تەنەپۇس ۋاقتى | 10يۈرۈش تۇرمۇشىڭىزغا ئىلھام بەخش ئېتىدىغان يېنىك مۇزىكىلار!
تولۇق ئوتتۇردىكى ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچۇمنىڭ « مۇزىكىدىن ھوزۇرلىنىشنى بىلمەيدىغانلارنىڭ ئادىمىيلىك قىممەت قارىشىدىن گۇمانلىنىمەن» دىگەن بىر ئېغىز سۆزى ھېلىمۇ ئىسىمدە. گەرچە ئۇ ئوقۇتقۇچۇم سەنئەتنى تەرغىپ قىلغۇچىلاردىن بولمىسىمۇ، ئەمما ئادىمىيلىك بىلەن سەنئەتتىن ھوزۇرلۇنىشنىڭ مۇئەييەن مۇناسىۋىتى بار دەپ قارايتى. شۇڭا مەنمۇ كىچىكىمدىن «ھوزۇرلىنىش»نى ئۆزەمگە ئادەت قىلىپ كەلدىم.
ھوزۇرلىنىش توغرسىدا گەپ چىقىپ قالدى، ئەلۋەتتە بۇ گەپ بىكارغا چىقمىدى. ئادەتتە تورخۇمارغا يازما يازغاندا دائىم «قەيسەر يۈرەك» فىلىمىنىڭ ئاساسى سىمفۇنىيەسىنى تۆۋەن ئاۋازدا قويۇپ قويىمەن. نېمىشقىدۇر بۇنداق يېنىك مۇزىكىلار ماڭا بىرخىل ئىلھام ئاتا قىلىدۇ. يېنىك مۇزىكا(LIGHT MUSIC)كىلاسسىك مۇزىكا ۋە مودا مۇزىكا ئارىسىدىكى بىر خىل ئاممىباب مۇزىكا شەكلى. ئۇنىڭ ماڭا ئېلىھام ئاتا قىلىشىمۇ بەلكىم ئاممىبابلىق خۇسۇسىيىتىدىن بولسا كېرەك. تۆۋەندە تورداشلارغا 10 يۈرۈش ئۆزۈم ياقتۇرىدىغان يىنىك سىمفۇنىيە(مۇزىكا)نى تەۋسىيە قىلىمەن، تۇرمۇشىڭىزغا ئويلىمىغان ئىلھاملارنى ئاتا قىلىۋەتسە ئەجەب ئەمەس!
NO. 1 Croatian Rhapsody — Maksim Mrvica
《Croatian Rhapsody 》بولسا 《The Piano Player》ناملىق مەخسۇس توپلامدىن ئېلىنغان كىرودىيە راپسودىيەسى. ئىپادىلىگەن مەناسى بولسا ئۇرۇش ئازابىدا خانە-ۋەيران بولغان كىرودىيە خارابىسى. قان ۋە توزانلار ئارىسىدا ئاستا-ئاستا پېتىۋاتقان كەچكى قۇياش. يىغىپ ئېيتقاندا ئۆچمەس تارىخى- ئاچچىق ھەقىقەت.
NO. 2 Csardas – Gypsy Dance — David Garrett
Gypsy Dance كىچىك ئىسكىروپكا نۇسخىسى. تالانتلىق ياش ئىسكىروپكىچى David Garrett نىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىنىڭ بىرى. BBC تەرىپىدىن «رىۋايەتلىك شەخىس» دەپ نام بېرىلگەن بۇ ئىسكىروپلا شاھزادىسى، تۇنجى پىلاستىنكىسى 《Free》دىلا پۈتۈن دۇنياغا تونۇلغان. كىيىنكى پىلانستىنكىلىرى بىلەن خەلىقارادا تېخىمۇ يۇقىرى نوپۇزغا ئىگە بولغان بۇ ياش، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىرلا ۋاقىتتا كىلاسسىك مۇزىكا ۋە مودا مۇزىكا ساھەسىدە ئېتىراپ قىلىنىشقا (كاتتا شان شەرەپكە مۇيەسسەر بولغان) بىردىنبىر ئىسكىروپكىچى.
