بىردەم مۇزىكا تىڭشىمامدۇق؟ | ئەمەل نەيرىڭى(Game of Thrones) ناملىق تىياتىرنىڭ باش ئاساسى مۇزىكىسى
ئېنگلىزچە نامى Game of Thrones، خەنچە نامى 权力的游戏 بولغان بۇ كىنوغا ئۆزەمچە ئەمەل نەيرىڭى دەپ ئىسىم قويۇپ تۇردۇم. فىلىمنىڭ مۇزىكىسى بەك يارايدىغان بولغاچ، كۆرگەندىن باشقا ۋاقىتتىمۇ تىڭشاپ قوياتتىم. بۈگۈن تور ئارىلاۋېتىپ بىر قانچە نۇسخىسى ئۇچراپ قالدى، بىللە تىڭشايلى.
مەزكۇر فىلىم ھەققىدە:
ئەمەل نەيرىڭى(Game of Thrones) بولسا، ئوتتۇرا ئەسىردىكى فانتازىيە تىپىنى تېما قىلغان كۆپ قىسىملىق تېلىۋېزىيە تىياتىرى. ئەسلى «مۇز ۋە ئوت ناخشىسى» رومانىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن. نۆۋەتتە HBO تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن ئۈچىنچى بۆلۈمى قويۇلىۋاتقان بولۇپ، ھېكايە ۋەقەلىكى مۇرەككەپ، قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى كۈچلۈك، ئەجدىھا قاتارلىق ساماۋى ئېلىمېنتلار سىڭدۈرۈلۈپ، كۆرۈرمەنلەردە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان.
خوش، فىلىم توغرىلىق جىق سۆزلىمەي، مۇشۇ تىپتىكى ھېكايىلەرنى ياخشى كۆرۈدىغانلار بولسا كۆرۈپ قويساڭلار بولىدۇ، بولمىسا ئاستىدىكى ناخشىسىنى ئاڭلاپ قويۇش بىلەنلا چەكلەنسەڭلار بولدى. ئاڭلاشتىن بۇرۇن ئۈستىدىكى ئاپتوماتىك قويۇلىۋاتقان ئەسلى نۇسخىسىنى توختىتىپ قويۇپ ئاڭلاڭ.
پىئانىنو نۇسخىسى:
گىتتار نۇسخىسى:
يۇمشاق دېسكا ئوقۇغۇچ نۇسخىسى(软驱 نۇسخىسى دەيدىغۇ؟!):
ئاخىرىدا مەن ئەڭ ياقتۇرغان ئىسكىرىپكا نۇسخىسىنى قالدۇرۇپ قوياي:
- يازمىنىڭ ئـورنى: [مــۇڭ كـۈيــلــەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: تىياتىر، تېلىۋېزىيە، كىنو، مۇزىكا
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 33,030 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 04-ئاينىڭ 16-كۈنى
- يازما مەنزىلى: game-of-thrones-song.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ھوللىۋود فىلىملىرىنىڭ يەنە بىر سىرى | دۇنياغا داڭلىق فىلىملەرنىڭ ئاساسى مۇزىكىلىرى ھەققىدە پاراڭ
- كېيىنكى يازما > 10 مىنۇتلۇق ناخشا & كارتون كىرىشتۈرۈلمە | ئۆزبېكچە كۈيلەر كارتون ئوبرازلار ئارىسىدا مودا بولغاندا…
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- كىنولارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قوشماستا، ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەن…
- 2016 قويۇلىدىغان كاتتا فىلىملەردىن يەنە بىر كىرىشتۈرۈلمە، بۇ يىل كىنوخانىدا تۈنەيدىغان ئوخشايمىز
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (1-باسقۇچ)
- 2015 نىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا قويۇلىدىغان قالتىس كىنو-فىلىملەر
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
ئامرىكىنىڭ خىلى جىق تىلىۋىزيە كىنۇلىرىنى كۆرۈپتىمەن ، ئەمدى تىرىك جەسەتلەرنىڭ 3-بۆلۈمىنى تۈگەتسەم مۇشۇ كىنۇنى بىر باشلىمىسام …
يەنە بىرنى تەۋسىيە قىلاي، 国土安全نى كۆرگەنلەر بارمۇ ؟
بۇنىڭدا ئىراققا ۋەزىپە ئۆتىگىلى بارغان بىر ئەسكەرنىڭ ئىراقتا كەچۈرگەن تالاپەتلىرى ھەمدە ئامرىكىغان قايتقاندىن كىينكى كەچۈرمىشلرى سۆزلىنىدۇ ، ھەممىدىن مۇھىمى ئۇ ئىراقتىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئىسلامغا ئىشىنىدۇ ھەم ناماز ئۇقۇيدۇ … مۇشۇنچىلىك دەي ، ئىشقىلىپ يەنە بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدىغان فىلىم
دىۋاندا يەنە بىر قىتىم ئولتۇرشۇم
نامىڭىزنى چىقىرۋالدىڭىزدە ھە مەرگەنجان .دىۋان دەپ دائىملا پەگانى چاغلايسىز .
