بىلىپ ئۈمىد ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كوللىكتىۋىنىڭ پاراۋانلىق ئېلانى – دىلرەبا ھايات
بۇ ئالەم مېھرى مۇھەببەت بىلەن گۈزەل، ھاياتلىق سىز ۋە بىز قۇشقان شۇ مىننەتسىز ياخشىلىقلار تۈپەيلى شۇ قەدەر تاتلىق، ياخشىلار ئامان بولسۇن، ھەر كىم ئۆز قىلغىنىغا لايىق جاۋاپقا ئېرىشىدۇ، ياخشىلىق ياخشى كىشىلەر ئۈچۈن، گۈل بار يەردە بۇلبۇل بۇلىدۇ، ياخشى كىشىلەر بار يەردىمۇ ھەم ياخشىلىق مەڭگۈ ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ، دۇنيانىڭ خاسىيىتى ئىللىق ھارارىتى شۇ ياخشىلارنىڭ ئەجرىدىن كېلىدۇ، ياخشىلار ئۆلمەيدۇ، ھەم ئۇلارغا ئاتىغان مەدىيەھلىرىمىز ئۈزۈلمەيدۇ، ياخشىلار ياشىسۇن…
دىلرەبا ھايات
فىلىم سۈرەتكە ئېلىش جەريانى:
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئېلان، مۇھەببەت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 17,275 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 01-ئاينىڭ 24-كۈنى
- يازما مەنزىلى: dilreba-hayat.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئۆتكەن بىر يىلقى توردا نام چىقارغان داڭلىق شەخسلەرنىڭ كارامەتلىرى توپلانمىسى
- كېيىنكى يازما > فانتازىيلىك مىكرو فىلىم (چۈش)
- ھوللىۋود سەھىيسىدىكى قىسقا فىلىم – ئانا مۇھەببىتىنىڭ قۇدرىتى
- 2016-يىللىق Super Bowl دىكى نادىر ئېلانلار توپلىمى
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- 2015-يىللىق Super Bowl دىكى نادىر ئېلانلار توپلىمى
- 22 پارچە سۈرەت | ياخشى كۆرۈش ۋە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى
- OPPO نىڭ سېھىرگە تولغان ئېلانى: ۋاقىت ھالقىغان سېھرىگەرلىك
- Evian نىڭ يېڭى ئېلانى – ئۆمۈچۈك بوۋاق پالۋان
- كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدىغان كارتون فىلىم – باتارىيە ئالماشتۇرۇش
- ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىسىڭىز ئاقىۋەت سىز بىلەنلا تۈگمەيدۇ
- ئىنتىلنىڭ ۋىرۇس خاراكتېرلىك ئېلانى – شىركەتتە ئادەم قالمىغاندا، خىزمەتچىلەر شاشلىشىپ كېتىدۇ
ھەقىقەتەن ياىشى ئىشلىنىپتۇ
ئىلگىرى مۇشنىڭغا ئوخشايدىغان بىر ئېلاننى كۆرگەن، بۇ مۇ پەچەت چىقىپتۇ~!
مەنمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش چەتنىڭ پاراۋانلىق ئېلانىنى كۆرگەن. بۇ ئېلاننىمۇ ياخشى ئىشلەپتۇ. «بىلىپ» كوللىكتىۋىنىڭ تور بىكىتى يوق ئوخشىمامدۇ؟ تارماقلىرىغۇ خېلى باركەن بولمىسا، ماۋۇ پاراۋانلىق ئېلانىنىڭ ئاخىرىغا ھەر قايسى جايلاردىكى كوللىكتىپنىڭ ئەھۋالى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، كۇ كۇ، ئۈن دىدار نومۇرلىرى دىگەندەكلەرنى قالدۇرۇپ قويغان بولسا ئۇلارنىڭ كوللىكىتىۋىگە قوشۇلۇپ ياخشى ئىشلارنى قىلدىغان دوستلارمۇ كۆپەيگەن بولاتتى.
مەنمۇ شۇ ،تورخۇمارغا يوللانغانغۇ دەيمەن . چەتئەلنىڭ مۇشۇندا ئىلانى ئىدى، ئۇنىڭدا ئاپراتنى پەقەت ئالماشتۇرماي ئاپتىكەن ،بۇ مۇ شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ.