NO. 3 Love Story meets Viva La Vida — Jon Schmidt
ئەگەر سىز Taylor Swift ئاتلىق بۇ سەنئەتكار توغۇرسىدا ئانچە-مۇنچە بىرنىمىلەرنى بىلسىڭىز، چوقۇمكى بۇ مۇزىكىنى نەرلەردىندۇر ئاڭلاپ باققاندەك تۇيغۇدا بولىشىڭىز مۈمكىن. بۇ دەل John Schmid يەتتە ياشلىق قىزى Sarah قا ئاتاپ ئىجاد قىلغان كۈيى. ئەلۋەتتە قىزىمۇ بۇ مۇزىكىنى ئېنتايىن ياقتۇرۇپ قالغان. ئەڭ موھىمىSarah نىڭ ئەڭ ياقتۇردىغىنى دەل Taylor Swift.
NO. 4 Beyond— William Joseph
William Joseph نىڭ ئىككىنچى پىلاستىنكىسى 《Beyond》دىن ئېلىنغان بۇ كۈينى يامغۇر ياكى قار ياققان كۈنلىرى دەرىزە سىرتىغا قارىغاچ تۆۋەن ئاۋازدا ئاڭلاشقا ئامراقمەن. William Joseph ئامېرىكىدا ئەڭ نوپوزلۇق پىئانىنوچى ۋە مۇزىكا ئىشلىگۈچى. 2004- يىلىدىن باشلاپ قىسقىغىنە 4 يىلدىلا ئۇ ئامېرىكىدىكى ئەڭ نامى چىققان سەنئەتكارغا ئايلاندى. بۇنى ئۇنىڭ تەلىيى دىيىشكە قارىغاندا يەنىلا ئىقتىدارىنى ئېتىراپ قىلىش ئۇرۇنلۇق.
NO. 5 Psyche — Chris Spheeris
《EROS》ناملىق مەخسۇس پىلاستىنكىدىن ئېلىنغان. Chris Spheeris نىڭ مۇزىكىلىرى گىتتارنى ئاساس قىلغان. Yanni نىڭ تېز رېتىملىق قايناق ھېسىياتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئانچە-ئانچە مۇنچە ئاجىز تۇيۇلىشى مۈمكىن. لېكىن يېقىملىق ئۇدارى يەنىلا مەن ۋە دىيارىمىزدىكى گىتتار ھەۋەسكارلىرىغا ياقىدۇ دەپ قارايمەن.
NO.6 Still Water— Maksim Mrvica
Still Waters بولسا Maksim Mrvica نىڭ پىئانىنونى ئاساس قىلغان مەخسۇس پىلاستىنكىسى 《A New World》 تىكى ۋەكىل خارەكتىرلىك لېرىك كۈي. كورىيە كىنولىرىنى تولا كۆرىدىغان تورخۇمارلارغا نىسپەتەپ مۇشۇنداق يىنىك مۇزىكىلار بەك قۇلاققا خوش ياقامىكى دەيمەن. ئادەتتە مەنمۇ مۇشۇنداق مۇزىكىلارنى تولا ئاڭلايمەن. رېتىمى بەك تېز بوپ كەتسە بىشىم ئاغىرىيدۇ.
NO.7 Concerto Des Etoiles — Richard Clayderman
بەلكىم سىز Richard Clayderman ئاتلىق بۇ سەنئەتكارنى بىلمەسلىكىڭىز مۈمكىن. لېكىن قايسىدۇر بىرەر فىلىم ۋە ياكى ئوپىرا تىياتىرلاردا ئۇنىڭ 《Ballade Pour Adeline》مۇنداقلا ئاڭلاپ ئۆتۈپ كەتكەن بولىشىڭىز مۈمكىن. بۈگۈنمۇ شۇ مۇنداقلا ئاڭلاپ ئۆتۈپ كەتسىڭىز بولىدۇ.