ئاپلا …مەرگەنجان دىۋان دەپ پەگادا ئولتۇرۇپ قاپسىز ئەمەسمۇ.
ئىنكاسنى يېزىپ بۇلۇپ ، F5 كۇنۇپكىسىنى بېسىپ قارىغان ۋاقتىمدا ، 《خەپشۈك》دىگەن ئاداشنىڭ ئىنكاسى يوق ئىدى ، 2 مىنۇتتىن كىيىن كىرىپ قارىسام خەپشۈك دەپلا ئالدىمدا ئولتۇرۋاپتۇ . . .
مەرگىناخۇننىڭ خۇيى بۇ ، قەستەن پەگانى ساقلاپ ئولتۇرۇپ دىۋان دەپ قۇيامدىكىن دەيمە،
مېنىڭ يانفون قوڭغۇرۇقۇم
كۆپ قىسىملىقما ؟
پەيزىكەن ماۋۇ. پىئانىنو نۇسخىسى بىلەن ئىسكىرىپكا نۇسخىسى بەك يارىدى.
ئىسكىرىپكا نۇسخىسى بەك پىچەتكەن
ئىسكىرىپكىنى چاغان قىز ھېجەپ تاتلىق كۈلىدىكەن چۈشۈرۋالدىم
يا ئاللا ئابومجان سىز شۇنداق قىممامدىغان ، شۇنداق قىممىسىڭىزمۇ ھەيران قاساق بولىدۇ جۇما
نىمە دەيدىغانسىلە سىلە؟ ئاۋۇ ئۈستىدىكى بىژ تال غەزەلدىن باشقىسى قويۇلمايدا؟
F5 نى بىژ ئىشىككىنى نوقۇپ قويسام چىقتى.
ھەقىقەتەن بىر كۈرۈشكە ئەرزىيدۇ ، دوستۇم تەۋسىيە قىلغاندا تازا قىززىمىغان نامىنى ئاڭلاپ بىر كۈرۈپتىم ئاللا ئاللا ماۋۇ مۇردىلار ، قان شۇرىغىچىلارنىڭ كىنوسى بىر يەردە قالسۇن ، مىنىڭچە بۇ كىنونى بەش بۈلۈمدىن كۆپ قىلىپ ئىشلىيەلىشىدە گەپ يوق ، قىززىق ئوتتەك يەلىرى ئەمدى چىققىلى تۇردى بۇنىڭ .
