ھوللىۋود فىلىملىرىنىڭ يەنە بىر سىرى | دۇنياغا داڭلىق فىلىملەرنىڭ ئاساسى مۇزىكىلىرى ھەققىدە پاراڭ
جوئىن ۋىللىيام(John Williams)، خانىز زاممېر(Hans Zimmer)، جامىس ھورنېر(James Horner)_ ھوللىۋودتىكى بۇ ئۈچ نەپەر مۇزىكا ئىشلىگۈچىنى بەلكىم سىز تونۇماسلىقىڭىز مۇمكىن. لېكىن شۇنىڭغا ھۆددە قىلالايمەنكى، سىز پەقەت ھوللىۋود فىلىملىرى مەستانىسى بولسىڭىزلا بۇلارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن نەچچە رەت ئۇچراشقان. ئەلۋەتتە مەنمۇ دەل مۇشۇ چەمبىرەك ئىچىدە.
تورداشلارنىڭ ئىسىدە بولسا كېرەك، ئىلگىرى 10يۈرۈش تۇرمۇشىڭىزغا ئىلھام بەخش ئېتىدىغان يېنىك مۇزىكىلارنى يوللىغاندا، «قەيسەر يۈرەك» فىلىمىنىڭ ئاساسى مۇزىكىسى ھەققىدە بىراز توختالغان. مانا بۈگۈنمۇ بۇ مۇزىكىنى ئاڭلىغاچ، ئۇنىڭ(مۇشۇ مۇزىكىنىڭ) ئىجادىيەتچىسى ھەققىدە يازما يازماقتىمەن. تۆۋەندە تورداشلارغا يۇقىردا تىلغا ئالغان ھوللىۋودتىكى ئەڭ داڭلىق ئۈچ نەپەر مۇزىكا ئىجادكارىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتەيلى.
1. For The Love Of A Princess — James Horner
ئالدى بىلەن ئۆزۈم ئەڭ ئامراق، 5 تۈرلۈك ئوسكار مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى (1995-يىلى) بولغان «قەيسەر يۈرەك» فىلىمىدىن باشلاي. ئەينى چاغلاردىمۇ مەزكۇر كىنو بىلەن تەڭ كىنونىڭ ئاساسى مۇزىكىسىمۇ مېنى رام قىلىۋالغان ئىدى. تاكى يىقىنقى مەزگىللەرگە كەلگەندىلا ئۇنىڭ James Horner ئىجادىيىتى ئىكەنلىكىنى بىلدىم.
فىلىمنى چۈشۈرۈش : RMVB نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش [771 مىگابايت ] | HR-HDTV نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش [2.51 گىگابايت]
2. Theme From Schindler’s List — John Williams
« شىندىلېرنىڭ تىزىملىكى » دېگەن كىنونى ھەممىمىز كۆرگەنغۇ دەيمەن. مۇزىكا ئىشلىگۈچى John Williams تومۇرىدا يەھۇدى قېنى ئېقىۋاتقان بىر رېژىسسورنىڭ مەزكۇر فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىۋاتقاندىكى ھېسىياتىنى مانا بۇ ئۇلۇغ ئەسىرى بىلەن ئەڭ ئۈنۈملۈك ئىپادىلەپ ئۇتۇق قازانغان.
3. Tennessee — Hans Zimmer
《Tennessee》بولسا ھوللىۋودنىڭ داڭلىق ئۇرۇش فىلىمى « پئورېل خاربور» نىڭ ئاساسى مۇزىكىسى. بۇ كىنودىكى كەسكىن جەڭ مەيدانى ۋە تىراگېدىيىلەرگە تويۇنغان ۋەقەلىك بىلەن قوشۇلۇپ بۇ مۇزىكا كىشىنىڭ يۈرىكىنى تېخىمۇ ئېزىدۇ.
4. The Ludlows — James Horner
مەزكۇر لېرىكا بولسا ھوللىۋود فىلىمى « ئەشۇ يىللار» (Legends of theFall)دىكى، ۋېليام پولكوۋنىك بىر ئائىلە كىشىلىرى يىغىلىشىدىكى، ئوغۇلى ئېيتىدىغان ھېلىقى ناخشىنىڭ يانداش مۇزىكىسى.
5. Jane Eyre – The Jane Eyre Theme — John Williams
John Williams نىڭ ھوللىۋود فىلىمى «ئاددى سۆيگۈ» ئۈچۈن ئىجاد قىلغان يەنە بىر مۇزىكىسى.
6 Hunger — Hans Zimmer
Hans Zimmer بىلەن «گىلادىياتور» فىلىمىنىڭ باش رېژىسسورى Ridley Scott نىڭ ھەمكارلىقىنىڭ مەھسۇلى بولغان مەزكۇر يانداش مۇزىكا بولسا، ئۇرۇش فىلىمى « Black Hawk Down » نىڭ ئاساسى مۇزىكىسى.
7 Imperial March — John Williams
بۇ مۇزىكا ئىسىڭىزگە كەلگەندۇ ؟ ھە دەل شۇ « پىلانېتلار ئۇرۇشى » ناملىق فانتازىيىلىك فىلىمنىڭ مۇزىكىسى.
