نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

ئەسلىدە ئەۋلىيا پېشۋاسى ۋۇكۇڭنى كۆيدۈرگەندە ئازراق خىمىيە ئۇققان بولسا ئەرش مالىمانمۇ بولماسكەندۇق

sunwukong-mexpiyetlik

غەرپكە ساياھەت فىلىمىدىكى ئەرشنى مالىمان قىلىش ناملىق ۋەقەلىك ھەممىمىزنىڭ يادىمىزدا بولسا كېرەك. شۇ ۋاقىتتا ئەۋلىيا پېشۋاسى ۋۇكۇڭنى سەككىز قۇرى ئوچىقىغا سېلىپ يەتتە يەردە يەتتە 49 كۈن كۆيدۈرىدۇ. بىراق ئاخىرىدا ۋۇكۇڭ كۆيۈپ كۈلگە ئايلانماستىن بەلكى ئوچاقنى پارتىلىتىپ چىقىپ ئەرشنى مالىمان قىلىپ ھەممىنى سارەسىمىگە سېلىۋېتىدۇ، ئەگەر ئەينى چاغدا ئەۋلىيا پېشۋاسى ئازراق خىمىيە ئۇققان بولسا بەلكىم شۇ پېشكەلچىلىكلەرمۇ يۈز بەرمەسلىكى مۇمكىن ئىدى…

نېمىشقا دەمسىز؟ ئەۋلىيا پېشۋاسىنىڭ ۋۇكۇڭنى كۆيدۈرۈپ كۈلگە ئايلاندۇرالماسلىقىدىكى ھەقىقى سەۋەپ: ئەينى زاماندىكى ئېكسىر نايات تاۋلايدىغان ئوچاق كۆمۈر قالايدىغان ئوچاق بولۇپ، تېمپراتۇرىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندىمۇ 1200 سېلسىيە گرادۇسقا چىقاتتى، بىراق ۋۇكۇڭ بولسا تاشتىن تۆرەلگەن تاش مايمۇن، ئاساسلىق تەركىبى سىلتىسىي تۆت ئوكسىد، سۇيۇقلاندۇرۇش نۇقتىسى 1600 سېلسىيە گرادۇس ئەتراپىدا، بۇ ئەھۋالدا ئەۋلىيا پېشۋاسىنىڭ ئۇ ئوچىقى ھەقىقەتەن ۋۇكۇڭنى ئېرىتىۋېتىشى مۇمكىن ئەمەس! ئازراق ئوقۇغان ئادەم بولسا بۇنى ئەلۋەتتە بىلەلەيدۇ.

مەنچە يۇقىرى بايانلارنىڭ ئازراق ئاساسى بار، ئۇنداقتا ۋۇكۇڭ تاۋلانغاندىن كېيىن نېمىشقا كۆزلىرىدىن ئاتەش كەبىي نۇرلار چاقنايدىغان بولۇپ كېتىدۇ؟

ئەسلىدە سىلتىسىي تۆت ئوكسىد سەككىز قۇرى ئوچىغىدا تاۋلانغان چاغدا 1200 سېلسىيە گرادۇسلۇق يۇقىرى تېمپراتۇرىدا ئەينەك جىسىمغا ئايلانغان بولۇپ، شۇڭا  بۇ بىر جۈپ كۆز جىن-ئالۋاستىلارنى ئىنتايىن ئاسانلا پەرقلەندۈرەلىگەن، بۇ كېيىنكى نوم سەپىرىدە ھەتتا ۋۇكۇڭنىڭ قوغلىنىشىغىمۇ سەۋەپ بولغان.

