۋ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئويان دىگەن مانا!…

    • torhumar :

      مۇراتجاوووووووووووون، يېنىپ كەللىما؟

  3. ئەنۋەر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    2-قىسمىنى چۇشۇرۇپ قويدۇم لىكىن ئوينۇغۇدەك ۋاقىت يۇق

  4. ئەززام : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كومپيۇتېرنىڭ سەپلىمىسىنى قانداق بىلمىز ؟

 汗