8. Saving New York — James Horner
بۇ مۇزىكىنى ئاڭلىغىلى تېخى ئۇزۇن بولمىدى. چۈنكى بۇ 2012- يىلىدىكى يىڭى ئۆمۈچۈك «دەرىجىدىن تاشقىرى ئۆمۈچۈك پالۋان» فىلىمىدە ئاڭلىغان ھېلىقى مۇزىكا شۇ.
9 Hummell Gets the Rockets — Hans Zimmer
نىكولاس رول ئالىدىغان 96- يىلىنىڭ كىنوسى «The Rock» نى كۆرۈپ باققانلارنىڭ قانچىلىكلىكىنى بىلمەيمەن. مېنىڭ بىلىدىغىنىم پەقەت بۇ مۇزىكىنىڭ دەل مۇشۇ كىنودا چىقىدىغىنى خالاس.
10. Rise — Hans Zimmer
«شەپەرەڭ پالۋان» نى كۆرگەنلەر بۇ مۇزىكىنى بىلمەي قالمايدۇ. بۇ يەردە پەقەت بۇنىڭ Hans Zimmer ئەسىرى ئىكەنلىكىنىلا ئېيتىپ قويماقچى، جىق گەپ ئىشەككە يۈك.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [مــۇڭ كـۈيــلــەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: كىنو، مۇزىكا، ھوللىۋود
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 19,284 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 02-ئاينىڭ 05-كۈنى
- يازما مەنزىلى: hollywood-films-main-song.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > تەنەپۇس ۋاقتى | 10يۈرۈش تۇرمۇشىڭىزغا ئىلھام بەخش ئېتىدىغان يېنىك مۇزىكىلار!
- كېيىنكى يازما > بىردەم مۇزىكا تىڭشىمامدۇق؟ | ئەمەل نەيرىڭى(Game of Thrones) ناملىق تىياتىرنىڭ باش ئاساسى مۇزىكىسى
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- كىنولارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قوشماستا، ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەن…
- 2016 قويۇلىدىغان كاتتا فىلىملەردىن يەنە بىر كىرىشتۈرۈلمە، بۇ يىل كىنوخانىدا تۈنەيدىغان ئوخشايمىز
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (1-باسقۇچ)
- 2015 نىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا قويۇلىدىغان قالتىس كىنو-فىلىملەر
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
رااس بولدىكەن
پىشايۋان
مەنمۇ مۇشۇنداق كىنونىڭ موزىكىلىرىغا بەكلا دىققەت قىلىمەن. بەزىدە ياخشى ئىشلەنگەن بىر موزىكا شۇ كىنونىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتىنى ئاشۇرلايدىكەن.
مەنمۇ كۆپىنچە ۋاقىتتا كىنونى كۆرۈپ بولۇپ كىنو ئاخىرىدىكى كىنو ئارخىپىنى كۆرۈپ چىقىپ ، شۇ كىنودىكى ماڭا تەسىر قىلغان رولچى، رېژىسسور ، ناخشا-مۇزىكا دىگەندەك شەيئىلەر توغرىلىق توردىن ماتېرىيال ئىزدەپ كۆرۈپ ۋە ئاڭلاپ چىقىمەن …!!
قەيسەر يۈرەك دېگەن فىلىمنىڭ سۈزۈك نۇسخىسى بولسا چۈشۈرۈش ئادېرسىنى قۇشۇپ قويغان بولساڭلار مىننەتدار بولغان بولاتتىم ،بىر كۈرۈشكە ئەرزىگۈدەك فىلىم ئىدى
قىستۇرۇپ قويدۇم، شۈنلېي ئارقىلىق چۈشۈرۈڭ!
كۆپ رەھمەت
شىندىلىرنىڭ تىزىملىكىنىڭ ئاساسى مۇزىكىسىنى بەك ياخشى ككرەتتىم ، بولۇپمۇ پىئانىنو نۇسخىسىنى
كۆپلىگەن كىنولارنىڭ تەگ مۇزىكىسىنى Hans Zimmerئىشلەيدىكەن بولۇپمۇ نامى چىققان ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن جىق كىنولارنىڭكىنى
مۇزىـــــــكا دەپ يېزىۋېتىپ يازغان خېتىم ئۆسمۇر ۋاقىتلاردىكى مۇزىــــــكا كىتاپنىڭ تېشى كۆز ئالدىمدىن بوراندەك ئەگىپ ئۆتۈپ كەتتىيا .
قەيسەر يۈرەك دىسمەن تېخى مۇسۇلمانلارنىڭ داڭلىق ئۇرۇش فىلىمى (ئۆمەر مۇختەرنىڭ قەيسەر يۈرەك )مىكىن دەپ شۇنداق خوش بوپ كىتىپتىمە ! چەتنىڭ كىنوسى دەپ كۈرەۋەرمەي ئۈمەر مۇختەر فىلىمىنىمۇ كۈرۈپ قۇيۇڭلار ئەي جامائەت دەھشەت ئىسىل كىنو جۇمۇ
بىرىنجى مۇزىكا ئەسلى قەيسەريۈرەكنىڭ مۇزىكىسىكەندە … ياقتۇرۇپئاۇلايتتىم… بىلمەي ئاڭلاپتىمەدىسە
ماۋۇ مۇزىكىسىنى چۈشۈرسەم بولىتى ، ياخشى ئۇسۇل بارمىكىن .
ئىۋۇ قارىم شەپەرەڭنىڭ خېلى بوپقويىدۇ