نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > يۇمشاق دېتاللار > يازما كۆرۈش

GIF رەسىمنىڭ رەزمېرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ئۆزگەرتىپ بېرەلەيدىغان ھەقسىز كىچىك قورال – GIF Resizer

gif

GIF رەسىمنىڭ رەزمېرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ئۆزگەرتىش ھەمىشە ئادەمنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان بىر مەسىلە. مەسىلەن، بەزىدە QQ پاراڭلىشىۋاتقان چېغىمىزدا، بىرەر ھەرىكەتچان چىراي ئىپادىسىنى ئەۋەتمەكچى بولساق، رەسىمنىڭ رەزمېرى بەك چوڭ بولۇش سەۋەپلىك يوللانمايدىغان ئەھۋال بولىدۇ، ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇ چاغدا GIF Resizer بىزگە دەل ئەسقاتىدىغان قورالدۇر!


GIF Resizer نى ئىشلىتىش ئۇسۇلى

GIF Resizer نى چۈشۈرگەندىن كېيىن، قوش چېكىپلا قوزغاتساق بولدى، قاچىلاش پۈتۈنلەي ھاجەتسىز! بۇ يەردە ئېنگلىزچە نەشىرىنى مىسال ئېلىپ چۈشەندۈرەيلى!

image

A. كۇنۇپكىنى چېكىپ، رەزمېرىنى ئالماشتۇرماقچى بولغان GIF رەسىمنى تاللايمىز
B. بۇ يەرنى چەكسەك، ئالماشتۇرۇلغاندىن كېيىنكى رەسىمنى ساقلايدىغان ئورۇننى تاللاپ بەرگىلى بولىدۇ
C. بۇ يەردىن GIF رەسىمنىڭ كەڭلىكىنى بەلگىلەپ بېرىمىز
D. بۇ يەردىن GIF رەسىمنىڭ ئېگىزلىكىنى بەلگىلەپ بېرىمىز
E. بۇ يەرنى تاللاپ قويساق، ئەسلى رەسىمنىڭ ئېنىقلىقى بويىچە ساقلاپ بېرىدۇ
F. بۇ يەرنى تاللاپ قويساق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك GIF رەسىمگە ئېرىشەلەيمىز، بۇ تەڭشەك ئەسلى رەسىمنىڭ رەزمېر ئالماشتۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئېنىقلىقىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى يۇقىرى دەرىجىدە توساپ قالالايدۇ، ئەمما، رەسىمنى ئايلاندۇرۇش ۋاقتىمۇ بىر ئاز ئۇزىرايدۇ.
G. بۇ يەرنى چېكىپ رەسىمنى ئايلاندۇرۇشنى باشلىساق بولىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك چۈشۈرۈش مەنزىلى:

GIF Resizer نى چۈشۈرۈش    |    مەنبە: torhumar.com

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 6 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
  1. دولقۇن731 : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇنى مەش ئىسلىتىپ باققان، يامان ئەمەس دېتال بۇ.

    • دولقۇن731 :

      تازا بىر مازاق قىلىدىغان بولدىڭلار ئىملايىمنى.

  2. مېستىر01 : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مازاق قىلمايمىز،ھى ھى ھى ھى . :oops:

  3. سەھرالىق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سىلە «باققان» ئەمەسمۇ بۇ دېتالنى دولقۇنجون :mrgreen:

  4. ھارماس : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەمما ئىقتىدارى كۈچلۈك قۇرال بۇ. بۇغراجان «ناۋات»تەك گەپلىرىنى باشلاپتۇ مانا.. :grin:

  5. ۋەتەن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    توپ بىرتەرەپ قىلىش ئىقتىدارى بارمىدۇ بۇدېتالنىڭ؟

 汗