ئا ۋۇ دىنازاۋۇرى بار كالىتسىي بىلەن مېيىپ بوپ قالغان كىچىك بالا چۇقۇم بىر ئىشنى باشقا ئەپ چىقىدۇ ، بىكا ۋاقتى بارلار كۈرۈڭلا ۋا مانى
بولسا كۆرۇش ئادرىسىنى قالدۇرساڭلار دوسلار كۆرۇپ باقسام بولاتتى
冰与火之歌 ياكى 权力的游戏 دەپ ئىزدىسەڭلار بۇلىۋىرىدۇ ، سۈزۈك نۈسقىسىنى چۈشۈرۈش ئادرىسى مانا :http://www.yyets.com/search/index?keyword=%E5%86%B0%E4%B8%8E%E7%81%AB%E4%B9%8B%E6%AD%8C&type=
توردىن بىۋاستە كۈرەي دەيدىغانلارغا مانا : http://www.funshion.com/subject/96248/
توردىن بىۋاستە كۆرمەكچى بولغانلارغا 风行电影 نە تەۋسىيە قىلىمە ، بىر تەرەپتىن كۆرۈپ بىر تەرەپتىن چۈشۈرگىلى بۇلىدۇ ، ھەم سۈزۈك !
بارلىق قىسىملىرىنىڭ خالىغان سۈزۈكلۈكتىكى فورماتىنى تاللاپ چۈشۈرۋېلىڭ.
ئادىرىس : http://www.yyets.com/resource/10733
مۇردىلارنىڭ 3- بۆلۈمى تۈگەپ كۆرگىلى كۇرتلار ۋادىسىدىن باشقا قىسىملىق كىنو تاپالماي يۈرگەنتىم، ماۋۇ ھەجەپ خوشياقتى دىسە.
مۇردىلاردىكىدەك قالايمىقان كۆرۈنۈشلەر چىقماس ھە ؟! مۇردىلاردا بەزى كۆرۈنۈشلەر سەل ئېشىپ كىتەتتى. يالغۇز ئولتۇرۇپ كۆرسە تېخى بەزى ۋاقىتتا ئادەمنى سۈر باسقاندەك بوپقالىدىكەن. شۇڭا بىرە ئىككى ئادەممۇ بىللە ئولتۇررپ كۆرسەك بولاتتى دەيمە .
كىنو ھەقىقەتەن بۇلاپ قۇيىدۇ ، ئەممازە بىرىنجى بۈلۈمدە سەل ئاشتاراق يەلە چىقىپ قالىدۇ ، كىينكى بۈلۈملىرىدە ئاساسەن چىقمايدۇ ، يەنە ئاۋۇ مەن پەگاغا قىسىلىپ تۇرۇپ تەۋسىيە قىلغان فىلىممۇ ئالامەت جۇما ، سىزگە چۇقۇم يارايدا ۋە ئەركەك ئاكا
يائاللا، ماڭا بىر قسىملىق كىنونى كۆرۈپ تۈگۈتۈشكە ۋاقىت يوق نەچچىگە بۆلۈپ كۆرىمە، سىلىنىڭ قىسىملىق كىنو تاپالمىغىنىڭلىغا قاراپ بەك ھەۋەس قىپ قالدىم، قاچانمۇ ئولتۇرۇپ بى يۇنجۇ-كۇنجۇلىنى كۆگىدەك ۋاقىت چىقا، بىر زامان ما ئىشخانىدىكى توي قىممىغان چوكانلا شۇ كىنونى سۆزلەپ ئىشخانىنى ژىپ بازىرى قىلۋەتكەنتى.
مەنسۇرجوووون ! مىنى ئاندا بىكا تۇماي كىنو كۆرۈدىغان بىكاچى كۆرەپ قامماڭلا دەيمە ، كۈنجۈ – يۈنجۈنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ باقتىم دىدارىنى كۆرەپمۇ باقمىدىم ئۇ بىچچارىنىڭ. كىنو كۆرسەكمۇ تاللاپ كۆرىمىز دەيمە، ئۇنداق مىشمىرىق پۈچەك كىنولار بىلەن خوشۇممۇ يوق. مىڭىنى ئارام ئالدۇرغاچ كۆرەپ قويىمىزھەپتىدە بىرە ئىككى قىسىم كىنونى . كۆرگىلى كىنو يوق دىگەپ گەپ ئەمەس، كىنو دىگەن تولا بىژمە ئۇ !