ئاشۇ چەتئەلنىڭ مۇشۇ توغرىسىدا ئىشلىگەن مۇشنىڭغا ئوخشاپ كىتىدۇ ،شۇ فىلمىنىڭ ئادرىسىنى بىلسەڭلار قالدۇرۇپ قويساڭلار بوپتىكەن ، مەن تورخۇمارنى بىر ئارلاپ تاپالمىدىم .
http://tv.sohu.com/20120109/n331590378.shtml تاپتىم .بۇيەردە ئىكەن
فىلىمنىڭ سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدىكى كىرىشتۈرگەن چەتئەلچەناخشىنىڭ ئىسمىنى بىلەمسىلە..
Linkin Park 林肯公园 نىڭ 变形金刚2 ئۈچۈن ئېيتقان ناخشىسى «new divide»، ئۇنىڭدىن باشقا what i’ve done دېگەن ناخشىسىمۇ ناھايتى ياخشى، MVسىدا بىر مۇنچە دۆلەت باشلىقلىرى چىقىدۇ، تېكىستىمۇ بەك مەنىلىك.
دېمەي دېسەم دېگۈم كىپ قالدى باللا، مازكەن نى باسساڭلامۇ دەي.
1. مۇشۇ رايونىمىزدا ئومۇميۈزلۈك ساقلانغان بىر ھادىسە باركەن. ئورۇنسىز كۆرۈنۈش بەكلا جىق. بولۇپمۇ مىكرو فىلىم دەپ قويۇپ تاس قالىدا يېرىم سائەت قويۇۋەتكىلى. يەنە ئون مىنوت قوشاپ ئىشلەپ قويسا، ما دەيچىلە ئا ب دەپ ئىككى قىسىملىك كىنو دەپ بازاغا سالغىلى ئۈلگۈرىدۇ. شۇڭا ما كۆرۆرمەنلەرنى دۆت چاغلايدىغان مونتاژلار جىقراق كىنو كۆرۈپ بەسە، پەقەت بولمىسا تورخۇمارغا كىرىپ تۇرسا دەيمەن.
2. پۈتۈنلەي كۆچۈرمىكەچلىك. يوقۇرىدا باللامۇ دەپ ئۆتۈپتۇ ئەينا. ھېچقانداق يېڭى ئېلىمىنت يوق. مەركىزى ئىدىيەنى يورۇتىدىغان خاسلىق تېخىمۇ يوق. مەخسۇس تورغا چىقمايدىغانلارغا ئاتاپ ئىشلىگەن ئەسەرمىكىن يا.
3. كۆچۈرۈشنىمى قاملاشتۇرالمىغان. لوگىكىلىق خاتالىق مەۋجۇد. مەسىلەن: قولىغا بىرمۇنچە نەرسە تۇتۇۋالغان ئادەم ئالدى بىلەن ماشىنىنىڭ كەينىنى ئاچىدۇ. ئۆزى بىلەن تەڭ شوپۇر ئورنىغا ئېلىپ چىقمايدۇ.
4.كەسپى ئارتىسلارغا قويغان تەلەپنى قويمايمىزغۇ ئەمدى، لېكىن رولنى قاملاشتۇرۇپ ئالالايدىغان ئارتىس چوقۇم بار. بەزى ئىش ھەرىكەتلەر سەل سۈنئىي چىقىپ قاپتۇ.
بىر قانچىنى بېسىۋېتەي دېسەم پەقەت بىرنىلا باسقىلى بولىدىكەندە….
فىلىم ياخشى ئىشلىنىپتۇ ، لېكىن بىر ئىش فىلىمنىڭ ئۆزى 4:11 مىنۇتلۇق ، سۈرەتكە ئېلىش جەريانى 4:14 سېكۇنت ….
بىلمىدىم، بۇلار فىلىمنى تەشۋىق قىلماقچىمۇ ياكى سۈرەتكە ئېلىش جەريانىنىمۇ ؟؟؟
بۇ يەردىكى بىر مەسىلە شۇكى ئۇيغۇر مىللىتى مۇشۇنداق ئىلانلار بىلەن چوخچۇپ تۇرمىسا بىراۋغا ياخشىلىق قىلمايدىغان باشقا تارىخى ئۇزۇن مىللەتلەرگە ئوخشىمايدۇ، قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلارغا ياخشىلىق قىلىش بىزنىڭ ئەڭ ئەڭ ئەڭ ئىسىل ئەنئەنىمىز .
