نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > نـادىـر ئـويـۇنـلار > يازما مەزمۇنى

مۇھەببەت، ئازاپ ۋە تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىنتايىن ئۆزگىچە چىققان بىر دانە نادىر Flash ئويۇن

one-and-one-story

مۇھەببەت قاينىمىغا چۆككىنىمىزدە، شۇنىڭغا ماس ھالدىكى يېڭى بىر ھېكايىمۇ باشلىنىدۇ. بۇ ھېكايىلەر بىرنىڭ كەينىدىن بىرسى ئۇلىشىپ دېگۈدەكلا ئېيتىلىدۇ ۋە بىزنىڭ يېتىلىشىمىزگە ئىزچىل ھەمرا بولىدۇ. چۈنكى مۇشۇنداق بىر گۈزەل ھېسسىيات بولغىنىدا، چۈنكى ئۇنداق ياكى مۇنداق ھېكايىلەر ئېيتىلىپ تۇرغاچقا، بىز بارا-بارا قاسراق تاشلايمىز، باشقىلار بىزگە سەل قارىمايدىغان ھالەتكە كېلىمىز. مۇھەببەت خۇددى ساندۇق ئىتتىرىش ئويۇنىغا ئوخشاش، ئىككى شەخىس ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا ئىنتىلىش، ھەمكارلىق، ۋە شۇنىڭدەك ئىككىيلەنگەن ئورتاق تەۋە بولغان ھېكايىلەرنى ئىتتىرىش ئارقىلىق تېخىمۇ تەرەققى قىلىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ مەزكۇر ئويۇندىن ئۆزگىچە زوق ئالالىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!


ئويۇننى ئويناش ئۇسۇلى:

Start نى بېسىپ ئويۇننى باشلايمىز. Chapter Selection ئارقىلىق ئويۇننىڭ ھەرقايسى ئۆتكەللىرىنى تاللاشقا بولىدۇ. Bonus Mode بولسا مۇكاپاتلىق ئۆتكەللەرنى كۆرسىتىدۇ. Z/C كۇنۇپكىسى ئارقىلىق ئادەم ئالماشتۇرىمىز، يۆنىلىش كۇنۇپكىسى ئارقىلىق يۆتكىلىش ۋە سەكرەشنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ. ئويۇندىكى ئۆتكەللەرنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، قىزنى كونترول قىلىشنىڭ ئۇسۇلىمۇ ئوخشىمايدۇ.

ئويۇننىڭ مەقسىدى، يىگىت ۋە قىزنى بىر ئاماللار بىلەن بىر يەرگە جەم قىلىشتىن ئىبارەت. ئۆزىڭىزنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ ئىشلارغا تۇتۇش قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتقانسىز ھە؟!! ھاھاھاھا! ئەمىسە قېنى مەرھەمەت!



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. بۆرە 2012.01.12 , 21:32 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇمۇ دىۋان.

  2. رىۋايەت 2012.01.12 , 21:32 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يەنە دىۋانمۇ نېمە بۇ؟:?:

  3. رىۋايەت 2012.01.12 , 21:33 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەمدى قارىسام يوق تۇراتتى كىيىن قاپتىمەن

  4. قۇتبىلىك 2012.01.13 , 00:42 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەشىنچى مەلىكىنىڭمۇ ۋىسالىغا يىتىۋەتتىم:mrgreen::grin:

  5. ئەززام 2012.01.13 , 04:14 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    3366.com نىڭدىمۇ مۇشنىڭغا ئوخشاپراق كېتىدىغان بىر ئۇيۇن بارتىغۇ ، 森林冰火人 ،森林冰火人2 دەپ . لىكىن ئەمما شۇ ئۇيۇننى ئويناپ شاما قىلىۋىتىپتىكەنمە ، ماۋۇ ئۇيۇننىمۇ قىلچە تېنىمەيلا the end نى چىقىرۋاتتۇققۇ.

  6. مەن شۇ 2012.01.13 , 09:59 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كەمپىر بولىدىغان ئىشكەندە بۇ

  7. سوفىيە(مەلىكە) 2012.01.13 , 12:04 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇماردىكى دوسلار بىلەن تۇنۇشقىنىمدىن خۇشالمەن.

    • زۇليار 2012.01.13 , 15:29

      تورخۇمارغا كەلگىنىڭىزگە مۇبارەك:oops:

  8. تەقەززا 2012.01.13 , 12:37 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بولىدىغان ئويۇنكەن، بۇ ئىككى مەشۇقنى تەڭ كونترول قىلىپ ئوينايدىغان يەرلىرىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى خېلى يۇقۇرىكەن

  9. ۋىروس 2012.01.13 , 13:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىسمىللىسىغا بىرىنچىسىدىن ھېچ ئۆتەلمىدىم ، خوتۇندىن تەلىيىم كەلمەمدۇ قانداق ؟

    • روھچىن 2012.01.15 , 18:47

      ئۇغۇلنىڭ ماڭغۇدەك يۇلى قالمىغاندا قىز كىلىدىكەن

  10. باتۇرخان 2012.01.13 , 20:01 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    چۈشۇرۋالغىلى بولمامدا؟ ئالدىرماي ئويناي دىسەم….

  11. روھچىن 2012.01.15 , 18:47 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    android نۇسقىسى بولغان بولسا تازا بىر ئوينايدىكەنمەن

  12. ۋەتەن 2012.01.29 , 19:39 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كەچۈرمۈشلىرىم يادىمغا چۈشتى:cry:

  13. ئوۋچى 2012.02.01 , 00:12 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بولدىغان ئويۇنكەن ،لىكىن تۇگەپ كەتتى..

  14. مەرگەن 2012.09.30 , 17:29 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تور خۇمار ھەقىقەتەن تور خۇمارلارنىڭ كۇلۇبى
    ماۋۇ ئويۇننى چۈشۈرگىلى بولسىچۇ….ھەييييييييييييي!
    بەك ياخشى كەن ،ئاخرى ئۆتۈپ بولدۇم ،تۇلىمۇ مەنىلىككەن.
    كۇلۇبقا تىزىملىتىپ ئەزا بۇلۇپ كىرەي دىىگەن…….
    قانداق مەشغۇلات قىلىمىز/?ئۇنداق ئىقتىدار ئېچىۋىتىلمىگەنمۇ يە؟

  15. ئىرادە 2013.02.04 , 01:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاخىرىدا توي تەكلىپ قويۇپ تۈگەيدىكەن!! بىردەمدىلا ۋىسالىغا يەتكۈزۈپقويدۇم ،ئاشىق-مەشۇقنې!:wink:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量