يا ئاللا، مەسىلىكىم كەپ دەپ قويسام قايناپ كەتتىڭلىيا ئېدىش، مەن بى سىلىنى بىكاچى كۆمىدىم، قىلىدىغان خىزمەت ئوخشىمىغاچقا ئۇنىڭ ئۈستىگە بىردەم جىدەل سوراپ، بىردەم سوراق قىپ، پەقەت بوممىسا تورخۇماردا جىدەل چىقىرىپ قېچىپ كەتكەننى قوغلاپ…. دىگەندەك ئىشلا بىلان يۈگەشكە كىنو كۆرۈشكە ۋاقىت چىقمىدى، 8 سائەت ئىشلەپ 16 سائەت ئارام ئالدىغان خىزمەتنى ياراتمىغانتا سەت تويدۇم دىسە.
ۋوي خاپوممىسا مەنسۇرجان قاراخانىم . ئۆزلىرىنى تونۇماي قاپتىمەن ئەمەسمۇ . قاراخان دىگەن ئىسىمنى قوياۋەمەي . ئاقسا ئىسىمتى ئۇ .
ھە راست، قايناپ قاممىدىم،شۇ ئىنكاسلىرىغا ماندالا ئىنكاس يېزىپ قوياپتىم ئىمدى.
بولسا كۆرۇش ئادرىسىنى قالدۇرساڭلار دوسلار كۆرۇپ باقسام بولاتتى
خاپومماي باشلىرىنى كۆتەسىلا ، ئې يەگە چاپلاپ قويدۇم ئادرىسىنى ، يې باللا بەيدۇ پەيدۇ دىگەندىن ئىزدەپ باقساڭلا بىژسەمدىلا تاپىسىلە ، ھۇرۇن بومماڭلا ئۇندا ،
كۆپ قىسىملىق ئىسىل كىنو فىلىملەرنى كۈرۈشكە
风行电影网 نى تەۋسىيە قىلىمە ، لاۋزا ئىلانلا يوق ، ھەم سۈزۈك !
ماڭىمۇ ئارامخۇدا ئولتۇرۇپ كىنو كۆرىدىغان ۋاقىتمۇ بولارمۇ ھە ؟
بولىدۇ. شۇ چاغلامۇ كىلىدۇ، ئالدىرماڭلا دەيمە. ئىشىڭلا تازا يۈرۈشۈپ كىتىۋاتقاندا كىنو كۆرمىسەڭلىمۇ بولىدۇ . كىنو كۆرگەنگە بىژ پۇل بەمەيدا، كىيىنچە كۆرۋالىسىلە كىنو دىگەننى.
ۋاي-ۋاي ، ئۇزۇن بوپتىكەن مۇنداق مۇڭلۇق مۇزىكا ئاڭلىمىغىلى ، يۇرەك يۇرەكلىرىمگە ياقتى جۇما باللار، بۇ تىمىنى يوللىغۇچىغا بەكلا رەھمەت ئىيتىمەن، تاس قالىتتىڭىز قاتىل بوپ قالغىلى. نىمشىقا دەمسىز، چۇنكى مەندە پىسخىك كىسەللىك بار ئوخشايدۇ، ما مۇزىكىنى ئاڭلاۋىتىپ ئۆزۇمنى شۇنداق يالغۇز ھىس قىلىپ كەتتىمكى بۇ جاھاندا مەندىن باشقا ئادەم يوقتەك.. بولمىسا ئۆيۇمدە ئايالىم بىلەن ئوماق قىزىم بار ئىدى، تاسلا قالدىم ئۆزۇمنى ئۆلتۇرىۋالغىلى ،
قارا يەكشەنبە دەپ بىر مۇزىكا بار ، ئاڭلىغان ئادەم ئۆزىنى ئۆلتۇرىۋالىدۇ دىسە قانداقراق مۇزىكىدۇ دەپتىكەنمەن، مۇشۇ مۇزىكىغىمۇ ئازراقلا ئىشلىسە شۇنداق بولغۇدەك…
ھا ھاھا ،ما گەپنى .مەنمۇ بىر چاغدا ھىندىستاننىڭ دۆلەت گېمىنىنىڭ ئاستا ئېيتىلغان تۇلۇق نۇسخىسىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بىرخىللا يېرىم بوپقالغانتى گەرچە چۈشەنمىسەممۇ .تېكىستىنى تاگور يازغانىكەن
ئىسكۇرۇپكىدا ئورۇندىغىنى مۇڭ چىقىپتۇ ..