NO.8 Eastern Sunset — Mehdi
《Instrumental Odyssey》دىن ئېلىنغان. مەن بەكمۇ ئاڭلاپ كەتمەيمەن. لېكىن يامان ئەمەس دىيىشكە بولىدۇ.
NO.9 Fly My Wish — Edelis
روسسىيەنىڭ بىرقەدەر داڭلىق بولغان مۇزىكا ئەتىرىتى Edelis نىڭ ۋەكىل خارەكتىرىلىك ئەسىرى. ئەگەر سىز رېتىمىنى ياقتۇرغان بولسىڭىز توردىن تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى ئاڭلاپ باقسىڭىز بولىدۇ.
NO.10 Exodus — Maksim Mrvica
مۇزىكا بېشىنى ئاڭلاپلا ئىنقىلاۋى قۇربانلارنى ياد ئەتتىڭىزمۇ قانداق ؟ «Exodus» بولسا ئىسىرائىلىيە دولىتىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى تەسۋىرلەنگەن كۈي. مەزكۇر كۈينىڭ MTV سىدە ئەڭ داڭلىقى يەنىلا كىرودىيەلىك پىئانىنوچى Maksim Mrvica ، ئۇنىڭ تالانتىغا ھەقىقەتەن قول قويماي تۇرالمايسىز.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [مــۇڭ كـۈيــلــەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: سەنئەت، سىمفۇنىيە، كۈي، مۇزىكا، ھوزۇرلىنىش
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 39,976 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 01-ئاينىڭ 25-كۈنى
- يازما مەنزىلى: 10-light-music.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > پەرھات تۇنىياز & دىلخۇمار دىلشات ئىجىراسىدا لىرىك كۈي–رىئاللىق ( ئۇيغۇرچە+ئىنگىلىزچە)
- كېيىنكى يازما > ھوللىۋود فىلىملىرىنىڭ يەنە بىر سىرى | دۇنياغا داڭلىق فىلىملەرنىڭ ئاساسى مۇزىكىلىرى ھەققىدە پاراڭ
- سىزما ھايات – فوتو-سۈرەت ۋە سىزما رەسىمنىڭ مۇكەممەل بىرىكمىسى
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- باشقىلار ماشىنىسىنىڭ ئەينىكى توپا بولۇپ كەتسە قانداق قىلىدىكەن، ئوبدان كۆرۈڭ
- ھەقىقىي مەنزىرىگە بىرلەشتۈرۈلگەن ئاجايىپ قالتىس كومىك رەسىملەر
- بولدى مېنى توسىماڭلار، خەير-خوش كۆپچىلىك، مەن رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگىلى ماڭدىم!
- گىرىم قىلىشنى بىر ياققا قويۇپ تۇرۇپ، ئېغىزىغا كارتون سىزىپ چىققان قىزچاق
- بور جېڭى 3.0 – بۇداقى قوراللار ۋەھشەتكەن، بور پالۋاننىمۇ ياساپ چىقىپتۇ بۇ گۇيلار!
- 24 سائەتنى بىر پارچە سۈرەتكە پىرىسلاپ كىرگۈزۈش، مانا يېڭىلىق دېگەن!
- فوتو-سۈرەت دەرىجىسىدىكى 3D سترېئولۇق رەسىملەر – رەسسامنىڭ قاتىلى مۇشۇنداق سىزىمىش!
- سىزدە سەنئەت سېزىمى بارمۇ؟ ئەمسە سەنئەتكار بىلەن 4 ياشلىق بالىنىڭ سىزغان رەسىملىرىنى پەرىقلەندۇرەلەمسىزكىن؟
مۇڭمۇ چەتنىڭ بولۇپ كەتتى، ھە…
دىۋاندا مەنمۇ ئولتۇرۇپ باقاي
تۇرۇپ تۇرۇڭ ھە ،ھىلى چۈشۈپ كېتىمەن
ئاللا! بىر دەقىقە كىچىكىپ قاپتىمەن يا!