ئۇنداقتا ئەڭ ئاخىرىدا سەككىز قۇرى ئوچىغى نېمىشقا پارتىلاپ كېتىدۇ؟
ئەسلىدە ۋۇكۇڭنى تەشكىل قىلغۇچى ئېلىمېنتلار پەقەت سىلتىسىي تۆت ئوكسىدلا بولۇپ قالماستىن، يەنە بىر قىسمى كالتىسىي كاربوناتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان، سەككىز قۇرى ئوچىغىنىڭ 1200 سېلسىيە گرادۇسلۇق تېمپراتۇرىسىنىڭ تەسىرىدە، كالتىسى كاربونات پارچىلانغان: CaCO3==CaO+CO2. سىلتىسىي تۆت ئوكسىد ئوچاقنىڭ ئىچىدىكى بېسىم ئاستىدا كېڭىيىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئوچاقنىڭ پارتىلاپ ئېچىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، شۇ سەۋەبتىن ۋۇكۇڭمۇ ئوچاقتىن سەكرەپلا چىقىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس!

ئۇنداقتا ۋۇكۇڭ ئوچاقتىن چىققاندىن كېيىن نېمىشقا ئەسەبىيلىشىپ كېتىدۇ؟
چۈنكى ئۇنىڭ تېنىدىكى كالتىسى كاربونات كالتىسى ئوكسىدقا ئايلانغان بولۇپ، ھاۋادىكى سۇنى سۈمۈرگەندىن كېيىن خىمىيەلىك رېئاكسىيە يۈز بېرىپ قىززىشقا باشلايدۇ، شۇ سەۋەبتىن ۋۇكۇڭنىڭ كاللىسى تېخىمۇ قىززىپ ئەسەبىيلىشىپ كەتكەن.

ئۇنداقتا ۋۇكۇڭ كېيىن قانداقسىگە يەنە مۇلايىملىشىپ كەتكەندۇ؟ يەنە تېخى تاڭسىڭغا ئەگىشىپ نومغا باردىغۇ؟
ئەسلىدە ۋۇكۇڭ تاغ ئاستىغا 500 يىل باستۇرۇلۇپ ياتقاچقا، ئۇزۇن يىللاردىن بېرىپ شامال ۋە ئاپتاپنىڭ تەسىرىدە ۋۇكۇڭنىڭ تېنىدىكى كالتىسى ئوكسىد يامغۇر سۈيىنى سۈمۈرۈپ ئارقىدىن كالتىسى ھىدروكسىدقا ئايلانغان، شۇ سەۋەبىدىن ئۇنىڭ خاراكتېرىدىمۇ روشەن مۇلايىملىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن.

ئۇنداقتا كېيىن ۋۇكۇڭ نېمىشقا ئەۋلىيا بولالايدۇ؟
ئەسلىدە غەرپكە ماڭغان يولدا، ۋۇكۇڭنىڭ تېنىدىكى كالتىسى ھىدروكسىد يەنە توختىماي كاربون تۆت ئوكسىدنى سۈمۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا غەرپكە بارغاندىن كېيىن يەنە كالتىسى كاربوناتقا ئايلانغان، بەدىنى يەنە ئەسلىدىكى مۇستەھكەم ئالتۇن تەنگە ئايلانغان!

قوشۇمچە: «غەرپكە ساياھەت» قىلىش مۈشكۈلاتىدىكى ئاشۇ بىر قىسىم قىزىقارلىق ئىشلار



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ۋەتەن 2012.01.25 , 23:41 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ھەقىقەتەن بىر ياخشى ماقالىكەن جۇمۇ، بۇرۇن كۆرگەن بولسام ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسى قىلىۋالاركەنمەن بۇنى:mrgreen:

  2. ۋەتەن 2012.01.25 , 23:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇمارنىڭ سەككىزقۇرى ئوچىقىدا دىۋانچىلارنى بىركۆيدۈرۈپ باقساق دەيمەن، ئۇلارنىڭ يانپىشىنىڭ تەركىبى نېمىكىن :arrow:

  3. چوغلۇق 2012.01.25 , 23:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇرۇن كىچىك ۋاقىتلىرىمدا بەكمۇ ياقتۇرۇپ كۇرەتتم .ھىلىھەممۇ ياقتۇرۇپ كۆرىمەن ، ئەمدى قارىسام بەك سۈنئى ئىشلىگەن فىلىمكەن بۇ ،شۇ ۋاقىتلارنىڭ سەۋىيەسى شۇنداق بولغاندىكىن ئامال يوقتە ئەمما . سۇنۋۇكۇڭنىڭ جاھاندا قىلالمايدىغان ئىشىمۇ بارمىدۇ ھە ؟!!!!!!!!!:idea:

  4. ئەرك 2012.01.26 , 01:25 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەمىلىيەتتە ئەۋلىيا پېشۋاسىنىڭ ۋۇكۇڭنى سەككىز قۇرى ئوچىقىدا كۆيدۈرىشىنىڭ سەۋەبى ئۇنى ئۆلتۈرۈش ئەمەس بەلكى ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ ‹ئالتۇن كۆز› گۇمپىسىنى ئۆگۈتۈپ قۇيۇش. چۈنكى،بىرىنجىدىن ۋۇكۇڭ سەككىز قۇرى ئوچىقىنى گۈرزىسى بىلەن چېقىپ چىقىدۇ، بۇ گۈرزە بولسا دەل ئەۋلىيا پېشۋاسى ئۆزى سەككىز قۇرى ئوچىقىدا تاۋلاپ چىققان،جاھاندىكى ھەرقانداق نەرسىنى چېقىۋىتەلەيدىغان گۈرزە، راس ئۆلتۈرگۈسى بولسا ئاۋال ئۇ گۈرزىنى تارتىۋېلىپ ئاندىن كۆيدۈرمەمدۇ؟ دىمەك ئەۋلىيا پېشۋاسى بۇ يەردە ۋۇكۇڭغا بىر ئارقا يول بەرگەن. ئىككىنجىدىن، سەككىز قۇرى ئوچىقىنىڭ ئوتى بولسا جاھاندىكى ھەرقانداق نەرسىنى كۆيدۈرەلەيدىغان ئوت،كالا دىۋىنىڭ بالىسى قىزىل باشلىق تۈگۈنەك جېنىدا ۋۇكۇڭنى كۆيدۈرۈپ يېرىم جان قىلىپ قۇيىدۇ، بۇ ئوت سەككىز قۇرى ئوچىقىنىڭ ئوتى ئالدىدا ھېچنىمە ئەمەس. دىمەك ئەۋلىيا پېشۋاسى ۋۇكۇڭنى كۆيدۈرگەندە ساختا ئوت ئىشلەتكەن.

    • مەستانە 2012.01.26 , 12:08

      بۇ رىۋايەتنىڭ مۇنداقمۇ ۋارىيانتى باركەندە؟!:!:

  5. مىسكىن 2012.01.26 , 12:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىنكاس ئىگىسى قاتىلكەنغۇ!:grin:

  6. ۋەتەن 2012.01.26 , 12:46 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    غەرىپكە ساياھەتتە جۇڭگوچە مۇناسىۋەت تورى بەك ياخشى يورۇتۇپ بېرىلگەن. ئەرشتىن -پەرىشكىچە مۇناسىۋەت بىلەن ئىش بېجىرىلىدۇ. ئۇندىن باشقا بىر نۇقتا ، يەر-يۈزىدە ئەسكىلىك قىلغانلارنىڭ تولىسى، ئەرىشتىكى رەھبەرلەرنىڭ ئەرمەك ھايۋانلىرى. ۋۇكۇڭ تولىسىنى ئۆلتۈرگۈسى بولسىمۇ، پىچىقى كەسمەي، ئۇلارنىڭ ئېگىسىنى ئىزدەپ تېپىپ ھال ئېيتىدۇ. ئاندىن ئۇلار كېلىپ، جىنايەتچىنى ئەرشكە يۆتكەپ ئېلىپ كېتىدۇ…:mrgreen:

    • radiofan 2012.01.26 , 15:18

      ئىگىسى يوق ئادەتتىكى ئالۋاستىلارنىڭ ھەممىسى ئۇرۇپ ئۆلتۇرۋىتىلىدۇ ….

