شەرەپسىز فىلىمىدىكى يارقىن نۇقتا – سېرىقچاقلار
قىستۇرما رەسىمنى كۆرۈپلا قايسى فىلىم ئىكەنلىگى ئېسىڭلارغا كېلىپ بولدىغۇ دەيمەن؟ بۇ كارتون فىلىمنى كۆرمىگەنلەر يوق دېيەرلىك، شۇڭا كىنونىڭ ئۆزى توغرىلىق توختىلىش ھاجەتسىز. مەزكۇر فىلىمدىكى ئەڭ يارقىن نۇقتا، يەنىلا ئاشۇ كىچىك سېرىقچاقلار دەپ ئويلايمەن. بىرىنچى بۆلۈمدە ئوتتۇرىغا چىققان سېرىقچاقلار، مەزكۇر فىلىمنىڭ 2-بۆلۈمىدە تېخىمۇ چاقنىغان دېيىشكە بولىدۇ. پۈتكۈل فىلىمنىڭ كۈلۈش نۇقتىسى مۇشۇ سېرىقچاقلارنى چۆرىدەپ ماڭغان. ناۋادا تېخى كۆرمىگەنلەر بولسا، ئاۋال شۇ ئىككى قىسىم كىنونى كۆرۈۋېتىپ ئاندىن تۆۋەندىكى سېرىقچاقلار توغرىسىدىكى قىسقا فىلىمنى كۆرۈڭلار.
ساۋات چىقىرىش قىسمى – سېرىقچاقلار زادى كىم؟
ئاۋال شۇنى ئەسكەرتسەم، بۇ كىچىك شۇملارنىڭ ئۇيغۇرچە ئېنىق ئىسمىنى ئۇقمايدىكەنمەن، شۇڭا ئۆزەمچە سېرىقچاقلار دەپ قويۇپ تۇردۇم.
سېرىقچاقلار بولسا، Despicable Me ناملىق كارتون فىلىمدىكى باش پېرسوناژ Gru نىڭ DNA ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، ياغ كىسلاتاسىغا بانان ئۇيۇتمىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ ياساپ چىققان ماشىنا ئادەملىرى. بۇ سېرىقچاقلارنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ، ھەمدە ئۆزىگە چۇشلۇق تىلى بار، پاكار، دىقماق گەۋدىسى بىلەن ماڭغاندا كىشىگە ئىنتايىن ئوماق تەسىر بېرىدۇ، ئۇلار ئىش قىلغاندا گەرچە دىققىتىنى يىغالمىسىمۇ، ئەمما خىزمەت ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك، Gru نىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئىش بېجىرىدىيۇ، ئەمما ئۆز ئالدىغا پىكىر قىلىش ئىقتىدارى بار. سېرىقچاقلارنىڭ چىراي ئىپادىسى ئىنتايىن مول، ئىشقىلىپ ھەرقانداق ئىشقا كۈلەلەيدۇ. گەرچە ھەر بىر سېرىقچاقنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىسمى بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ minions دەپ ئاتايمىز.
شەرەپسىز2 دىن كېيىن، سېرىقچاقلارنىڭ يەرشارىدىكى مەستانىلىرى تېخىمۇ ھەسسىلەپ كۆپەيدى دېيىشكە بولىدۇ. شۇ سەۋەپتىن فىلىم ئىشلىگۈچى تەرەپمۇ، بۇ پېرسوناژلار ئۈچۈن مەخسۇس ئايرىم كىنو ئىشلەشنى قارار قىلغان. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، سېرىقچاقلار رىۋايىتى نامىدىكى فىلىم 2015-يىلى يازدا قويۇلىدىكەن.
ئۇنداقتا قۇرۇق گەپنى قويۇپ، سېرىقچاقلار ھەققىدە ئىشلەنگەن قىسقا فىلىملەرنى كۆرۈپ باقايلى.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: minions، كارتون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 15,603 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى
- يازما مەنزىلى: minions-video.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > Volvo ماشىنىنىڭ يېڭى ئېلانى: The Epic Split
- كېيىنكى يازما > ھەقىقىي ئادەم نۇسخىسىدىكى Temple Run ئويۇنى
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- مۇھەببەت ھەققىدىكى تەسىرلىك قىسقا فىلىم – سوۋغا
- ئەينى چاغدىكى دىسنېي كارتون ئوبرازلىرىنىڭ چىراي ئىپادىسى قانداق لايىھەلەنگەن؟
- گىرىم قىلىشنى بىر ياققا قويۇپ تۇرۇپ، ئېغىزىغا كارتون سىزىپ چىققان قىزچاق
- كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدىغان كارتون فىلىم – باتارىيە ئالماشتۇرۇش
- Pixar لوگوسىدىكى كىچىك چىراقنىڭ قاتىللىق ئەنزىسى
- Nike ئەڭ يېڭى پۇتبول كارتون ئېلانى! فەچەتلىكتە دوستسىز قالغان ئېلان بوپتۇ بۇ!
