ئۆزى ھەققىدە ئىزدىنىش ئىنتايىن قالتىس بىر ئىش [V]
Conrad Hotels & Resorts مېھخانىسى Metamorphosis دېگەن نامدا ئىنتايىن قالتىس ئېلاندىن بىرنى سۈرەتكە ئالغان.
فىلىمدە بىۋاستە كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك ئالاھىدە ئۈنۈم تېخنىكىلىرى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، فىلىمدىكى ئەرنىڭ گىرىمنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئاۋاز رېتىمى، ھالىتى قاتارلىقلاردىمۇ تەڭلا ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن. قىسقىغىنا ئىككى مىنۇت ئىچىدە، مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا پېرىخون، 18-ئەسىردىكى ئاقسۆڭەك، سېمىز ئەر ھەمدە فانتازىيەلىك شەخس قاتارلىق 4 ئوبراز مۇۋاپىقىيەتلىك يارىتىلغان.
مەزكۇر فىلىم 2013-يىللىق International ANDY Awards ئالاھىدە ئۈنۈم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى، فىلىمدىكى Jason Gray-Stanford ئەسلىدىنلا مۇنەۋۋەر بىر ئارتېست. Conrad مېھمانخانىسى بولسا Tribeca فىلىم فېستىۋالىنىڭ ئورگان تەرەپ ھەمكارلاشقۇچىسى. شۇڭا بىر مېھمانخانىنىڭ بۇنداق ئېلان چىقىرىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس. فىلىمنىڭ كىشىلەرگە يەتكۈزمەكچى بولغىنى: خىزمەتتە، سىز نۇرغۇن ئوبرازلارنى ئالىسىز، ئۆزى ھەققىدە ئىزدىنىش بولسا ئىنتايىن قالتىس بىر ئىش، بەلكىم Conrad مېھمانخانىسىغا كېلىپ ئارام كۈنلىرىڭىزنى ئۆتكۈزسىڭىز، بارلىق نىقابلىرىڭىزنى چۆرۈپ تاشلىيالىشىڭىز، شۇ ئارقىلىق ئۆزىڭىزدىكى بېسىمنى يەڭگىللىتەلىشىڭىز مۇمكىن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئۈنۈم، ئېلان، مېھمانساراي
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 11,116 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 01-ئاينىڭ 18-كۈنى
- يازما مەنزىلى: conrad-hotels-metamorphosis.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ۋەھشەت ئويناپ قويغان كوچا پۇتبولى! توپ دېگەن پۇتقا چاپلىشىپلا تۇرىدىكەنغۇ بۇلارنىڭ؟!
- كېيىنكى يازما > ئۆتكەن بىر يىلقى توردا نام چىقارغان داڭلىق شەخسلەرنىڭ كارامەتلىرى توپلانمىسى
- 2016-يىللىق Super Bowl دىكى نادىر ئېلانلار توپلىمى
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- 2015-يىللىق Super Bowl دىكى نادىر ئېلانلار توپلىمى
- كىشىنى لەرزىگە سالىدىغان ئادەم چىرايىغا چۈشۈرۈلگەن تەسۋىر تېخنىكىسى
- بىر دانە ۋاسكېتبولنىڭ 24 كىنونىڭ ئىچىدىكى ساياھىتى
- ئالاھىدە ئۈنۈمچى سولتەكلەر ئىشلىگەن قالتىس فىلىم – ئويۇنچۇق تاپانچا جېڭى
- OPPO نىڭ سېھىرگە تولغان ئېلانى: ۋاقىت ھالقىغان سېھرىگەرلىك
- ئالاھىدە ئۈنۈم ئوينايدىغان دادىنىڭ بالىسى ئۈچۈن ئىشلىگەن ئۈنۈملىرى
- Evian نىڭ يېڭى ئېلانى – ئۆمۈچۈك بوۋاق پالۋان
- ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىسىڭىز ئاقىۋەت سىز بىلەنلا تۈگمەيدۇ
گىرىم ئۈنۈمى قالتىس چىقىپتۇ، ئاۋازمۇ شۇنداق
سىمىز ئادەمگە ئايلاندۇرغاندا قەتتى چانماپتۇ نىقاب ئىكەنلىكى.
تېخنىكا دىگەن باركەنغۇ بۇلاردا
ئىنتايىن قالتىس چىقىپتۇ. ماڭا يارىغان يېرى تەرجىمە قىلىۋەتكىنىڭلا. بولسا تورخۇمارغا يوللانغان فىلىملەرنى تەرجىمە قىلىۋىتىپ يوللىساڭلار.بىزدەك ساۋاتسىزلارمۇ چۈشۈنىتى.
تەرجىمانلار جىقراق بولسا تەرجىمە قىلىدىغان فىلىممۇ جىقتى
ياخشى ئىشلىنىپتۇ …
ماۋۇ ئاداش ئاندا رول ئاسا ئانىسىمۇ تونۇيماس ھە
تەرجىمە قىلىدىغان فىلىم بولسا مەن ياردەملىشەي
كارىدورغا كىرىپ ماڭا قىسقا ئۇچۇر قىلىڭ.
تورخۇمار ئەپەندى ، تورخۇمارنىڭ بەزى جايلىرىدا ئۇيغۇرچە نورمال كۆرۈنمەيدىغۇ ،
مەندە ھەممە يېرى نورمالغۇ؟
تېخنىكا بولا ماشتا بولا ……..
فىلىمنىڭ ئاخىرىدىكى مۇنۇ بىر جۈملە سۆز ماڭا بەك تەسىىر قىلدى: « بىز ئۆزىمىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، بىز دەل بىز ئايلانماقچى بولغان ئاشۇ كىشىدۇر»
قالتىس
مەن ھەممىدىن بەك ئاۋۇ ئارتىسنىڭ رول ئېلىش ماھارىتىگە قول قويۋەتتىم ، ۋەششىكەن ئاۋۇ ئاداش !
ياخشى ئېلانكەن بۇ