نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > كىچىك تېخنىكىلار > يازما مەزمۇنى

Windows 7 گە يوشۇرۇنغان ئېكراننى سۈرەتكە تۇتۇش ئىقتىدارى – تەدبىر خاتىرىلىگۈچ

Windows 7 گە يوشۇرۇنغان ئېكراننى سۈرەتكە تۇتۇش ئىقتىدارى - تەدبىر خاتىرىلىگۈچ

كومپيۇتېر ئىشلەتكىلى خېلى ئۇزۇن بولغانلارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ: شۇنداق بىر كۈنى كومپيۇتېردىن مەسىلە چىقىپ قالىدۇ، مەلۇم بىر مەشغۇلاتنى ئۇنتۇپ قالىمىز، شۇ سەۋەپتىن باشقىلاردىن ياردەم سوراشقا ياكى باشقىلارغا ياردەم قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ چاغدا بىز باشقىلارنىڭ ئوخشاش مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە، قانداق قىلىپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىدىغانلىقىغا قىزىقىمىز ۋە تەپسىلىي بىر دەرسلىك بولسىكەن، ياكى مەشغۇلات ئۇسۇلىنى تەپسىلىرەك كۆرۈپ ئۆگىنىۋالغان بولسامكەن دېگەندەك خىياللاردا بولىمىز. ئەمما ھەرخىل شارائىت چەكلىمىلىرى تۈپەيلى، بەزىدە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشكە، يۈز-تۇرانە ئولتۇرۇپ كۆرسىتىپ قويۇشقا مۇمكىن بولماي قالىدۇ. مەشغۇلات ئۇسۇلىنى باشقىلارغا يېزىپ بەرسەكمۇ، باشقىلارنىڭ ئۇنچە ئاسان چۈشىنەلىشى ناتايىن.

ئەمەلىيەتتە، Windows 7 ئۆزىدە «تەدبىر خاتىرىلىگۈچ(مەن مۇشۇنداق ئاتىۋالدىم)» دەيدىغان بىر ئېكران سۈرەتكە تۇتۇش قورالى تەمىنلىگەن بولۇپ، يۇقارقىدەك ئېھتىياجىمىزدىن ناھايىتى ياخشى چىقالايدۇ دېيىشكە بولىدۇ. بۇ ئىقتىدار Win7 نىڭ ئۆزىدە تەمىنلەنگەن بولغاچ، ھېچقانداق بىرەر يۇمشاق دېتال چۈشۈرۈش ھاجەتسىز. بىۋاستە مەشغۇلاتنى سۈرەتكە تۇتۇپ، ئاندىن باشقىلارغا ئەۋەتىپ بەرسەكلا بولدى.

كۇنۇپكا تاختىسىدىن Win+R نى(win دېگەن windows نىڭ تۇغى بار كۇنۇپكا شۇ!) باسساق 运行 كۆزنىكى كۆرۈنىدۇ، ئاندىن psr.exe نى كىرگۈزۈپ Enter نى باسساقلا، تەدبىر خاتىرىلىگۈچ قوزغىلىدۇ!

Windows 7 گە يوشۇرۇنغان ئېكراننى سۈرەتكە تۇتۇش ئىقتىدارى - تەدبىر خاتىرىلىگۈچ

开始记录 كۇنۇپكىسىنى باسساق، تەدبىر خاتىرىلىگۈچ ئېكراننى سۈرەتكە تۇتۇش ھالىتىگە ئۆتىدۇ. بىز تەلەپ بويىچە مەشغۇلاتلارنى ئورۇندىساقلا كۇپايە، بىزنىڭ ھەر بىر مائۇس چېكىشىمىز بىر سۈرەت شەكلىدە تۇتۇپ ساقلىنىدۇ.