- 2014-يىللىق ئوسكارغا ئېرىشكەن قىسقا كارتون – ھابلوت ئەپەندى
- ئۆزگىچە ئىشلەنگەن مۇزىكىلىق قىسقا كارتون فىلىم – Monsieur COK
- ئۇيغۇرخەلق چۆچىكىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن مۇزىكىلىق قىسقا كارتون فىلىم(ھۈسەينەم ۋە زەيتۇنخان)
بۇ گۇيلىنىڭ قىلىقلىرى بەك ئۇماق جۇمۇ…
ئا !!! بۇلى بۇلۇ بۇبۇ ! بۇبىبىبىبىبىبى !
سېرىقچاقنىڭ ئۇيۇنى باكەنغۇ ، يۈگۈرۈش تىمىسىدىكى ئۇيۇن ، يامان ئۇماقكەن كىنوغا ئوخشاشلا ، لىكىن بەك تەسكەن !
مەن بەك ئامراق بۇ ئوماقلارغا. رەسىملىرىنى مەخسۇس يىغىپمۇ قويدۇم. ئەلۋەتتە قونچىنى ئېلىش ئويۇممۇ بار
مەنمۇ بەك ئامراق بۇ ئوماقلارغا
بۇلارنىڭ سۆزلىگەن تىلى تولىمۇ قىززىق دىسە ، ئادەم ھىچ بىر چۈشىنەلمەيدۇ !
مەن بەك ئامراق بۇلارغا !!
ماۋۇ مېنىڭ تۇنجى كۆرۈشۈمكەن، (ئىلگىرى توردا بىر قىسىم رەسمىلىرىنى كۆرگەن) نىمدا قىزىقارلىق ئىشلەنگەن كارتون فىلىم بۇ.
بۇلارنى توردا سېرىق مىتمىتلار دەپ ئاتاپ كېلىۋاتىدۇ
ماڭغا ئىككىنچن بۈلۈمىدىكى ماشىھ ھەيدەپ كىلىپ توختىتىدىغان يىرى بەك يارايدۇ
چىشىنى كوچىلاپ ۋىغ ۋىغ قىلسا ماي كىلاپانىنى دەسسەپ غۇژ غۇژ قىلىدىغان قىلىدىغان يېرىغۇ ھاھاھاھا
ما رەڭگى ئۆزگىرەپ قالدىغىنى بەك قىززىق
ھەممىدىن مەن بەك ئامراق بۇلارغا ۋۇيجۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇن بەك ئۇممممممممممممممممممممماق
مەنكۆرگەن كارتون لار ئىچىدىكى ئەڭ پەيزىسى
مەن تۇنجى كۆرگەندە نىمىشقا كۆزئەينەك تاقىۋالىدىغاندۇ دەپ ئويلاتتىم، ھازىرمۇ شۇنداق ئويلاپ قالدىم، زادى نىمىشقا،؟؟
چۈنكى ئۇلار ئىنجىنىرلار بولغاچقىمىكىن
مەنمۇ بەك ئامراق بۇ پىسپاسلارغا.
ھېلىقى پالاكەت ئاق ئېيىققا ئوخشاش بەك قىزىقارلىقكەن بۇلار!
ماۋۇ تېما نورمال ئەمەسقۇ باللا، سوزۇلاپ ئىككى يانغا
ھە، ئىنكاستىن بىرنى يوللىسا نورماللىشىكەن.
مۇشۇ چىراي ئىپادىلىرىنىڭ تېخىمۇ ئۇماقلاشتۇرۇلغان ھالەتلىرىدەكلا بۇ گۇيلا …
مەن بۇلا چىقسىلا باشقىچە مەسلىگىم كېلىپ كۆرۈپ كېتىمەن ~
ۋوي نىمدا قىززىق بۇ . باللا بۇ سېرىقلانىڭ كىنوسى با بىكەتنى دەپ بىرڭلا ئۇلتۇرۇپ تازابىر كۇرەي.سەل قىززىپ قالدىم
مەن بۇ كارتۇن فىلىمغا بەك ئامراقتىم.تولۇق قىسمې قايسى توردا باردۇ.