ياخشى ئىشلىنىپتۇ
مەن ئىشنەتتىم ، بىز ئۇيغۇر مىللىتىدىنمۇ مۇشۇنداق بىر مەنىسى چۇڭقۇرمۇشۇنداق بىر كۆرنۇش چىقرالايدىغانلىقىغا .
ماڭىمۇ بەك لاۋزا بىلىندى. چەت ئەلنىڭ پاراۋانلىق ئېلانىنى ئۆز پېتى كۆچۈرۈپتۇ.
ئالدىرىماي تەرەققى قىلمامدۇ ، مەن ماۋۇلانى قوللايمەن
سۈرەتكە ئېلىنىشى خېلى ياخشى بوپتۇ.
لېكىن ئەڭ باشتا چىقىدىغان قىزنىڭ يىقىلىشى ۋە يىقىلىپ ئاۋۇ تازىلىق ئىشچىسىنى ساقلاپ ئولتۇرۇشى بەكلا سۈنئىي تەسىر بەردى ماڭا.
بىلىپ مەخسۇس توربېتى بار: Www.Bilip.Cn
فىلىم رولىدىكى دوسلار كەسپى ئارتىسلا ياكى بۇ ساھادە مەخسۇس تەربىيلەنگەنلەر ئەمەس. ئۇلار پەقەت بىلىپ ئۈمۈد ياشلار ساخاۋەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى. تازلىق ئىشچى رولىدا:بەختىيار(چۈش›شئېر يازغۇچىسى
بىرىنجى ئېلان كۆچۈرمىچىلىك بولۇپ قاپتۇ….بۇ ئەسلى ئامېرىكىنىڭ پاراۋانلىق ئېلانى ئىدى
ھە دىسلا چەتئەلنىڭ فلىملىرگە سىلىشتۇرۋالمايلى دوسلار ئۇلاردا ھەر قانداق شارائىتلار تولوق مەبلەغ تىخنىك ھەممسى تولۇق ئۇنىڭدىن سىرت ئارتىسلارنڭ بىر ئىلانغا چىقشىغا كەتكەن پۇلمۇ ئاز ئەمەس
چىقمايدىغۇ؟ ئەسلى مەنبەگە قارىساممۇ يوق، بىلىپ تورىدىكى ئۇلانمىمۇ چىقمىدى؟؟ نېمە بولغاندۇ؟
فىلىمنى ئۆچۈرۋەتكەن ئوخشايدۇ مىنىڭكىدىمۇ چىقمىدى .،.چۈشتە كۆرگەنتىم بولمىسا .،.
چىقمايدىغۇ
فىلىم ئىلىنغان رايون توزىچاڭ(چىنە زاۋوتى) دا ئىلىنىپتىغۇ
ئىشتانغا پاتمىغان سەكە ،
ئىكرانغا قاندا پاتقاندۇ ،
……………………
…………………….
دەسلەپتە مۇشۇندا بولىدۇ. ياخشى چىقىپتۇ. ما ياراتمايۋاتقانلا سىلە مۇشۇنداق بىر ىشلەپ باخمامسىلە بىز كۆرۈپ باقايلى.
كىچىكىپ قاپتىمەن يۇيۇپ بوپتۇ . ئىسىت
ۋاي مەن كورەممىدىم بۇنى چىخمىدى….. مەن بىرنىمە سوراي دىگەن مەن مۇشۇ بەيدۇ ،بۇلامدۇ يوكۇ بۇلامدۇ ئۇيغۇر دەپ باسساملام 链接中断 دەپلام چىقىۋالىدۇ ھەممەيلەننىڭ شۇنداخمۇ ياكى مېنڭلا شۇنداخمۇ؟؟؟
ئالىي مەكتەپنىڭ 1-، 2- يىللىقىدا ئوقۇيدىغان كەسپىي بولمىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئۇنچە قاتتىق تەلەپ قويىۋالمىساقمۇ بولاتتى…
ئىشقىلىپ چەتئەلنىڭ ئۇ قىسقا فېلىمىنى چىرايلىق ئۆزلەشتۈرۈپتىكەنتۇق، مەن ياقتۇرغان
مىنىڭكىدە قۇيۇلمىدى .مەنبەدىن ئۈچۈرۈپ تاشلىدىمۇ نىمە؟