داداش سىز قەشقەلىكما ؟ تۇرۇپ تۇرۇڭ ھېلى چۈشۈپ كىتىمە ، ئەجەپ كەپتۇ ما گەپ ، بىر يەلىرى قەشقەچە پۇراپ تۇرىدا ما گەپنىڭ
دۇكاندا ئادەتتە مۇشۇنداق مۇزىكىلانى قويۇپ قوياتتىم،رەخمەت جىمۇ ئىزدەپ يۈرەتتىم.
ئەمسە تاتىنمىدىم……
مەنمۇ دىۋاندا ئولتۇردۇم دەپ ئويلىغان…
يا ئاللا ئاخىرى ئولتادىڭلا دىۋاندا ، بايا كىرسەم ئەدەم يوقتى ، ئولتۇراي دەپ بۇلۇپ خىجىل بوپقالدىم ، كۈندە دىۋاندا ئولتۇرىۋىسەم سەت تۇرىدىغان ئوخشايدا ، بۈگەن بۇسۇغىدىلا ئولتۇراي
مۇڭلۇق ناخشىلاركەن، كۆپلىرىنى ياقتۇردۇم…
رەخمەت، بۇ ناخشىلار مۇڭلىقىدىن ئادەمگە بىرخىل ھۇزۇر بىغىشلايدىكەن… چۈشۈرۈپ ساقلىۋالدىم ، كۈندە يىڭى يوللاپ تۇرساڭلىچۇ كاشكى
يا ئاللا، موزىكا بولا ماشتا بولا، ئۇيقۇم كەلمەي ژۈرەتتىم نەچچە كۈندىن بېرى، ما موزىكىلارنى ئاڭلاپ مۈگە باسقىلى تۇردى
قايتا-قايتىلاپ چۈشۈرۈپ كەتتىم مانا، چاققان بولۇڭلار بولمىسا قالمايدۇ ما موزىكىلار
مەن قاتتىق ئامراقتە ساپ مۇزىكىلارغا…. رەھمەت. لېكىن تولا كىشىلەر ياقتۇرمايدىكەن…
يېنىك مۇزىكىلاركەن، كۆپ رەھمەت.
توۋا، موزىكىمۇ ئادەمنى ئاجايىپ ھاياجانغا سالىدۇ دىسە، بۇ موزىكىلارنىڭ بەزىلىرى تۇنجى مۇھەبىتىمنى ئەسلەتسە، يەنە بەزىلىرى ئىچكىردىكى 15 كۈنلۈك مۇساپىرچىلىقىمنى ئەسكە سالدى، يەنە بەزىلىرى مەكتەپتىكى شۇ گۈزەل دەقىقىلەرنى ئەسكە سالسا، يەنە بەزىلىرى ئۆلۈپ كەتكەن بوۋا-مومىلىرىمنى ئەسكە سالدى، يەنە بەزىسى تېخى نەشىكەش، قىماۋازلارنى قوغلاپ تۇتقان چاغلىرىمنى ئەسكە سالدى…… سىلەرمۇ كېچىدە جىمجىت يىتىپ ئاڭلاپ بېقىڭلار، ئۇنتۇپ كەتكەن ئەسلىمىڭىز ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىن…
مەن ماۋۇ 10 موزىكىنى ئاڭلاپ بولغىچە يۇقارقى ئەسلىمىلىرىم كونا كىنودەك بىر قېتىم غۇۋا قويۇلدى، مەن شۇ كىنو تۈگىگىچە مۇنداق بوپ كەتتىم….
يانفوندا چىقمايدىكەنغۇ بۇ مۇزىكىلار
چىقىدىغۇ، تۇنۇگۇن دەل مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خېلى ۋاقىت سەرىپ قىلىپ تەڭشىگەن.
