نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > نـادىـر ئـويـۇنـلار > يازما مەزمۇنى

فانتازىيە خۇمارىنى باسىدىغان 3D ئويۇن : ئوق بورىنى(Bulletstorm)

Epic Games تەرىپىدىن تۈزۈلگەن «ئوق بورىنى(Bulletstorm)» ناملىق بۇ ئويۇن تېخى يېقىندا بازارغا سېلىنغان بولۇپ، ئۆزگىچە لايىھەلەنگەن قورال ۋە ئۇرۇش مەيدانى بىلەن ئاجايىپ-غارايىپ غەلىتە مەخلۇقاتلار ئوتتۇرىسىدىكى دەھشەتلىك جەڭ سىزنى ئۆزىگە قاتتىق مەھلىيا قىلىۋېلىشى مۇمكىن.

ئويۇننىڭ ۋەقەلىك راۋاجى بىر قەدەر جىددى ۋە ھاياجانلىق تۇيغۇسى كۈچلۈك بولۇپ، پەقەت ئاشۇ كۆزىنى مىت قىلماي تۇرۇپ، ئالدىدىكى دۈشمەنلەرنى قىرىۋېتەلەيدىغان ئويۇن ھەۋەسكارلىرىلا داۋاملىق ھاياتىنى ساقلاپ قالالايدۇ…

ئويۇندىن بىر قىسىم قىستۇرما سۈرەتلەر:

ئويۇندىن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر:

ئويۇننىڭ سەپلىمىگە بولغان تەلىۋى

ئەڭ تۆۋەن چەكلىمە:

مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ: Intel Core 2 Duo,AMD Athlon X2ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى
ئىچكى ساقلىغۇچ: 1.5GB
سىنكارتا:   DirectX 9.0c, 256 MB NVIDIA GeForce 7600 GS, ATI Radeon HD 2400 Pro 256 MBياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى
قاتتىق دېسكا: 9GB
ئۈنكارتا: DirectX 9.0c نى قوللىشى كېرەك
نۇر دېسكا ئوقۇغۇچ 16X CD/DVD
سېستىما: Windows XP (SP3), Windows Vista (SP2)ياكى  Windows 7

تەۋسىيەلىك سەپلىمە:

مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ: QuadCore 2.0 GHz
ئىچكى ساقلىغۇچ: 2GB
سىنكارتا: NVIDIA GeForce GTX260 ياكى ATI Radeon 4870. پۈتۈنلەي DirectX 9.0 نى قوللىشى كېرەك.512MB
قاتتىق دېسكا: 9GB
ئۈنكارتا: DirectX 9.0c نى قوللىشى كېرەك
نۇر دېسكا ئوقۇغۇچ: 16X CD/DVD
سېستىما: Windows Vista (SP2) ياكىWindows 7

قاچىلاش باسقۇچلىرى

1. پرېستىن يېشىمىز
2. setup.bat نى قوش چېكىپ قاچىلاشنى باشلايمىز
3. يېشىۋېتىش يامىقىنى ئۇرىۋەتسەكلا نورمال ئوينىغىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە خەنچىلەشتۈرۈش يامىقىمۇ بار.

يېشىۋېتىش يامىقى 2011.3.7 يېڭىلاندى! يېڭى ياماقنى چۈشۈرۈپ ئۇرىۋەتكەندىن كېيىن ساقلىغىلى بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا بولىدۇ. ئويۇننى چۈشۈرۈپ بولغانلار شۇ ياماقنى چۈشۈرۈپ ئۇرىۋەتسەڭلار بولىدۇ. يەنە بىر دىققەت قىلىدىغان ئىش، خەنچىلەشتۈرۈش يامىقىنى ئۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، x:\xxxx\Bulletstorm\Binaries\Win32ئىچىدىكى SKIDROW.dll ناملىق ھۆججەتنى ئۆچۈرىۋېتىش كېرەك، ئاندىن يېشىۋېتىش يامىقىنى قاپلىۋەتسەكلا كۇپايە!

ئەسكەرتىش: بۇ يېشىۋېتىش يامىقىنى بىر قىسىم ۋىرۇسخورلار ۋىرۇس دەپ ھۆكۈم قىلىشى مۇمكىن. خاتىرجەم ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ناۋادا خاتىرجەم بولالمىسىڭىز، ئويۇننى ئويناشتىن ۋاز كەچسىڭىزمۇ كېرەك يوق.

چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دا چۈشۈرۈڭ):

ئوق بورىنى خەنچە نەشىرى |   يېشىۋېتىش يامىقى(يېڭىلاندى) |   مەنبە: torhumar.com |   خەنچىلەشتۈرۈش يامىقى



无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 18 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. pian 2011.03.05 , 18:06 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياخشى ئويۇن بۇ . رەھمەت تورخۇماركا.

