ھەقىقىي ئادەم نۇسخىسىدىكى يەنە بىر يۇقىرى ئۈنۈملۈك فىلىم: 火影忍者(نارۇتو)
بىر يىل ئاۋال تورخۇمارغا يوللانغان «400 دوللار سەرپ قىلىپ ئىشلەنگەن 街霸 فىلىمى» ئېسىڭلاردىمۇ؟ فىلىمدە بىر قىسىم يۇمشاق دېتاللارنىڭ ياردىمى بىلەن ھەقىقىي ئۈنۈمدىكى بىر مەيدان كوچا زومىگىرى ئويۇنىدىكى دەھشەتلىك جەڭ كۆزىمىزنى ئالا-چەكمەن قىلغان ئىدى. بۈگۈن ئېلىپ كەلگىنىم، دەل شۇ فىلىمنى ئىشلىگەن Thousand Pounds Fight ئەترىتىنىڭ يېڭى ئەسىرى – نارۇتو فىلىمىدىكى نارۇتو بىلەن لى ئوتتۇرىسىدىكى جەڭدۇر!
فىلىمدىكى مۇھىت ۋە جەڭ كەيپىياتى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئەسلى ئەسەر «نارۇتو»غا ماس كېلىدۇ، ئەسلى ئەسەر ياپونىيەنىڭ بولغاچ، فىلىمدىكى ئارتېستلارنىڭ دېئالوگىمۇ پۈتۈنلەي ياپونچە، گەرچە ئاڭلىماققا سەل غەلىتىدەك تۇيۇلسىمۇ، بىراق يەنىلا خېلى راۋان دېيىشكە بولىدۇ، شۇنىڭ ئۆزىدىنلا بۇ ئىشتىن سىرتقى ئارتېستلارنىڭ كەسىپكە ھۆرمەتچانلىقىنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس. بەلكىم سېلىنمىنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلى، بۇ فىلىم نۆۋەتتە پەقەت بىر قىسىملا ئىشلەنگەن، Thousand Pounds Fight نىڭ يەنە داۋاملىق نادىر ئەسەرلەرنى سۇنىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىمىز!
iPad ،iPhone دا زىيارەت قىلغۇچىلار بۇ يەرنى بېسىپ كۆرۈڭ!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: جەڭ,قالتىس,كومىك,كىنو
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 03-كۈنى
- يازما مەنزىلى: naruto-vs-li.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ ھەقىقى iPhone5 ئىمىش، شەمشەر كۆزلۈك تورداشلار گۇۋاھلىق بېرىپ باقساڭلار!!!
- كېيىنكى يازما > GIF رەسىمنىڭ رەزمېرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ئۆزگەرتىپ بېرەلەيدىغان ھەقسىز كىچىك قورال – GIF Resizer
بۈگۈن بىر دىۋان ئىگەللەي،
راسىتىنلا 400دوللار بىلەن بىر قىسىم ئىشلىنىپتمۇ؟
ئەمما لېكىن «لى»نىڭ يامانلىقىنى بىر كۆرسىتىپ قويۇپتۇ…
مەن تىخى تۇنۇگۇن چ چ نىڭ ئىزدەش بىتىدە نارۇتو يىڭىلىقىنى ئۇقتۇرغاندا كۆرگەنتىم … بىردەمدە بىر يەرگە كەپ بولاپتۇ… ئاخىرىنى چىقاماپتۇ دىسە …لىكىن نارۇتونىڭمۇ تىخى چىقامىغان گۇمپىلىرى بار … قارشى تەرەپتىن تاياق يەپ ئىنىڭ ئەمىلى كۈچىنى كۆرىۋىلىش ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقى . تىخى 9 قۇيرۇقنىڭ كۈچىنى ئىشلەتمىدى تىخى …
ھەي لېكىنزە ماۋۇ كىچىك بالىلارنىڭ ئورنىغا چوڭ توپاقتەك ئادەمنى ئالسا ئانچە قاملاشمايدىكەن – بولۇپ ماۋۇ نارۇتونىڭ رولنى ئالغان ئاداش …
پەيزىكەن.. كارتون فىلىم كۆرۈشكە قىزىقمىغاچ بۇرۇن كۆرۈپ باقمىغان. ھازىر قىسقىچە كارتىنىسىنى كۆردۈم، بوپ قالىدىغاندەك قىلىدۇ.
ئاۋۇ ناروتونى كۆرۈپ سەت كۈلۈپتىمەن…
لى نىڭ توم قىشى گەۋدىلەنمەپتۇ…بۇ قانچىنقى قىسمى بولغىيتى؟
شۇ لىنڭ قىشغا بىر ئاز كۈچەپ قويغان بولسا ھە …
داۋامىغا تەقەززار …
ئوبدان ئىشلەپتۇ . ھەم ئوبدان سۆزلەپتۇ.
نوچى ئىشلەپتۇ جۇما، ئەمما لاسىنگاندىن بىرنى يەۋالدى ئاۋۇ مەشق ساڭرىڭى تاۋۇز شاپىقى .