ناھايتى ياخشى مۇزىكىلار ئىكەن.كۆپ رەھمەت.
بولدىغان موزىكىلار ئىكەن . ھەممىسىنى بىراقلا قويۇپ ئاڭلىسا بۇموزىكىلا تىخمۇ پەيزى بوپ كىتەمدۇ نىمە ؟
سىزمۇ مېنى دوراپ ھەممىنى بىراقلا قويۇپ بېقىپسىز ھە مەن ھەممىنى چۈشۈرىۋالاي دەپ بىراقلا قويغانتىم، بىر مىنۇت ئاڭلىغۇچە قىزىقارلىق بولىدىكەن دەپ ئويلىدىم، ئۇنىڭدىن كېيىن يۈرەك سوقۇشۇپ تىزلىشىپ كەتتى، يەنە بىر مىنۇت ئاڭلىغاندىن كېيىن ناھايتى چارچىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. (ھازىرمۇ سائەت ئىككى يېرىم بوپتىكەن) كېيىن مۇزىكىلار باشتىن ئاخىرى بولۇپ بىر باشتىن تۈگىدى …
مۇزىكىلار بەك ياخشىكەن . ھازىرچە ئىككىسىنى ساپ ئاڭلىدىم، قالغىنىنىڭ ھوزۇرىنى ئەتە سۈرەي …
Taylor Swift نىڭ يەتتە ياشلىق قىزى بارما ؟!؟!
مەنمۇ ھەيران قالدىم. بالىسى باردەك قىلمايتتى…
ئىسىم ئاملىشىپ قاپتۇ، ئەسلى John Schmid دىمەكچىتىم. Taylor Swift مەن بىلەن دىمەتلىك. ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسىلا يەتتە ياشلىق بالىسىنىڭ بولىشى مۈمكىن ئەمەس!
ۋاي ۋاي ياش تېخى ئۇ،15ياشلاردا تۇغۇۋالغان بولسا بىرگەپ ئەمدى
يانفۇندا راستىنلا قۇيۇلمىدى . مۇزىكا قىستۇرۇلغان ئۇرۇندا ھېچنىمە يوق
خەي مىنڭ. ipad. دا. چىقماي دۇغۇ.
مىنڭ ipad. دا. چىقمىدىغۇ
توۋا تېلفۇنغا ئۇيغۇرچە تۇنۇتمىسمۇ ئۇيغۇرچە تڭرخۇمارغا ئۇيغۇرچە ئىنكاس يازغىلى بۇلدىكەنغۇ ! مېنىڭ SONY LT 18i رىم دە خۇددى قۇتلان ئەقىلفونلىرىدەكلا چىكەتتى دىسە!
3.ناخشا taylor swift نىڭ That’sh Who I am دىگەن ناخشىسىنىڭ ئاھاڭىكەنغۇ
ھەي ياق مۇھەببەت ھىكايىسى(Love Story)دىگەن ناخشىسى راس.تورخۇمارغا ئىنكاس تەھرىرلەش ئىقتىدارى جىددى لازىم بولدىدە،Wordpressدە بۇ ئىقتىدار بارغۇ دەيمەن.
ىوبدان مۇزىكا,ىاۋۇ ھەمزە چىقمىدىيا ىالمىدا يازغان、قاندا قىلېپ يازغىلى بۇلدا?
كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ سول ئاستىدىكى 123 نى بېسىپ، ئاندىن / نى باسسىڭىز چىقىدۇ.
بەشىنچىسىنى ياقتۇردۇم
بەك يەڭگىل مۇزىكەن
ئاۋۇ ئىسرائىليىلىك مۇناپىكنىىڭكىدىن باشكىسى ياخشىكىن
قەبىھ مۇزىكىلار ئىكەن
ۋۇي
ئايفوندا بۇ مۇزىكىلارنىڭ ھېچقايسىسى قويۇلمىدا!؟ قويۇلىدىغاندەكمۇ ئەمەس… ھىم!