مەسىلىلەر ئۈچۈن ئىزاھات بېرىپ مېڭىش

ناۋادا مەلۇم مەشغۇلات ئۈچۈن ئازراق يازمىچە چۈشەنچە بېرىپ قويماقچى بولساق، 添加注释 كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، يازمىچە ئىزاھات بېرىپ قويساق تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. بۇ چاغدا قارشى تەرەپنىڭ مەسىلىنى چۈشىنىشىگە بەلكىم تېخىمۇ كۆپ ياردىمى تېگىشى مۇمكىن.

ئېكراندىن تۇتۇلغان ھۆججەتنى ساقلاش

سۈرەتكە ئېلىش ئاخىرلاشقان بولسا، 停止录制 كۇنۇپكىسىنى باسساق سۈرەتكە ئېلىش توختايدۇ ۋە خالىغان بىر نامدا ساقلاشنى تەۋسىيە قىلىدۇ، نام بېرىپ جەزملەشتۈرسەك، شۇ نامدا كېڭەيتىلگەن نامى zip بولغان بىر پرېس ھۆججەت بەلگىلىگەن مەنزىلگە ساقلىنىدۇ.
بۇ پرېس ھۆججەتنى يايساق، بىر دانە MHTML ھۆججىتىنى بايقىيالايمىز، بۇ MHTML نى قوش چېكىپ ئىجرا قىلساق، بىزنىڭ بايامقى مەشغۇلاتلىرىمىز تەپسىلىي ھالدا كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ. بۇنى ھەتتا پرويېكسىيە شەكلىدە قويۇشقىمۇ بولىدۇ، باشقىلارغا بىرەر مەسىلە چۈشەندۈرۈشتىمۇ بەك قولايلىق، شۇنداقمىكەن؟



无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 8 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [كىچىك تېخنىكىلار]
  • ھالقىلىق ســــۆز: ، ،
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: win7-psr.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. بۆرەئوغلى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىلىۋالدىم… رەھمەت!

    تەكلىپ: تېلڧۇن يۇمتاللىرىنىمۇ تونۇشتۇرۇپ قويسىڭىزspb ,slideunlock….دېگەندەك جانغا ئەسقاتىدىغانلىرىنى. سىزنى داۋاملىق قوللايمەن!

  2. ئۇيغۇربەگ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سىنغا ئالىدىغىنى بارمۇ؟

  3. ياۋايى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋىندوۋىس 7 نىڭ مۇشۇ يىرى ئوشۇقكەن ھە …ھى ھى ھى سۇرەتنىڭ ئوچۇقلۇق دەرىجىسى ياخشىدۇ ھە …

    بۇ توغرۇلۇق دىتاللارمۇ كۆپ … لىكىن ياخشىسى ئاز .

  4. سندىبات : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن بۇ يېڭىلىققا قاچانمۇ كۈچەرمەن !پىرىنتىر،سايىلىغۇچ قاتارلىق ئۈسكۈنىللىرىمنى تۇنۇتالمىدىم.شۇڭا يەنىلا كونا دوستۇم بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىمەن!

  5. ئۆگەنگىن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بولسا بۇنى قاچىلاشنى دەرسلىك قىلىپ سۆزلەپ قويسىڭىز.
    بۇنى قاچىلىساق بۇرۇنقى بىرنەرسىلەر يۇيۇلۇپ كېتەمدۇ بىلمىگەچكە ھازىرغىچە يەنىلا كونا دوست بىلەن بىللە. :oops:

  6. ياشلىق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن سىناپ باقتىم، ناھايىتىمۇ قولايلىق ھۈنەركەن بۇ~!! win7 نى ئىشلىتىۋاتقىلى بىر يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ بۇنى ئەمدى بىلىپتىمەن ~~ دېمىسىمۇ windows 7 ۋىندوۋىسنىڭ بۇرۇنقى نۇسقىلىرىدىن جىق ياخشى :neutral:

  7. kuklam7 : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    windowsxpنڭ بۇنداق ئىقتىدارى يوقمۇ؟

  8. ئۆزيول : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ساقلاش مەنزىلى چىقمىدىغى ، بۇ ئەھۋالدا ھۆججەتنى نەدىن تاپىمىز ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟






باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)