  2. مەن 2011.03.05 , 18:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن بۇ ئويۇننى نەچچە كۇن بۇرۇن قاچىلاپ ئويناپ ساقلىيالمىدىم.
    ھەر قىتىم ئويۇننى قۇزغاتسام باشتىن باشلىنىپ كىتىۋاتىدۇ. كەلگەن يەردىن باشلىيالمىدىم. بۇنىڭ بىرەر سەۋەبى بارمۇ؟

  3. جۇشقۇن 2011.03.05 , 20:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سىن كۆرنوشىدىن قارغاندا قوراللىرى قالتىس ئوخشايدۇ ، جىن – شاياتون ئاتىدىغان ئويۇنلارنى بەك ياقتۇرمەن ، نىمە قىلدۇ ئادەملەرنى ئىتىپ، دەرھال چۇشۇرەي !!!

  4. ئۇيغۇربەگ 2011.03.05 , 21:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياتاقدىشىم كۆرۈپ قالدى،ۋاي ئىسسىت،يەنە بىر ئويۇننى تۈگىتىدىغان بولدى بۇ بايقۇش!… :shock:

  5. ئەززام 2011.03.05 , 23:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭ كومپيۇتېرىمغا ئېغىر كەپ قالامدۇ نىمە … :roll:

  6. كومپاس 2011.03.05 , 23:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خېلى پەيزى ئويۇندەك قىلىدۇ ، لېكىن ئىشلىتىۋاتقىنىم شىركەتنىڭ كومپيۇتېرىدا ………. :???:

  7. مەشئەل 2011.03.06 , 18:12 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يەنە بىر ئېسىل ئويۇندەك قېلىدۇ ~!تارتنماي چۇشۇردۇم ئەمىسە~!

  8. ئەنۋەر 2011.03.06 , 19:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ئويۇننى ساقلىغىلى بۇلمايدىكەن.

  9. سەھرالىق 2011.03.07 , 00:37 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن تارتىنمىدىم…بىر قانچە كۈنگىچە تەسىراتىمنى مۇشۇ ئېنكاس ئاستىغا يازىمەن :idea:

  10. ...كەپسىز شۇم... 2011.03.07 , 03:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن سەل تارتىنىۋاتىمەن ….مۇشۇنداق قالايمىقان مۈجمەل ئويۇنلابىلېن تازا خوشۇميوق. مەسىلەن ‹چۈەنچى› دىگەندەك ئويۇنلاغا….. :neutral:

    • مەستانى 2011.03.24 , 16:03

      مەن پەقەت ساقلىيالمىدىم 32 ۋن نڭ ئچدە ۇ ..دىل خۇججـتى يوخكەن ماڭا چ چ نۇمۇرڭىزنى دھ پ بىرەلەم سىز

  11. كارو 2011.03.07 , 14:37 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋەھشىيغۇ، بۇ ئويۇننى تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىم.

  12. مەن 2011.03.07 , 18:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يۇقاتسۇن بۇنداق ساقلىغىلى بولمايدىغان ئۇيۇننى.
    ئويۇن بولا مەجبۇريەت چاقىرقىدەك بولا…

    • تورخۇمار 2011.03.07 , 18:58

      يازمىدىكى يېڭىلانغان ئورۇنغا دىققەت قىلىڭ.

  13. ئويۇن ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبى 2011.04.19 , 00:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    گىگانىت ئالۋاستى مەن كەلدىم!!! :cool:

  14. ۋارس 2011.05.26 , 12:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەپسۇس 子弹风暴flt完美补丁 دىگىنىنى مەن چۈشۈرگۈچە ۋاختى ئۈتۈپ كىتىپتۇ چۈشۈرگەنلەر بولسا 1697096651 چ چ بىلەن ئالاقىلىشىپ يوللىۋەتكەن بولسا ، ئۇيننىڭ قانداقلىقىغا ئويناپ بىر نىمە دەي ھازىر ئىنتايىن تىز سۇرئەت بىلەن چۈشىۋاتىدۇ

  15. يارقىن 2011.09.28 , 20:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    子弹风暴 بۇ ئويۇننى قاچىلىدىم ئەپسۇس توشقۇزىدىغان كوزنەكلەر چىقىۋىلىپ يەنە ئوينىيالمىدىم تورداش دوستلارنىڭ يول كورسىتىشىڭلارنى ئۇمىت قىلىمەن ،رەھمەت

  16. مۇجتەھىد 2013.06.11 , 18:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قالتىسكەن :wink:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif