ھەقىقىي ئادەم نۇسخىسىدىكى Temple Run ئويۇنى
Temple Run ناملىق بۇ ئويۇننى ئويناپ باقمىغانلار يوققۇ دەيمەن؟ مەيلى iOS ياكى Android سۇپىسىدا بولسۇن، بۇ ئويۇن ئەڭ ئالقىشلىق ئويۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، مەزكۇر ئويۇن كېلەركى نەچچە يىل ئىچىدە كىنو قىلىپ ئىشلىنىپ بىز بىلەن يۈز كۆرۈشىدىكەن.
تور ئارىلاۋېتىپ، بۇ ئويۇننىڭ مەستانىلىرىنىڭ ئىشلىگەن بىر يۈرۈش ھەقىقىي ئادەم نۇسخىسىدىكى Temple Run نى ئۇچرىتىپ قالدىم. قارىماققا خېلى پەيزى چىققاندەك. تۇرۇپ ئويلاپ قالدىم. ئويۇن باشلانغاندا، كەينىمىزدىن بىر قارا مەخلۇق قوغلاپ چىقىدۇ، ئويۇن جەريانىدا بىز ئىزچىل شۇ مەخلۇقنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ ئالدىمىزدا يۈگۈرىۋاتقان ئادەمنى كۆزىتىدىكەنمىز. ئۇنداقتا بۇ ئويۇندا بىزنىڭ ئويناۋاتقىنىمىز يۈگىرىۋاتقان ئادەم بولماستىن، ئاشۇ مەخلۇق بولۇپ قالامدۇ قانداق؟
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئويۇن، پاركور، سىن
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 11,385 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
- يازما مەنزىلى: real-temple-run.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > شەرەپسىز فىلىمىدىكى يارقىن نۇقتا – سېرىقچاقلار
- كېيىنكى يازما > بەش مىنۇتتا 64 بۆلۈم قورقۇنچلۇق فىلىمنى كۆرۈپ چىقىش
- كىنو دەرىجىسىدە ئىشلەنگەن ئويۇن CG فىلىملىرى
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- جەڭگاھ 1 ئېلان قىلىنماقچى! بۇ يىلغا تەۋە ئەڭ ياخشى قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- روسىيەدە يۈز بېرىۋاتقان ھەقىقىي تۇرمۇش نۇسىخىدىكى GTA 5 | بەزى كۆرۈنۈشلەرگە قاراپ توۋا دەپ قالىسىز
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
فىلىم فىلدىرلاپ چىقىپ بولغىچەئىزىمنى قالدۇرۇپ قوياي دىگەن.
1- سى پەيزى چىقىپتۇ~~
پەيزىكەن
قىلمايدىغان قىلىقى يوق
نىمە كاللىسىغا كەلسە شۇنى قىپ باقىدىغان خەقتە بۇ. بۇ ئويۇن مەن بىر مەزگىل ياقتۇرۇپ ئوينىغان ئويۇنتى بۇ.
ئەمما پەيزى ئىشلەپ قويۇپتۇ! بىرىنچىسى بىلەن ئاخىردىكىسىنى ئۆزگىچە ئىشلەپتۇ، باش ئايىغىنى باغلاشتۇرۇپ، سەۋەپ-نەتىجىسى بىلەن،، ھى ھى
تەسەۋۋۇر دېگەن بىر كىشىلىك بار دە بۇلاردا!
مىۋە كېسىدىغان نىنجانىڭكىمۇ باردەكقۇ.
يۇمۇر خەقتە بۇ….. ھاھاھا…… بەك پەيزى چىقىپتۇ لېكىن
ھاھاھا … بىرىنجىسى پەيزى چىقىپتۇ.
بەك پەيزى چىقىپتۇ لېكىن تەسەۋۋۇر دېگەن بىر كىشىلىك بار دە بۇلاردا!
بۇ ئوياننىڭ ئاخىرغا چىقىپ باقماپتىمەن 64000 مېتىر يۇگۇرەپتىمەن ،، ئاخىرى يوقمۇ يە..
كۆرەلمىدىم. بىرەر مەسىلە چىقمىغاندۇ؟
ئەمدى كۆرەلىدىم يامان ئەمەس چىقىپتۇ