Volvo ماشىنىنىڭ يېڭى ئېلانى: The Epic Split
ئارتېست Van Damme ناھايىتى سالماقلىق بىلەن كامېراغا قاراپ تۇرىدۇ. ئۇ ھازىر پاراللېل توختىتىلىغان ئىككى دانە يېڭى تىپتىكى Volvo يۈك ماشىنىسىنىڭ ئارىسىدا تۇراتتى، كامېرانىڭ بارا-بارا يىراقلىشىغا ئەگىشىپ شۇنى بايقاش تەس ئەمەسكى، بۇ ئىككى ماشىنا ئەمەلىيەتتە كەينىگە ياندۇرىلىۋاتىدۇ، بىرلا ۋاقىتتا يەنە Enya نىڭ مۇزىكىسى Only Time تەڭكەش قىلىنغان، ئاخىرىدا بۇ ئىككى ماشىنىنىڭ ئارىلىقى پەيدىنپەي كەڭرىپ بېرىۋاتىدۇ…
Volvo نىڭ بۇ The Epic Split ناملىق ئېلانى ئالتە كۈندىلا 30 مىليوندىن ئوشۇق چېكىلىش رېكورتى ياراتقان. ئېلاننى ئىشلىگۈچىلەرنىڭ دېيىشىچە، ئېلانغا قەتئىي ئالاھىدە ئۈنۈم ئىشلىتىلمىگەن، Van Damme بولسا بىخەتەرلىك ئارغامچىسى ۋە پۇتنى يۈك ماشىنىسىنىڭ ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكىنىڭ كەينىگە يوشۇرىدىغان كىچىك دەسسىگۈچ بىلەنلا ماشىنا ئارىسىدا تۇرغان. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇ بىر مەيدان كۆرۈنۈش مەلۇم بىر ئايرىدرومنىڭ ئۇچۇش يولىدا سۈرەتكە ئېلىنغان ئىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر قانچە ئېلان كۆرۈپ باقىلى.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئاپتوموبېل، ئېلان، ماشىنا
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,692 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى
- يازما مەنزىلى: the-epic-split.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىزدىن سەكرىگەن رېكورتنىڭ تولۇق كۆرۈنىشى ئېلان قىلىندى
- كېيىنكى يازما > شەرەپسىز فىلىمىدىكى يارقىن نۇقتا – سېرىقچاقلار
- گېرماننىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانلىرى مۇنداق ۋەھشەتكەن!
- 2016-يىللىق Super Bowl دىكى نادىر ئېلانلار توپلىمى
- BMW ئاجايىپ سەتەڭ يېڭى تىپلىق ماشىنىدىن بىرنى چىقىرىپتۇ، سارغۇچ يېشىل رەڭلىككەن
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
- BMW شىركىتىنىڭ ئالداش بايرىمىدا قىلغان چاقچىقى، كەلمىگەن تەلەيدە ……
- 2015-يىللىق Super Bowl دىكى نادىر ئېلانلار توپلىمى
- باشقىلار ماشىنىسىنىڭ ئەينىكى توپا بولۇپ كەتسە قانداق قىلىدىكەن، ئوبدان كۆرۈڭ
- OPPO نىڭ سېھىرگە تولغان ئېلانى: ۋاقىت ھالقىغان سېھرىگەرلىك
- Evian نىڭ يېڭى ئېلانى – ئۆمۈچۈك بوۋاق پالۋان
ئىجادىي ئېلانلارنى كۆرگەنسىرى كۆرگىسى كىلدىكەن…
باللا لوممىدە قىلدۇ يۆگەپ قويغان خېمىردا ئولتۇرۇپ قالمىغانمە؟
توۋا ، سىزمۇ ئولتۇرۇپ باققانما ؟ كىچىكىمدە ئانام قۇيماق سالىمە دەپ خېمىر يۇغۇرۇپ قۇيىدىغان ، نەچچە قېتىم تۆپىسىدىلا ئوتۇرۇپ ساغانتىم
بولۇپمۇ ئەڭ ئاستىدىكى ئىلان بەك پەيزى چىقىپتۇ ،
ئۈچىنجى فىلىمدە ئاپتۇمبۇلنى ھەيدىگەن كىشى تونۇش چىراييا؟
بىر بىردىن ئىسىل ئىلانلاكەن ،2-سمۇ دەششەت ئىشلىنىپتۇ جان بىلەن ئويناشقانلىق دە . ئىسىمدە قىلىشچە ئاخىردىكى سىندىكى شۇ قىزنىڭ ياراتقان جىننىس رىكورتىغۇ دەيمە ..
ئاۋۇ ۋولىۋو ماشىنىنىڭ ئېلانىغا چىققان بېلگىيىلىك داڭلىق كىنىو ئارتىسى … ئۇنىڭ نۇرغۇن نادىر فىلىملىرى بار ..
ئادىل ھۇشۇر ئاكىمىز مىڭىپ باقسا بوپتىكە …
ئەمما ۋولىۋونىڭ ماشىنلىرى ھەقىقەتەن بوپقويىدۇ جۇمۇ، بىر قىتم ھەيدەپ باققان، بەكلا راھەت، كىيىن ئۆزەمنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدىسەم قولۇمغا چۈشمەي
ئاۋۇ ساچقاننى رول باشقۇرغۇرغاننى چۈشەنمىدىميا، نېمە دېمەكچىدۇ؟
شۇنداق چوڭ، ئېغىر ماشىنىنى، شۇنداق ئەسكى يولدا ھەيدىسىڭىزمۇ رولى شۇنداق يېنىك دىگىنىدۇ
ئېلىشىپ قاغان ساراڭ دەۋەتتىمۇ نېمە ئاخىرىدىكىسىنى
شۇغىنىسى كاساپەتىنڭ ماشىنلىرى قىممەت ھە
ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