    • ئويغۇرباي 2012.02.02 , 21:06

      :mrgreen:
      بەرھەق

  7. چايان 2012.01.26 , 17:59 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    شۇئاچچىق ساۋاقتىن كىيىن ئىگىسى يوق ئادەتتىكى ئالۋاستىلار ھىچ ئىش قىلالمايدىغان ئىگىسى بار ئالۋاستىلار جاھاننى قالايمىقان قىلىدىغان گىپىنى ئاڭلىمىغانلارنىڭ ئىككى پۇتنى بىرئۇتۇككە تىقىدىغان بوپكەتكەن گەپ:lol:

  8. مەخپىي 2012.01.26 , 21:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئالتۇن كاسسىنى بەرمىسە ھەقىقىي نومنىمۇ ئالالمايدۇ.
    خۇداسىمۇ پارا يەيدىغان تۇرسا تېخى …

  9. نامەلۇم 2012.01.27 , 03:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يەنە تىخى، سۈنۋۇكوڭغا ئوخشاش مۇناسىۋەت دائىرىسى كەڭرى بولسا بىر ئىسقىرتىپ قويسا ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرالايدۇ، مۇناسىۋەت دائىرىسى تارلىرى شامالمۇ چىقىرالمايدۇ…
    ئاخىرىدا، ھىلىقى تاشپاقىمۇ تاپىلىغان ئىشنى قىلماپسىز دەپ ئۇلارنى سۇغا تاشلىۋىتىدىغۇ تىخى…بوپتۇ، ساۋاب بولا دىمەي،ھا ھا ھا….

  10. ئوغلان 2012.01.27 , 23:22 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي ھەي بۇگەپلەرگە نىمەدىگۈلۈك ئەمدى.:mrgreen:
    بۇتېمىغۇ بەك ياخشى يېزىلىپ تۇ ئەمما زە مۇشۇ كىنونى كۈرۈپ يۈرۈپ ئاغزىمىزدىن گۇناھقا پېتىپ قالامىزمىكىن دەيمەن.ئەرشنى مالمان قىلىش، يەر مۇئەككىلى، چاقماق مۇئەككىلى دىگەندەك.ئەرشنى مالمان قىلىش كىمنىڭ قولىدىن كىلەتتى دەيسىلەر؟نەئۇزىبىللا

  11. ئۇيغۇربەگ 2012.01.28 , 12:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ما تىمىغا سۈپەتلىك ئىنكاسلار ئۇقۇشماي چۈشۈپ قاپتۇدە!

  12. مەنگۈنۇر 2012.01.28 , 20:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋەتەن ئەجەپ توغرا گەپ قىپتا…….

  13. ئوۋچى 2012.01.30 , 13:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ سىناپ باقاي..

  14. مەرۋايىت 2012.01.31 , 15:21 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەركنىڭ بايانلىرىنىڭ ئاساسى بار:mrgreen::mrgreen:

  15. ئويغۇرباي 2012.02.02 , 21:04 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھاھاھا… ۋۇاكۇڭنىڭ فىزىكىلىق ، خىمىيىلىك خۇسۇسىيەتلىرىكەنغۇ بۇ …:mrgreen:
    ھەقىقەتەن قىزىقارلىق ئىكەن .

  16. SuperBoy 2012.10.18 , 12:57 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ فىلىمنى ئىشلىگىچە خىمىيەنى خېلى تەتقىت قىلىپتۇ دە.:arrow:
    ئەركنىڭ يازغان ئېنكاسىنىڭمۇ ئاساسى بار.:evil:

  17. ئۇيغۇر05 2013.11.08 , 19:12 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇرۇن كىچىكلىكىمدە مەنمۇ شۇنداق ياقتۇراتتىم . ھازىر بىلسەم بۇ ئەسلى بىر كاللا يۇيۇش ئىكەن . شۇڭا ھەر تەتىلدە قويۇۋاتىدۇ بالىلارنى كۆرسۇن دەپ . شۇڭا بۇنى ئەمدى مۇنازىرە قىلىشنىڭ ئورنى يوق . نىمە ئۇ ئەرشنى قالايمىقان قىلىش دىگەن . بۇنداق گەپلەرنى ئەڭ ياخشىسى ئويلاپ دەيلى . ئېغىز كۇپۇرلىقى يامان بۇرادەرلەر.

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量