ماقۇل رەھمەت ..چۈشۈرۈپ كۆرۇپ باقاي
پىئانىنو نۇسخىسى بىلەن ئىسكىرىپكا نۇسخسىسى بەكلا يارىدى… بەك مۇڭلۇق….
بۇ كىنو خەنچە كىنو بەتلىرىدە خېلىلا غۇلغۇلا قوزغاپ بولدى. ۋەقەلىكى ياخشى ئوخشايدۇ. تەرجىمە فىلىم بتلىرىمىز قاچان تەرجىمىسىنى باشلايدىكىن؟
مۇشۇنداق جەڭ تېمىسىدىكى ئېغىر-ئېغىر مۇزىكىلار بولسا تەۋسىيە قىلىڭلار ….
مەن بەك تىڭشىۋىتىمىەن مۇشۇنداق مۇزىكىلارنى …..
مۇزىكىنىڭ ئىچىىگە كىرسە ئادەمگە ئۈمۈت بېغىشلايدۇ – ئىلھام بەخىش ئىتىدۇ…. تېما ئىگىسىگە رەھمەت …
ئىچىگە چىگىلى بولىدىغان موزىكىمۇ چىقىپتىما ئەمدى؟ خېلى بولدى موزىكا بىلەن ھەپىلىشىپ چىردىغان يېرىنى تاپالدىم.
مەنسۇرجان نىمە دىمەكچى سىز…..؟؟؟ گېپىڭىزنىڭ تېگىدە ئالاھىدە بىر مەنا بامۇ قانداق ….. مەسخرە قىلغاندەك تۇرسىز يا مىنى …….
ما ئاداشنى، باشقىچە مەنادا دىمىدىم، لىكىن «موزىكىنىڭ ئىچىگە كىرسە» دىگەن گەپ قىزىق تۇيۇلۇپ چاق-چاق قىپ قويدۇم، گەپنىڭ كەينىگە (چاق-چاق) دەپ يېزىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمە ئەمەسمۇ! كۆڭلۈڭلىگە كەگەن بولسا ئەپۇ سورايمە.
ئوخشاش ھېسسىيات…
ھەپتىنىڭ ياقى ئالدىراشچىلىق، تەكشۈرۈش گۇرۇپپسى ماڭمىغىچە تورغا چىققىلى بولمىغان، ھەجەپ زىرىكتىم جۇمۇ،
ئولتۇرۇپ ئىنكاس كۆرۈپ كېتەي…
ۋاي ، پات پات كەپ تۇسلا دەيمە پرزدېنت ئەپەندىم، زۇڭتۇڭ ئالىيلىرى بار يەردە ھەممىمىز بىخەتەر دەيمە .
ئۇ ئىشلارمۇ ئوڭشىلىپ كەتكۈسى، ئاللاھ ئاسانلىق بىرەر.
شوخ – شوخ ئولتاسىلا بىگىم !
ئابومجان selnig QQ numringla kanqa Mini kaxlangla 2215148373 suraydiGan Gap Bar idi
ھەرقېتىم تېمىدىكى رەسىمدىكى ئاۋۇ ‹ئۆشنىسىگە بىر دۆۋە ئوتۇن ئارتىۋالغان›ئاداشنى كۆرسەم بىرخىل تۇنۇش كۈرىنەتتى.كىمىكىن دېسەم ئەسلى ‹ھۆكۈمران ئۈزۈك›تىكى بورومېركەن ئەمەسمۇ
بەك ياخشىكەن مەن چۈشۈرۋالاي دىگەن..چۈشۈرگىلى بولمايدىكەن…