مېۋىچى نىنجا(Fruit Ninja) ئويۇنىنىڭ Windows 7 ئۇسلۇبى
مېۋىچى نىنجا(Fruit Ninja) بولسا بىر تۈرلۈك ئاددى كۆڭۈل ئېچىش تىپىدىكى ئويۇن. بۇ ئويۇن iPhone غا كىرگەندىن كېيىن، نۇرغۇن ئالما ھەۋەسكارلىرىنىڭ ياقتۇرۇپ ئوينىشىغا ئېرىشكەن ۋە ئىزچىل ئالقىشلىنىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى ئويۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ھالبۇكى بۇ ئويۇن كېيىن مىكروسوفتنىڭ XBox ئويۇن سۇپىسىغىمۇ كىرگەن بولۇپ، سىز مىكروسوفتنىڭ Kinect ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق XBox تا مېۋە چانىيالايسىز. ئالدىنقى كۈنى، مىكروسوفت يەنە ئاتايىتەن، Windows 7 نىڭ مېۋىچى نىنجا ئۇسلۇبىنى ياساپ تارقاتتى.
Windows 7 نىڭ مېۋىچى نىنجا ئۇسلۇبى گەرچە پەقەت بەش پارچە يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى(1920×1200) تەگرەسىم تەمىنلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئويۇندىكى زور مىقداردىكى ئاۋاز ئۈنۈمىنىمۇ ئۆزىدە تەمىنلىگەن، سىز Windows تا ھەرخىل مەشغۇلاتلارنى قىلغان چېغىڭىزدا ئاشۇ تونۇش ئاۋازلارنى قايتىدىن ئاڭلىيالايسىز.
تەگرەسىملەردىن ئىككى پارچە تاللانما:
ئۇسلۇبنى ئورنىتىش ئۇسۇلى:
چۈشۈرۈپ قوش چەكسەكلا كۇپايە.
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
Windows 7 نىڭ مېۋىچى نىنجا ئۇسلۇبى | مەنبە: torhumar.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تور بايلىقلىرى]
- ھالقىلىق ســــۆز: windows7,ئويۇن,ئۇسلۇب,سېستىما,گۈزەللەشتۈرۈش
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 09-ئاينىڭ 12-كۈنى
- يازما مەنزىلى: fruit-ninja-windows7-theme.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > NOKIA يانفونىنىڭ كلاسسىك قوڭغۇراق مۇزىكىسى Nokia Tune نىڭ كەچۈرمىشلىرى…
- كېيىنكى يازما > قەغەز زاۋۇت ۋە ئىشخانا-بۇلارنى كۆرسىڭىز سىزنىڭمۇ قەغەزلەرنى كېسىپ، چاپلاپ ئوينىغىڭىز كەپ كېتىدۇ!
بۇ نىمە ئىش
بىلوگدىكى يىڭى رىكوت
دىۋانىدا
مەنمۇ ياقتۇرۇپ ئويناپ قۇيىدىغان ئۇيۇنلارنىڭ بىرى
پەيزى ئويۇن بۇ، پات-پات يېڭى ئۇسلۇبلار بولسا يوللاپ تۇرسىڭىز بولاتتى.
رەھمەت! چۈشرىۋالدىم
يامان داڭلاپ كەتتى مۇشۇ ئويۇننى. ھېلىقى Xbox دىگەندە ئوينىغاننى كۆرگەن، بىر ئوينىساق بولاتتى. راست، ماۋۇ ئۇسلۇبنى چۈشۈرۈپ ساقلاپ قوياي. لازىم بولغاندا تاپقىلى بولماي قالمىسۇن.
ھەي، ماۋۇنىڭدا رېكورتىڭلار قانچە؟ بەسلىشىپ باقىدىغانلار بارمۇ؟
ئايفون يوق
مېنىڭ 400 گە يېقىنلاپ قالغانغۇ دەيمەن ئەڭ يۇقۇرى رىكورتى
دوستۇمنىڭ iPad سىدە بىر ئويناپ باققان، يامان پەچەت ئويۇنتى. ماۋۇ ئۇسلۇبىنىمۇ ساقلاپ قويىلى ئەمدى.
x10دىن ئايرىلغاندىن كېيىن بۇ ئويوننى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.فەچەت ئويۇنتى بۇ!؟
ئىككىمىز باكەنمىز..ھە بەگزادە
مەن پەقەت ئۇيناپ باقمىغان ئۇيۇنكەن.
..تورداشلار !! ياخشىمىسىلەر!! سىلەر بىلەن تورخۇماردا ئۇچۇراشقانلىقىمدىن ئىنتايىن خوشال!!!!!!!!!
باسقان قەدىمىڭىزگە مۇبارەك